ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش (جەمىيەت) پەنلىرىدىن ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى 22-نويابىر، ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش (جەمىيەت) پەنلىرىدىن ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى كورلا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىبەر مەھمۇت، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتىنىڭ پروفېسورى، پىداگوك، پەيلاسوپ، شائىر، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائى پەنلەر مۇتەخەسىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەمدە كورلا شەھرى ۋە كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردىكى مائارىپقا مەسئۇل كىشىلەر ۋە ماھارەت كۆرسىتىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىلمىي جەمىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات جەمىيىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇر تىلى سېستىمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئالدى بىلەن ئەدەبىيات، ئەخلاق ۋە تۇرمۇش (جەمىيەت) پېنىدىن تەكلىپ بويىچە جۇڭگۇ، چەتئەل مائارىپى ۋە مائارىپىمىزدا، جەمىيەتتە ساقلانغان مەسىللەر توغرىلىق ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە كۆز قاراشلىرىنى سېستېمىلىق، ئىلمىي پاكىت بىلەن سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش ![]() ![]() مەنبە:رادىئو تورى ( خەۋەر ۋە سۇرەتلەر بىردەك رادىئو تورىدىن ئېلىندى) تەھىرلىگۇچى:admin
|