قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن «30-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى تولۇق تونۇپ يىىتپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ مۇقىمىلق ۋە بىخەتەرلىككە بولغان ھۇشيارلىقىمزنى ئۆستۈرەيلى! ساۋاقداشلار! بۇيىل 8-ئاينىڭ 1- كۈنى زامزان ئىيى يىتىپ كەلدى. ساۋاقداشلارنىڭ دەم ئىلىش كۈنىنىڭ خاتىرجەم ، ئەھمىيەتلىك ئۆتىشى ئۈچۈن ساۋاقداشلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە مۇقىملىق - بىخەتەرلىك ۋە نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىيەت ئەھۋالى جەھەتتە دىقەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە نۇقتىلاربويىچە تۆۋەندىكدەك تەربىيە بىرىمىز ساۋاقداشلارنىڭ تەربىينى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ دەم ئىلىش كۈنىنى خاتىرجەم ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بىرىنجى ـــ مۇقىملىق جەھەتتە: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىننىڭ روھىنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن گۈزەل – يۇرت ماكان قۇرۋاتقان پەيتتە ، بىر ئوچۇم زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار، قەشقەر شەھىرىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان «30-ئىيۇل» زوراۋانلىق تىرورلۇق دىلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىغىر ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، ئىجىتمائىي مۇقىملىققا ئىغىر زىيانلارنى ئىلىپ كەلدى. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كىيىن بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00دا قەشقەر شەھىرىنىڭ تاۋۇغۇز يولى ، ئانا دىيار دوختۇرخانىسىنىڭ يىنىدا توختۇتۇپ قويۇلغان سۇڭخۇاجىياڭ ماركىلىق كىچىك تىپتىكى مىبۇس پارتىلاپ ئوت كىتىپ، ماشىنا ئىچىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەر نەق مەيداندا ئۆلگەن. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىيتىشچە ئىككى ئادەم ماشىندىن چۈشۈپ قىچىپ كەتكەن. شۇ كۈنى كەچ بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00دا ئىككى نەپەر قارا نىيەت قەشقەر شەھىرىدىكى يىمەك-ئىچمەك كوچىسى ئىغىزىدا يىشىل چىراقنىڭ يىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان يۆجىن ماركىلىق ئاپتومۇبىلنىڭ خەنزۇ شوپۇرىنى ئۆلتۈرۈپ ئاپتوموبىلنى بۇلاپ، «خەيتىيەن جۇڭخۇا ئولتۇراق رايونى» ئۆي سىتىش بۆلۈمىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ، يول بويىدىكى بىگۇناھ ئاممىنى سوققان ، ھەمدە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، يول بويىدىكى ئاممىغا پىچاق تىقىپ، جەمئىي 8بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 27كىشىنى يارلاندۇرغان، نەق مەيداندا بىر نەپەر قارا نىيەت ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر نەپەر قارا نىيەت نەق مەيداندا تۇتۇلغان. «31-ئىيۇل» بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 16ئەتراپىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ «شىياڭشىي»كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىغىر پارتىلاش ھادىسىسى يۈز بىرىپ، ئوت كەتكەن. ج خ خەلق ساقچىلىرى ،ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتى نەق مەيدانغا يىتىپ بارغاندا ئتو كۆيۈۋاتقان ئۆيدىن بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىتىلىپ چىقىپ، ئەتراپتىكى بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە چاپقان. ج خ خەلق ساقچىلىرى كەسكىنلىىك بىلەن ئوق چىقىرىپ تۆت جىنايەت گۇماندارىنى نەق مەيداندا ئىتىپ ئۆلتۈرگەن. بىر جىنايەت گۇماندارى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلش جەريانىدا ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسى يارلانغان. سىستاستىكغا ئاساسلانغاندا بۇ قىتىمقى ۋەقەدە تۆت بىگۇناھ ئامما ئۆلگەن. 14كىشى يارلانغان. نەق مەيداندىن جەمئىي ئۈچ ئورغاق، 2قىڭراق، 2خەنجەر، بىر قىلىچ قولغا چۈشكەن. دىلو سادىر قىلىپ قىچىپ كەتكەن ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۈچ قىتملىق ۋەقە «30» ئىيۇل ۋەقەسى دەپ ئاتالدى. ۋەقەدە 12نەپەر بىگۇناھ ئامما قازا قىلدى. 