قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساۋاتىنى تولۇق چىقارغىلى بولىدۇ؟ بەزى ئوقوغۇچىلار 1 - 2- يىللىقتا مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ياخشى ئوقۇيالمايدۇ. شۇڭا بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مەكتەپكە كىلىشكە قىزىقىدىغان ،دەرس ئۈگۈنۈشكە ئاكتىپ،پىكىر قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلىپ تەربىيلەيمىز دەيدىكەنمىز ،چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر يولىنى بوغۇپ قۇيماسلىقىمىز كىرەك.ئاۋال ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمىزدەك ئەركىلىتىشىمىز، ئوينىتىشىمىز،ئائىلە بىلەن مەكتەپنى سىلىشتۇرۇپ،ھەرئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كىرەك. ئۇلارنى يىڭى دوسىتلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشىمىز ، بىر-بىرى بىلەن قانداق ئۆتۈش ،قانداق ھەمكارلىشىش ،قانداق ئويناش ئۈستىدە ئەمەلىي مىساللار بىلەن داۋلى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىددىيىسنى توغۇرلاپ،ئۇلاردا مەكتەپ بولسا بىلىم بۇلىقى،ئوقۇتقۇچى بولسا«جاپاكەش باغۋەن،مىھرىبان ئانا» دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچئلارغا ئئلئپبەدئن باشلاپ ھەرپلەرنى ئوقۇتۇشنى، يىزىشنى ئۈگىتىشىمىز،ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە بىسىپ زىرىكتۈرۋەتمەستىن ھەرخىل سۆزلەرنى تىپىش ،تىپىشماق ئېيتىش قاتارلئق ئويۇن خارەكتىرلىك ئۇگىنىش ئۇسۇللىردىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاپ، كىتاۋى بىلىم بىلەن ئەمەلىي بىلىمنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ بىلدۈرىشىمىز لازىم. ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل كىتاپتىكى ياكى تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق ئىش ياكى ئويۇن ، كۇندۇلۇك خاتىرە قاتارلىقلارنى يىزىپ كىلشىگە تاپشۇرۇق بىرىشىمىز ، يىتەكلىشىمىز كىرەك. تۆۋەنلەرنى ئاساس قىلىپ ياخشىلارنى زىرىكتۈرۋىتىدىغان،ياخشىلارنى ئاساس قىلىپ، تۆۋەنلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئەھۋالدىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز لازىم. مانا شۇنداق قىلساق چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ساۋاتىنى چىقارغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|