رۇسىيە «ئانىلار بايرىمى» دا كۆپ پەرزەنتلىك ئانىلارنى مۇكاپاتلىدى
![]() بۇ يىل 27-نويابىر رۇسىيەدە «ئانىلار بايرىمى». 1998-يىلى رۇسىيە ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر يەكشەنبە كۈنىنى «ئانىلار بايرىمى» قىلىپ رەسمىي بىكىتكەن. ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپ پەرزەنتلىك ئانىلار مۇكاپاتلىنىدۇ. رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتى «ئانىلار بايرىمى» دىن بۇرۇنلا باشلانغان، 25-نويابىر كىرېمىل سارىيىدا داغدۇغىلىق مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلەنگەن. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن «قەھرىمان ئانىلار» بۇ مۇزىكا كېچىلىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى تۇلا شىتاتىدىن كەلگەن بىر ئانا بولۇپ، ئۇ يولدىشى بىلەن بىرگە 40 بالىنى تۇغقان ياكى بېقىۋالغان. شۇ كۈنكى پائالىيەتتە 10 ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن. جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرمۇ ئانىلار بايرىمى كۈنى ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم ئانىلارغا «قەھرىمان ئانا» نامىنى بەرگەندىن سىرت، ئۇلارغا يەنە 100 مىڭ رۇبلىدىن 220 مىڭ رۇبلىغىچە (بىر يۈەن خەلق پۇلى 4.9 رۇبلىغا تەڭ) ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇكاپات تارقاتقان. تۇغۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەدە بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان ئانىلار دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. 2007-يىلىدىن بۇيان، 3 مىليون 100 مىڭ ئائىلە «ئانىلار تولۇقلىمىسى» غا ئېرىشكەن. بۇ پۇللار ئاساسلىقى ئانىلارنىڭ پىنسىيە پۇلىنى ئۆستۈرۈش ۋە تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ 2012-يىللىق خامچوتىغا ئاساسەن، ئانىلار تولۇقلىمىسى 163 مىليارد رۇبلىغا يېتىشى مۇمكىن.
|