بەشتاش مۇلازىمەتچىلىرى خوتەندە
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن بىرى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى مىللى مائارىپ ئۇچۇن شۇنداقلا مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن تۆھپە قوشۇش ئۇچۇن توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنياغا جەم بولغان، بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئۇچۇن ئۇن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان ، گەرچە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن بىرى توردا ۋە تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ كىلىۋاتقان بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى(مۇلازىمەتچىلىرى)ئورتاق بىر نىشان ئۇچۇن ئۇزۇندىن بىرى ھەمنەپەس بولغان بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش گەۋدىسى بولغان بەشتاش،ئايدىڭكۆل،يانتاق،كۆكبۇلاق قاتارلىق دوسلار 2011-يىل 7-ئاي 15-كۇنىدىن 2011-يىل 7-ئاي 17-كۇنىگىچە ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ئەزىزانە خوتەندە جەم بولۇپ، يۇز كۆرۇشۇش شەرىپىگە ئىرىشتۇق ۋە سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇزۇندىن بىرى توردا ئالاقىلىشىپ كىلىۋاتقان بىزلەرنىڭ گەرچە نۇرغۇن بىر-بىرىمىزگە قىلىدىغان سۆزلىرىمىز بولسىمۇ لىكىن ئۇنى بىر _ بىرمىزنىڭ كۆزىمىزگە، ھەركىتىمىزگە قاراش ئارقىلىق بىلدۇق ۋە ھىس قىلدۇق. رەسىمدىكىلەر: (ئوڭدىن سولغا) يانتاق ( ئاۋۇتجان مۇئەللىم)،ياسىنجان مۇئەللىم،كۆكبۇلاق(مەمەتتۇرسۇنجان مۇئەللىم)،بەشتاش(ئابدىقەييۇم مۇئەللىم) ، ئايدىڭكۆل(ئابلىكىمجان مۇئەللىم)
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى بولغان يۇقاردىكىلەرنىڭ تەۋەلىك جايى:
يانتاق: بايىنغولىن (باغراش) كۆكبۇلاق :خوتەن (كىرىيە) بەشتاش:قەشقەر(قاغىلىق) ئايدىڭكۆل : خوتەن (قارىقاش)
ئاخىرىدا بارلىق دوسلىرىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن.ھەمدە رەببىم خالىسا كىلەرقىتىملىق يىغىلىشتا تىغىمۇ كۆپ دوسلارنىڭ جەم بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. خالىس نىيەت، ھەقسىز ئەمگەك، مىللەت ئۇچۇن تۆككەن ئەمگەكلىرىمىز ھامان بىركۇنى مىۋە بەرگۇسى، ئەگەر بۇ دۇنيادا كۆرەلمىسەك.. كۆرەرمىز.دوسلىرىم بوشىشىپ قالمايلى! تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|