ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىدە راستىنلار پارچىلىنىش بولۇۋاتامدۇ ئائىلىنى كىشىلەر ئەزەلدىن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە دەپ قاراپ كەلمەكتە. يېقىنقى يۈز نەچچە يىللاردىن بۇيان، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق يەنى «ئەر ئائىلىنى بېقىشقا، ئايال كىشى بولسا ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل» بولۇشتەك ئائىلە شەكلى شەكىللەنگەن. ئىنسانلارنىڭ تارىخىي ئېقىنىغا قارايدىغان بولساق، بۇ جەريان پەقەت بىر مەزگىللىك ۋاقىت ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئائىلە ئۇقۇمىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىدىن تارتىپ ئېتىقاد ئۇقىمىغىچە بولغان تەسىرىنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما، يېقىنقى ئون يىگىرمە يىل مابەينىدە، ئائىلە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېمىرىلىشقا ئۇچرىماقتا. جۆرىسىز ئائىلىلەر، بويتاقلار ئائىلىسىدىن تارتىپ قاراقسىز قالغان ياشانغانلار ئائىلىسى، ئوخشاش جىنسلىقلار ئائىلىسى قاتارلىقلار ئەنئەنىۋى ئائىلە ئۇقۇمىغا بارغانسېرى تەھدىت سالماقتا. «تېز توي قىلىش»، «تېز ئاجرىشىش»، «يوشۇرۇن توي قىلىش» قاتارلىق تور ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. بەزى ئەل خەلقلىرى بۇ توساتتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قىلىش سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى نىكاھ مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ئائىلە شەكلىدىكى ئۆزگىرىش پۈتۈن جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشى. ئائىلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە، جىياڭ تاۋ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا مۇنداق سەۋەب كۆرسەتتى: ھازىرقى جەمئىيەتتە، بىر بەختلىك ئائىلىنى قۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى. غەرب ۋە شەرق ئەللىرىدە ئائىلە ئوخشاشلا جەمئىيەتنى تەشكىللەيدىغان ئەڭ ئاساسىي بىرلىك بولۇپ، نەسىل قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئۈستىگە ئالغان. غەرب ئەللىرىدە، دىننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر ئاياللىق تۈزۈمى ئەڭ دەسلەپ 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ئىتالىيەدە ئاساسىي ئائىلە شەكلى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئىدىيە يېقىنقى زاماندا پۈتۈن شەرقىي ئاسىياغا تارقالغان. قەدىمقى جۇڭگودا، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش يۇقىرى تەبىقە ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئائىلە ئۇقۇمى بىلەن ئائىلە ئېتىقادى يەنىلا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى. بۇ خىل «ئەر-خوتۇن ۋە بالا-چاقا» تەشكىل قىلغان ئائىلە شەكلىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە داۋاملىشىشى جەمئىيەت ۋە ئەخلاقىنىڭ تەلىپى شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىش سەۋىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئامېرىكېنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكېدىكى يېرىمدىن ئارتۇق بالا دادىسى سىرتقا چىقىپ پۇل تاپىدىغان، ئاپىسى ئائىلەدە بالا باقىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان. 1950-يىلىغا قەدەر 3/2 قىسىم ئامېرىكېلىق بالا مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان. لېكىن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتكە يېتىپ بولغاندىن كىيىن، خىزمەتكە قاتناشقان ئاياللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ «ئەر سىرتتا ئىشلەيدىغان، ئايال ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل» بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئائىلە قېلىپى 1998-يىلىغا كەلگەندە پەقەت %20 چۈشۈپ قالغان، يېقىندا ھەتتا ئامېرىكېلىقلارمۇ قوبۇل قىلالايدىغان «ئائىلە ئەرلىرى» مەيدانغا كەلدى. تارىختا، ياپونىيە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، ئەمما ئاشكارا كىچىك خوتۇن ئېلىش بۇنىڭ سىرتىدا. بەزەن كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قەدىرلەيدىغان بىر قانچە نۆۋەتلىك ياپونىيە گېنېرالى ئايال زاتىغا ئانچە قىزىقمايدۇ، دېسە، يەنە بەزىلەر باشقىچە قاراشتا بولۇپ كەلگەن. لېكىن، شەرقىي ئاسىيا ۋە ياپونىيەنىڭ «بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق » ئەنئەنىۋى ئائىلە قېلىپىنى ساقلاپ كەلگەن ۋاقتى جۇڭگو بىلەن كورىيەدىن بالدۇر. ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە قېلىپىمۇ «ئەر سىرتتا ئىشلەيدىغان، ئايال كىشى ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان» قېلىپ ئىدى. لېكىن، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەنئەنىۋى ئائىلىلەرنىڭ گۇمران بولغانلىقىغا ھەيرانلىقىنى بىلدۈردى، ئاز پەرزەنت كۆرۈش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. بەزەن كىشىلەر بۇنى كوزىمى جونىچىرو باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدە ئائىلە ئاياللىرىغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى پەرمان بىلەن بىكار قىلغانلىقتىن بولدى دەپ قارىدى. كورېيە دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىگە ئەڭ ئېتىبار بېرىدىغان دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ئائىلىنى قوغداپ، ئۈچىنچى شەخسنىڭ پەيدا بولۇشىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر كورىيە قانۇنىدا زىنا قىلىش جىنايىتى ساقلاپ قىلىنغان. كورىيەدە، بىر ئەرنىڭ ئەسلىدىكى ئايالىنى تاشلىۋىتىپ يېڭى لايىق ئىزدىشى، جامائەت پىكرى بىلەن ئەخلاق ئۆلچىمىگە زىت ئىش. ئەمما، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا، كورىيە ئائىلىرىمۇ تەھدىتگە ئۇچرىماقتا. كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش بەخت، ئەۋلاد قالدۇرۇش قاتارلىق ئىدىيەسى كورىيەدە تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش تەھدىتىگە يولۇقتى. كورىيە ئىسىتاتىستىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2030-يىلىغا كەلگەندە، كورىيەدە بويتاقلار ئائىلىسى 20 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇندىن باشقا ئۈچىنچى شەخس پەيدا بولىدىغان ۋەقەلىكلەر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. كورىيەدە چىقىدىغان «چاۋشيەن كۈندىلىك گېزىتى» دە يەنە نۇرغۇنلىغان كورىيە ۋە جۇڭگو ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ گېزىت يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مۇراجەت قىلدى. گېرمانىيەدە بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولغان «سۈرەت» گېزىتى گېرمانىيەنى «دۇنيادىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنىڭ چېمپىيونى» دەپ تەسۋىرلىگەن، ھەم بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك روھى-ھالىتى ھازىر گېرمانىيىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. گېرمانىيە فېدېراتسىيە نوپۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ 4-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، گېرمانىيەدە بويتاقلارنىڭ نىسبىتى %39.5 چىققانلىقى، بېرلىندا %54گە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى، ھەر تۆت نەپەر قۇرامىغا يەتكەن ئايال ئىچىدە بىرسىنىڭ پەرزەنتى يوق ئىكەن. بۇ خىل پەرزەنتسىز ئائىلە غەرب ۋە شەرق دۆلەتلىرىدە كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. موسكۋا شەھىرى ئائىلە ۋە ياشلار سىياسىتى ئىدارىسىنىڭ 2007-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، موسكۋادا پەرزەنتسىز ئائىلىلەر %57گە يەتكەن، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە فىزىيولوگىيە سەۋەبىدىن پەرزەنتلىك بولالمىغانلار پەقەت %12 ئىكەن. ئائىلىنىڭ ئاساسى شەكلىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن بەزىلەر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنە بەزىلەر بۇ ياخشى ئىش دېيىشتى. رۇسىيەلىك پسىخولوگ ماكاۋ سىكايا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى رۇسىيەنىڭ ئائىلە شەكلى، رۇسىيەنىڭ تارىختىكى بىرقانچە قېتىملىق ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇدا بىر قانچە يىل رۇسىيە زۇڭتۇڭى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى باياناتىدا، نوپۇسنىڭ ئازىيىشىنى «ھازىرقى زامان رۇسىيەدىكى ئەڭ كەسكىن مەسىلە» دەپ ئەسكەرتتى. رۇسىيە ئالىملىرى بۇنىڭغا ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، پەرزەنت كۆرمەسلىك بۇ دۆلەتنىڭ كېلەچىكىنى يوقاتقانلىق بىلەن باراۋەر، دېدى. ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلدا رۇسىيە نوپۇسى تۆت مىليوندىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس ئورگىنىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، 2050-يىلى رۇسىيەدە نوپۇس ئازىيىپ 106 مىليونغا چۈشۈپ قالىدىكەن، رۇسىيە نوپۇس جەھەتتە 2000-يىلىدىكى 6-ئورۇندىن 17-ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەن. