بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئائىلە تەربىيەسى بىر قىسىم پىسخولوگ ، ئالىملار تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئائىلە تەربىيەسىنى بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئىنتايىن زىيانلىق ، دەپ قارىماقتا . ئاتا–ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قېلىش . بالا ئۇزاق مۇددەت ئاتا–ئانىسىنىڭ مېھرىگە ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاتا–ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان غەمخورلۇقى ھەم كۆيۈنۈشىنى چۈشەنمەسلىك ؛ ئاتا–ئانىنىڭ بالىغا بولغان پوزىتسىيەسى بىردەك بولماسلىق . بالىنى تۇرۇپلا مەيلىگە قويۇۋېتىش ، تۇرۇپلا بەك چىڭ تۇتۇش ياكى ئانىسى بالىنى بەك ئەركىگە قويۇۋېتىش ، دادىسى بولسا بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇش ؛ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى جېدەل . بالا ئاتا–ئانىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ۋە ئائىلىدىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكا–ئۇكا ، ئاچا–سىڭىللار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقىرىپ ، دوستانە ئۆتمەسلىك ؛ جازالاش . بالا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە جازاغا ئۇچراش ياكى قاتتىق خورلۇققا ئۇچراش ؛ ھەدىدىن زىيادە تەلەپ قويۇش . بالىنىڭ چوڭ–كىچىك ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىپ تەلەپنى قاتتىق قويۇۋېتىش ؛ ئالداش . بەزى بالىلار ئاتا–ئانىسىغا تولا ئالدىنىۋەرگەنلىكتىن ، يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىش ؛ ۋەزىپە جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق . بەزى ئاتا–ئانىلار بالىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ يېشى ، جىنسى ۋە قابىلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ؛ بالىنى ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش . ئاتىسىمۇ ، ئانىسىمۇ بالىسىنى ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش ياكى بالىنىڭ ھېسياتى بىلەن قىزىقىشىنى كونترول قىلىشنى ئويلاش. ‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|