بالىلار يېتىلدۇرۈشكە تېگىشلىك ساپ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-02 22:49 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلار يېتىلدۇرۈشكە تېگىشلىك ساپا مائارىپ مۇتەخەسسىلىرى يېقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۆز
بالىلار يېتىلدۇرۈشكە تېگىشلىك ساپا
مائارىپ مۇتەخەسسىلىرى يېقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش:-ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.
قىزغىنلىق:-قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى بولىدۇ.
ھېسداشلىق:-بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ھۆرمەتلەش:- ھۆرمەتلەش ئۆز ئارا بولىدۇ، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر، مەسلە، دوستلۇق قاتارلىقلار پەقەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتىن ساقلاپ قېلىندۇ ۋە قىممىتىنى تاپىدۇ.
يۇمۇرسىتىك تۇيغۇ:-بالىلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەڭ مۇھتاج بولىدىغىنى يۇمۇرسىتىك تۇيغۇدۇر. يۇمۇرسىتىك تۇيغۇ ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاپ، تۇرمۇشقا بولغان
قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ، مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا تەۋرەنمەي ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئۈمىد:-ئىشىلىك ھاياتتا ھەممىدىن چوڭ توسالغۇ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قولۇش بولسا كېرەك. ئائىلىدە ئەگەر ئازاپلىق كەيپىيات ئېغىر بولسا، بالىلاردىكى تۇغما خۇشاللىق يوقىلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بالىلارنى ئۈمىدۋار بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------