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئائىلە-جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى ئالېكساندر سىنىللىكا مۇنداق دېدى: رۇسىيەدىكى غەيرىي ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىدە ئەڭ ئومۇملاشقىنى «ھەق تەلەپ نىكاھى». يەنى جۇڭگولۇقلار دەپ كېلىۋاتقان «توي قىلماي بىللە تۇرۇش». ئېلىياۋادا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى تەتقىقاتىدا ئىپادىلىنىشىچە موسكۋادا «ھەق تەلەپ نىكاھى»نىڭ نىسبىتى %14 بولغان. بۇرۇن رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن ئىدى: بۇ خىل نىكاھ شەكلى ھازىرقى شەھەر تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپنى مارافونچە قوغلىشىش كەتمەيدۇ، مۇرەككەپ تويلىشىش جەريانىغا تەييارلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توي مۇراسىمىمۇ تەبىئىي ئەمەلدىن قالىدۇ. لېكىن تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ ھېسابلىدى . ياپونىيەلىك مائارىپچى خاماساكى ئاكىرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنئەنىۋى ئائىلە قېلىپىنىڭ ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتە بېسىمغا ئۇچرىشى قارىماققا مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچكى ئامىلى ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىزىس تۈپەيلىدىن، ئەرلەر ئىقتىساد جەھەتتە ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا ئامالسىز قىلىۋاتىدۇ، ئەكسىچە ئاياللارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن ئۇلار يەنە داۋاملىق توي قىلىپ بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشقا رازى بولمايدۇ. گېرمانىيە نوپۇس-جەمئىيەت تەتقىقاتچىسى مارك پىتىرس مۇنداق دېدى: ھازىرقى گېرمانىيە جەمئىيىتىدە، ئائىلىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارىنى ئىجتىمائىي ئاپپاراتلار بىلەن مۇلازىمەت ئورگانلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە مائارىپ ئورگانلىرى ياشانغانلارنى كۈتۈش بىلەن بالىلارنى بېقىپ تەربىيىلەشتەك بىر قىسىم ئائىلە ئىقتىدارىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئامېرىكا كارخانىلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ «جەمئىيەت ۋە شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتى» تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى دوگلاس بىشلاۋوف مۇنداق دېدى : ئامېرىكا جەمئىيىتى ھازىر دەل چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئازابىدا تۇرماقتا، مېنىڭچە بۇ تېخىمۇ كۆپ بايلىق، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورتاق تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسى مارك خارد ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ مۇنداق دېدى: ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياشلار توي قىلىش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرمەكتە. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، نىكاھ قۇرامىغا يىتىشنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئەمەس. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ئۆي قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىقمۇ ئامېرىكا ئائىلىرىنىڭ جەمئىيەت بىلەن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇرۇن ئامرېكىلىقلار تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئالدى ئوچۇق ھويلىلار ئىدى، ھازىرقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيى بولسا ئارقا ھويلىسىگىچە توسىۋىتىلىدۇ. ئامېرىكا مارىلاند شىتاتىدىكى روئىس بىر ئائىلە كىشىلىرى تىپىك پەرزەنتسىز ئائىلە. ئەر-خوتۇن ئىككىسى توي قىلغىنىغا 10 يىل بولغان بولسىمۇ، پەرزەنت ئېلىش ئويى يوق. روئىس مۇنداق دېدى : بۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەقسەتلىك تاللاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل يىغقىلى، بۇ ئارقىلىق ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللانغىلى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ پىدائىي بولغىلى بولىدۇ. روئىس يەنە مۇنداق دەيدۇ: بەزەن كىشىلەر بىزنى بالىغا ناھايىتى ئۆچ، دەپ ئويلايدۇ، بۇ مېنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ، چۈنكى مەن كۆپ ساندىكى بالا ئېلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنى بالىغا ئۆچ، دەپ قارىمايمەن. ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەرقانچە ئېچىۋىتىلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا «بالدۇر بالا ئېلىشىنى» قوبۇل قىلالمايدۇ. «ئۆزگىرىۋاتقان ئائىلە» دېگەن كىتابنىڭ يازغۇچىسى خارد مۇنداق دېدى : ياشلارنىڭ توي قىلماي پەرزەنت كۆرۈشى ئامېرىكا ھازىر يولۇققان ئەڭ ئېغىر ئائىلە مەسىلىسى. ئوخشاشلا جۆرىسىز ئائىلىنى رۇسىيەلىكلەرمۇ «بېجىرىم بولمىغان ئائىلە» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. رۇسىيە پسىخولوگى كونىستانتىن نىمېرافسىكى مۇنداق دەپ قارايدۇ: جۆرىسىز ئائىلىنىڭ بالىلىرىنىڭ جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەنئەنىۋى ئائىلىنىڭكىدىن خېلى يۇقىرى بولىدۇ، ھەم شۇنداقلا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى تېخىمۇ ئاسان يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۇنداق ئائىلىنىڭ بالىغا ئىلىپ كېلىدىغان قورقۇش، يېتىمسىرەش، ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى ۋە باشقا روھىي جاراھەتلىرىمۇ كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى، نىكاھ مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جياڭ تاۋ مۇنداق دېدى : ئەر-خوتۇن ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئائىلە ھازىر دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسىي جەمئىيەت بىرلىكى. ئۇ ھازىرقى زامان ئائىلە شەكلىدە نۇرغۇن غەيرى ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولغىنىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: توي قىلىش يېشىنىڭ كەينىگە سۈرىلىشى ئائىلە قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋەتتى؛ ياشلارنىڭ راھەت كۆرۈش خاھىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش قېيىنچىلىقى ۋە خىزمەت مۇقىم بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاتا-ئانىسىغا تايېنىش ھادىسىسى ھەممە يەردە ئەۋج ئالدى. ياشانغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ توي قىلمىغان پەرزەنتلىرى بىللە تۇرىدىغان ئائىلىلەر سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياشېنىش ۋاقتىنى ۋە قاراقسىز قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتتى. جىياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: جۆرىسىز ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى كۈنسېرى ئۆرلىشى، شۇنداقلا يېڭى پەيدا بولغان «تېز توي قىلىش»، «يوشۇرۇن توي قىلىش» قاتارلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىگە خىرىس قىلىشى ۋە زەربە بولىشى جەمئىيەتنىڭ ئاجىز تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىك ياكى ئىنسانلارنىڭ ئائىلىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئائىلە شەكلى ئەزەلدىنلا تۇرغۇن ھالەتتە بولۇپ باقمىغان، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ۋە باھا قويۇشتەك داۋاملىق ئۆزگىرىش جەريانىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نىكاھ قانۇنى پىروفېسسورى ۋۇ چاڭجىن مۇنداق دەپ قارىدى: نىكاھ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ۋە كېلىش مەنبەسى، ئائىلە مەۋجۇت بولمىسا، جەمئىيەت بىلەن مىللەتنىڭ داۋاملىشىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، ئائىلە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى تازا گۈللەنگەن مەزگىلى بىلەن 60-يىللاردىكى خارابلىشىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە ئالىملىرى «ئائىلىنى قۇتقۇزۇش»، «ئائىلىگە قايتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئەسىر ئاخىرىغىچە، غەرب ئەللىرىدە بىر مەھەل ئائىلەگە قايتىش مەزگىلى بولۇپ ئۆتكەن، بۇنىڭ مەقسىتى دەل ئائىلىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىدى. ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش ئائىلىگە ئېتىبار بىرىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر 2008-يىلى بېيجىڭدا ئائىلە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئىچىپ، ئائىلە مائارىپ تۈزۈمى قۇرۇش، توي قىلىش ئالدىدا پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق ۋە ئېتىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى. ۋۇ چاڭجىن مۇنداق دېدى : جۇڭگودا بەشتە ياخشى ئائىلە، نەمۇنىلىك ئەر، نەمۇنىلىك ئايال، باھالاشمۇ ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش، نىكاھنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر ۋاسىتە. گەرچە نۇرغۇن گېرمانىيە ئالىملىرى ئائىلىدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت توقۇنۇشى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدۇ، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن دوكتور مارك پىتىرس ئۈمىد بىلەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئائىلە يوقىلىشقا قاراپ ماڭمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئائىلە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇرۇنقى بىر تەكشۈرۈشىدە %80 كىشى ئائىلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ساھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئائىلە ئۇقۇمىنى بىر قىسىم ئاكتىپ نەرسىلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن، مەسىلەن ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، مۇھەببەت ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار. گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق ئائىلە مىنىستىرى دىلەيئىن مۇنداق دېگەن: كىشىلەر ئائىلىنى بارغانسېرى مۇھىم دەپ بىلمەكتە. ئائىلىنى ئوخشىمىغان دەۋر ئادەملىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بەلۋاغ دەپ قارىماقتا. بولۇپمۇ، ئىقتىساد كاساتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، كىشىلەر ئائىلىگە تېخىمۇ يۈزلىنىدۇ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان مەزگىلدە دۆلەتكە ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يارۇ-بۇرادەرلىرىگە تايىنىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ كەلگۈسىگە خاماساكى ئاكىرا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ئۇزۇن يىللار مابەينىدە پەيدا بولغان ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ يەنىلا ھاياتى كۈچى بار. قانچىلىق چوڭ كىرىزىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بەرىبىر ئۆتۈپ كېتىدۇ. نىكاھ ئائىلە شەكلىگە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. ھازىر ئامېرىكىدىمۇ كۆپ قېتىم ئاجراشسا نىكاھ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنېلى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : بىر-ئىككى قېتىم ئاجراشقانلار كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن يەتتە-سەككىز قېتىم ئاجراشقانلار ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەمما ئامېرىكا CNN قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى لارى كىڭ يەتتە قېتىم ئاجرىشىپ بولدى، كىنو چولپىنى ئېلزابىت تايلورمۇ سەككىز قېتىم توي قىلغان. ئىسىتاتىستىكىدا مەلۇم بولۇشىچە، 2-قېتىملىق نىكاھ 1-قېتىملىقىدىن ئاسان گۇمران بولىدىكەن، 3-قېتىملىقىمۇ 2-قېتىملىقىدىن ئاسان مەغلۇپ بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋالاشقۇچى 3-ياكى 4-قېتىم ئاجراشقاندا بىر كېسىم قىلغۇچى ئارىغا كىرىپ، بۇ كىشىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ توي قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك، بۇ خۇددى، داۋاملىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ قاتناش پىراۋېسى ئېلىپ تاشلانغىنىغا ئوخشاش ئىش. ئۆتكەن بىر ئەسىردە، جەمئىيەت مالىمانچىلىقى، ماددىي بويۇملارنىڭ ئاز بولۇشى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە شەكلىنىڭ يېمىرىلىش سۈرئىتى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ تېز بولدى. ئەنئەنىۋى ئائىلە قارىشىغا بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلماسلىق ئۈچۈن، رۇسىيە 2008-يىلىنى «ئائىلە يىلى» دەپ بېكىتتى. زۇڭتۇڭ مىدىۋېدىۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خانىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ئائىلە،مۇھەببەت ۋە سادىقلىق كۈنى» تەسىس قىلدى. ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى زۇڭتۇڭ ئەر-ئايال «ئائىلە،مۇھەببەت ۋە سادىقلىق كۈنى» نى تەبرىكلەش نۇتقىدا مۇنداق دېدى : رۇسىيەدە تارىختىن بۇيان ئائىلىنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى بار، بۇ ئەنئەنىلەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋام قىلغان، دەل ئائىلىدىكى ئىللىقلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى غەمخورلۇق بىلەن مۇستەھكەم روھىي ئالاقە تەۋرەنمەس ئەخلاق قىممىتىنى تەشكىل قىلغان.
|