41نەپەر بىگۇناھ ئامما ۋە 3نەپەر خەلق ساقچىسى يارلاندى. بۇ دىلو تەشكىللىك ، پىلانلىق، ئىلىپ بىرىلغان نىشانى ئايدىڭ، ئۇسۇلى ئاددى، ۋاستىسى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئىغىر، زىينى چوڭ بولغان بىر قىتىملىق ۋەقە، زوراۋان تىرورچى-ئۇنسۇرلارنىڭ مەقسىتى خەزۇلار ئاممىسى توپلاشقان سورۇنلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشى تاسادىبى بولماستىن، بەلكى ئالاھىدە ۋەزىيەتتە تەشكىللىك ، پىلانلىق ھالدا ئىلىپ بارغان، بىر قىتملىق ئىغىر تىرورلۇق جىنايى ھەرىكەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «قەشقەر شەھىرىدا يۈز بەرگەن «30-ئىيۇل» ھەم خوتەندە يۈز بەرگەن «18-ئىيۇل» ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى توغرا پەرەز قىلىپ، چوڭ ھەق چوڭ ناھەق مەسىللىرىدە مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، تونۇشى مۈجمەل بولماسلىقىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتە تارقىلۋاتقان ئۆسۈك گەپ-سۆز ۋە پىتنا - ئىغۋالارغا ئارلىشىپ قالماسلىق ھەم ئۆسۈك گەپ-سۆز ۋە پىتنا - ئىغۋالارنى تارقاتماسلىقىمىز كىرەك. نۆۋەتتىكى زامزان ئىيى مەزگلىدە يىزىمىزنىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىغا زىچ ماسلىشىپ مۇقىملىق جەھەتتە كىچىككىنە ۋەقەنىڭمۇ كىلىپ كىلىپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كىرەك. 1) ئائىلىگە قايتقاندىن كىيىن روزا تۇتماسلىقى، ناماز ئوقىماسلىقى ، دىننى ساۋاق ئالماسلىقى ، يەر ئاستى دىننى توچكىلاردا ئوقىماسلىقى ، دىننى تۈس ئالغان كىيىم - كىچەكلەرنى كىيمەسلىكى، ۋە دىننى مەزمۇندىكى ئۈن-سىن بويۇملىرىنى ئوقىماسلىقى ھەم كۆرمەسلىكى كىرەك. 2) ساۋاقداشلار ئائىلىگە قايتقاندىن كىيىن جەمئىيەتتە تارقىلۋاتقان تۈرلۈك ئۆسۈك-گەپ - سۆز ۋە پىتنا - ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىكى ھەم تارقاتماسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىغا قارىتا تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆزى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئىغىر بولغان ئازاب ۋە ئاۋارچىلىقلارنى ئىلىپ كەلمەسلىكى كىرەك. 3) ئوقۇغۇچىلار ئائىلىدە ئوقۇتقۇچى بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى ئەستايدىل ئىشلىشى ، ساۋاقداشلار بىر يەرگە توپلىشۋىلىپ ئويۇن ئوينىماسلىقى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كىرەك. ئەگەر ساۋاقداشلار ئىچىدە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەسىلە سادىر بولۇپ قالسا مەكتەپنىڭ تەتىل قويۇپ بىرىشتىن ئىلگىرىكى توختامنامىنىڭ روھى ۋە ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنى بىر تەرەپ قىلش چارىسىنىڭ روھى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنجى ـــ بىخەتەرلىك جەھەتتە: 1. ئوقوغۇچىلار بىخەتەرلىككە بولغان سەزگۇرلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ، تۈرلۈك ئىشلاردا بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بىرىشنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويىشىمىزلازىم . ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۈچەيتىشى لازىم . ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار بەرگەن تەربىينى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى لازىم . 2. يولدا ماڭغان تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىغا ئىسلماسلىقى ھەم ئۇلارغا تاش ئىتىپ ئوينىماسلىقى لازىم . 3. يولدا ماڭغاندا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتمەسلىكى ،يولدا ئۆز - ئارا قوغلىشىپ ئوينىماسلىقى لازىم . 4. يولدا ۋېلسىپىت ھەيدىگەندە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ئاساستا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بويلاپ ھەدەپ مىڭىشى ،ماشىنا ، موتسىكىلىت ،ئىشەك ھارۋىسى قاتارلىق قاتناش ئەسلھەلىرى بىلەن يول تالاشماسلىقى لازىم. 5. ئائىلىدە ۋە مەكتەپتە بولسا قالايمىقان ئۆز مەيلىچە ئىلىكتىرلىك ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھەپىلەشمەسىلىكى لازىم . 6. ئىرىق - ئۆستەڭلەرگە سۇ كەلگەندە كوللىكتىپ ياكى ئايرىم بولسۇن سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناشقا قەتئى يول قويۇلمايدۇ . 7. مەكتەپكە كەلگەندە ياكى جەمىيەتتە ،ھەم ئائىلىدە بولسۇن تىغلىق نەرسىلەرنى ئوينىماسلىقى ، ھەم قالايمىقان ئىشلىشتىكە قەتئى بولمايدۇ. 8. مەكتەپتە بولسا كوللىكتىپ ھالدا ياكى گوروھۋازلىق قىلىپ ئۆز - ئارا جىدەل - ماجرا قىلماسلىقى لازىم. ئوقوغۇچىلار ئائىلدە ۋە مەكتەپتە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نامۇۋاپىق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنىشىغا قەتئى رۇخسەت قىلنمايدۇ. سەزگۇرلىكنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلشقا ئەھمىيەت بىرىشى ، ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ قىشىدا ئوت ياندۇرماسلىقى ، قالايمىقان ئوت ئوينىماسلىقى لازىم . ناۋادا يۇقارقى ئىشلارغا دىققەت قىلماي ياكى ئەھمىيەت بەرمەي مەسىلە كۆرۈلسە باھارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تەھىرلىگۇچى:admin
|