3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇھاكىمە يىغىنى 27-نويابىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچى-سىرتىدىكى 21 ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم، پەن تەتقىقات ئورنى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم 15 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن كەلگەن 150 نەچچە ۋەكىل «ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. ئۇقۇشۇمىزچە، 2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن ھەم قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يىل 3-ئايدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى» ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇقىم يولغا قويۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىزىغا سېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى تەتقىقات خىزمىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇلۇپ، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى شىمالىي، جەنۇبىي شىنجاڭدا كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى تەتقىقات خىزمىتىنى تەدبىر مەسلىھەتچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى كۆپرەك رايونلاردا، ناھىيەلىك مائارىپ تارماقلىرى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى ئاساس قىلىنىپ ئوقۇتۇلىدىغان سىنىپلارنى ئېھتىياجغا قاراپ ساقلاپ قېلىشنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تاللىشىغا قويسا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە مائارىپ قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئەمەلىيىتىدە، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتى جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. ھازىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى قوش تىلدا ئوقۇتىدىغان ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىلدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، 2012-يىلىغا بارغاندا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئىككى يىل قوش تىلدا تەربىيەلەشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش، 2015-يىلىغا بارغاندا قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن پىششىق بىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
|