XXX يىزا XXX باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىXXXنىڭ 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيالى مەن بۇ بىر يىل جەريانىدا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى،مەكتەپ مەمۇرىيتى،مەكتەپ ئىلمىي بۆلۇم،مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسنىڭ يىتەكلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ،ئوقۇتۇش،ئارخىپ باشقۇرۇش،سىنىپ باشقۇرۇش،مەكتەپنىڭ باشقا بەلگىلەنگەن قوشۇمچە خىزمەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمنى تۆۋەندىكى بەش تۇر بويىچە قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن . 1.ئەخلاق جەھەتتە : 1)ئۆزۇمگە بولغان ئەخلاقى جەھەتىن قويۇلىدىغان تەلەپنى كۇچەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى تەربىيلەشنىڭ ئۆزۇمنىڭ كەسپى ئەخلاقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ،ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى،ۋە ئۇچ ئەخلاق بويىچە خىزمەت ،تۇرمۇش،جەنئىيەتتە باشقىلارغا ئۇلگە بولۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. 2) ئادەم تەربىيلەش ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نىشان،ئەخلاقى تەربىيە بولسا بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. شۇنداق بولغاچقا مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە گۇرۇپپىسى،پىئونىرلار ئەترىتى،ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقى تەربىيەنى قاراتمىلىقى بولغان،ئۇنۇمىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئىلىپ بىرىشقا ياخشى ئەھمىيەت بەردىم 3)ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى،قىممەت قارىشى،دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى تەربىيەنى ياخشى ئىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە،ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان تازىلىق،ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بەردىم . چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بىرىش توغرىسىدىكى تەربىيەنى دائىم ئىلىپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلدىم. 2.نەتىجە جەھەتتە: 1) ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش – ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. مەن بۇ بىر يىل جەريانىدا تۇرلۇك كەسپى خىزمەتلەرنى دەل ۋاقتىدا تولۇق،سۇپەتلىك ياخشى ئىشلەپ مىڭىشقا كاپالەتلىك قىلدىم. دەرس تەييارلاش،پىلان تۇزۇش،تاپشۇرۇق بىرىش- تەكشۇرۇش،يىتەكلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە ياخشى ئىشلىدىم. 2) دىننىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىددىيسىگە سېڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدىم. بولۇپمۇ سەزگۈر ئاي، سەزگۈر كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئىجراسىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ ماڭدىم.شۇنداقلا كۆزىتىش ۋە سۆھبەت ئىلىپ بىرىش،ئەھۋال ئىگەللەشنى چىڭ تۇتتۇم. 3) ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىپ بىرىلىدىغان تۇرلۇك خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدىكى تەربىيەنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىزچىل ئىلىپ بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،تۇرلۇك خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ يۇز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم. 4) مەكتەپ تاپشۇرغان تۇرلۇك ئارخىپ باشقۇرۇش خىزمەتلرىنى تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۇرلۇك پائالىيەت ۋە كۆرسەتكۇچ ئارخىپلىرىنىڭ سۇپەتلىك،تولۇق بولغان ھالدا دەل ۋاقتىدا ئىشلىنىپ مىڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىم. 5)ئۆزۇم مەسئۇل بولغان قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە خەنزۇتىلى گۇرۇپپىسنىڭ تۇرلۇك خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا تەشكىللەش، تەكشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ،بىر پۇتۇن خىزمەتلەرنىڭ سىستىمىلىق قانات يىيىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. 6)مەسئۇل بولغان ئىككى ئاساسەن ئارخىپ باشقۇرۇش خىزمىتى،تۇرلۇك تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىشلەپ پۇتتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ بىر پۇتۇن خىزمەتلىرىنىڭ نورمال تەرتىپتە سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. 7) قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يادەم بىرىشنى كۇچەيتىپ، بۇ بىر يىل جەريانىدا ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ قىيىنچىلىقى ئىغىر 3 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 200 يۇەن قىممىتىدە نەقپۇل، كىيىم-كىچەك، ئوقۇتۇش قورالى ياردەم قىلدىم. سىنىپ شارائىتىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، سىنىپقا 80 يۇەن قىممتىدە ئەينەك سالدۇرۇپ چىقتىم. 3-قابىلىيەت جەھەتتە: 1)يىڭى دەرس ئىسلاھاتىغا يىقىندىن ماسلىشىش ۋە ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ئوقۇتۇش مىتودىم ۋە قابىلىيتىمنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ئىزچىل ھالدا ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشقا ئەھمىيەت بەردىم. 2)ئۆزۇمنىڭ كەسپى سەۋىيەمنى،نەزەر دائىرەمنى ۋە سىياسى نەزىرىيۋى ساپايىمنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ئۆگىنىشكە،ماتىريال توپلاشقا،ئوقۇتقۇچىغا خاس،زامان بىلەن ماس بولغان بىلىم ۋە ساپا يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بەردىم. 3)ئۆزۇمنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتى ۋە قىززىقىشىم بولغان كومپىيۇتىر سەۋىيەمنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،كومپىيۇتىر ساھاسىدىكى يىڭى بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ مىڭىشقا ئەھمىيەت بەردىم. 4)ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بويىچە تەبىيلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. 5) ئۆزۇمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،كىچىكىش،ئارتۇق رۇخسەت سوراش، دەرسكە كىچىكىش قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلمىدىم،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بولغان مەشغۇلىيەت ۋە تۇزۇم قارىشىنى يىتىلدۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. 4-تىرىشچانلىق جەھەتتە: 1) نۆۋەتتە قانات يايدۇرلىۋاتقان ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىغا يىقىندىن ماسلىشىش ئۇچۇن ،تۇرلۇك ماتىريال مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى،تەلىپى، قەدەم باسقۇچلىرى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەلىپىنى ياخشى ئىگەللەپ،ئۆزۇمنىڭ ئوقۇتۇش مىتودىمنى يۇقىرى كۆتۇرۇش، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ئىدىيە جەھەتتە ئاساس ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بەردىم. 2) ئوقۇتۇش ماتىريالى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى ئۇستىدە ئىزدىنىشنى كۇچەيتىپ،ئوقۇتۇش ماتىريالى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالىنى،رىئال تۇرمۇش ۋە مۇھىتنى زىچ بىرلەشتۇرگەن ئاساستا دەرس تەييارلاش ۋە ئۆتۇشكە كاپالەتلىك قىلىپ،دەرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆزلىشىنى،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتتۇم. 3) مەكتەپنىڭ تۇرلۇك ئارخىپ خىزمەتلىرى ۋە باشقا خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۇچۇن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە، كۆپلەپ ماتىريال كۆرۇشكە،باشقىلاردىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ،ئۆزۇمنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرگە بولغان تونۇشۇم ، بىلىمىم ، ۋە خىزمەت ئۇسۇلۇمنى يىڭىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، تۇرلۇك خىزمەتلرنىڭ سىستىمىلىق قانات يايدۇرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. 4) مەكتەپنىڭ تۇرلۇك تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا ئىشلەپ تۇگىتىپ، تەشۋىقات مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، قويۇقلاشتۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك خىزمەت ئىشلىدىم. 5) ئوقۇتۇش ۋە سىنىپ باشقۇرۇشتىن باشقا بەلگىلەنگەن ئىككى ئاساسەن مەكتەپ شارائىتى كۆرسەتكۇچى، قوش تىل خىزمىتى ئارخىپى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش خىزمەت ئارخىپى قاتارلىق ئارخىپ ماتىرياللارنى دەل ۋاقتىدا ياخشى تۇرغۇزۇپ مىڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، بۇ جەھەتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ تولۇق ، ۋاقتىدا ، مۇكەممەل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. 6) مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلغان تۇرلۇك مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئارخىپىنى تولۇقلاش خىزمىتىگە يىقىندىن ماسلىشىپ ۋە ياردەملىشىپ، پائالىيەت ۋە تەشكىلاتلار ئارخىپىنىڭ دەل ۋاقتىدا تولۇق تۇرغۇزىلىشى ، تۇرلۇك پائالىيەتلەرنىڭ سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلىشىغا گەۋدىلىك كۇچ چىقاردىم. 7) ئۆزۇم مەسئۇل بولغان ئۇسكۇنە- ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش،ئاسراش،تۇرلۇك فونكىسىيلىك ئۆيلەرنىڭ ئامانلىقى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى دەل ۋاقتىدا تولۇق ياخشى ئىشلەپ ماڭدىم. 8) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنى كۇچەيتىپ تۇرلۇك شەكىلدىكى مۇقىملىققا زىت ئەھۋاللارنىڭ يۇزبىرىشىنىڭ تولۇق ئالدىنى ئىلىش بىرگە، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەرخىل خەتەرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ يۇز بەرمەسلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدىم. 9) ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەربىينى كۇچەيتىش، پىكىرلىشىش، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيە ۋە تەلەپنى قاتتىق قويۇش، كۆيۇنۇشنى كۇچەيتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەمچىلىككە چىقىش كىتىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، داۋامنىڭ مۇقىم بولىشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردۇم. 5-پاكلىق جەھەتتە: 1)ئۆزۇمگە پارتىينىڭ نىزامنامىسىنى قىبلىنامە قىلىپ،ھەرىكەتتە ،سۆزدە، ئىدىيدە پارتىيە ئەزاسىغا خاس،بولۇش،پاك،ئىنتىزامچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇم. 2)پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى،تۇرلۇك قانۇن-سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان ھەق ئىلىش،سىلىق سىلىش ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلمىدىم. 3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچلىكنى كۇچەيتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرلۇك شەكىلدىكى پاسسىپ،ناتوغرا ھەرىكەتلەر شۇغۇللىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتىكى يىتەكچىلىكنى كۇچەيىتتىم يۇقارقى نەتىجىلەرگە ئەگىشىپ تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ساقلاندى. 1. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە گەرچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ لىكىن، ئىزدىنىشمنىڭ يىتەرسىز بولىشى، ئوقۇتۇش بىلەن تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش سەۋىيەمنىڭ تۆۋەن بولىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر تۇپەيلى ، ئوقۇتۇش نەتىجەم لاياقەتلىك بولۇشتىن خىلىلا يىراق. ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۇزىتىش ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى تىرىشىش نىشانىم. ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئۇستىدە ئىزدىنىشنى كۇچەيتىپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ساۋاتلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، مەكتەپ تاپشۇرغان تۇرلۇك ئارخىپ باشقۇرۇش، تەشكىلاتلار خىزمىتىنى تىغىمۇ ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. ئەسكەرتىش: باشقا توربەتلەرگە كۆچۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|