بۇندىن كېيىن يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ
بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە ئىسسىق، تويغۇدەك تاماق يېيەلىشى-ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى رەسمىي تارقاتتى. ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنىڭ مەبلىغىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار مەززىلىك تائاملارنى خاتىرجەم يېيەلەمدۇ؟ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىدىكى يېزا ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئىككى مىليون 207 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى. «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى»دا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئىككى يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە بىر يىلدا 250 كۈن ھېسابلاپ راسخوت ئاجرىتىلىپ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قاپ كالا سۈتى ياكى قوي سۈتى، پۇرچاق سۈتى ئىچىشى ۋە بىر تۇخۇم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلغان، مەكتەپ ناشتىلىق ياكى تاماق قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللا تاماق بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ يىل 11-ئايغىچە، شەنشىدىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەلەر «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى»غا بىر مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالغان. «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى» بالىلارنىڭ تەن ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغان 40 مەكتەپتە ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىلگىرىكى بەدەن تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى يىلدىن بۇيان، «سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغان جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى تۆت سانتىمېتىرغا يېقىن ئۆسكەن، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگرام ئاشقان، يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا دائىم پەيدا بولىدىغان قان ئازلىق كېسىلى ئازايغان. بۇ قېتىمقى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدا، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى 16 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، دۆلەتنىڭ 680 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھىرىدىكى بارلىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەر كۈنى ئۈچ يۈەن تاماق تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، ئەڭ نامرات جايلاردىكى يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە غىزالىنىش مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىپ، 26 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى نەپكە ئىگە قىلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %30نى ئىگىلەيدۇ. مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈن مۇنداق دېدى: يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 2011-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ، مەركەز بۇ تولۇقلىمىنىڭ ئۆلچىمىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە بىر يۈەن ئۆستۈرۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى كۈنىگە تۆت يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى كۈنىگە بەش يۈەن قىلدى. ئۇنىڭغا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر كۈنى بېرىلىدىغان ئۈچ يۈەنلىك ئوزۇقلۇق ياردىمىنى قوشقاندا، دۆلەتنىڭ سىناق رايونلىرىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان تولۇقلىمىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يەتتە يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەككىز يۈەنگە، پۈتۈن يىلدا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1600 يۈەنگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1850 يۈەنگە يېتىپ، ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بولغان 1500 يۈەنلىك ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولدى. نۆۋەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى جايلاردىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلماقتا، جاڭ شاۋچۈن مۇنداق دېدى: جايلار يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى تارقىتىش دائىرىسىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا بېكىتىپ، «ياتاقتا ياتمىغانلىقتىن تولۇقلىما بېرىلمەسلىك» مەسىلىلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك. جاڭ شاۋچۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، مەكتەپلەرنىڭ ئىسىملىكى، نەپكە ئېرىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى ۋە غىزالىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مەبلەغنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىشى؛ ئالاقىدار مەكتەپلەر، تاماق تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ياكى شەخسلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىغا كېتىدىغان راسخوت ھېساباتى، تاماق ئۆلچىمى، ئوزۇقلۇق ھەم غىزالىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك.
|