ئېغىز بوشلۇقىغا نېمە سەۋەبتىن يارا چىقىدۇ؟ ئېغىز بوشلۇقىغا يارا چىققاندا غىزالىنىش، چىشنى چوتكىلاش ۋە گەپ قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ ھەم ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. گۇاڭجۇ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋراچى لىن سۈيفاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا يارا چىقىپ قالسا، ئىسسىقىم ئېشىپ كېتىپتۇ، دەپ قاراپ، ئىسسىقلىقنى چۈشۈرۈدىغان دورىلارنى ئىچىشى ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بىرخىل قىسمەن كېسەل ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قوزغىلىشى پۈتۈن بەدەننىڭ ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، يەنى بەدەن ساپاسى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، ئۇيقۇ، كەيپىيات قاتارلىقلارنىڭ ياخشى بولماسلىقىمۇ ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەمدە ماسلىشالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بەدەن زەئىپلەشكەن ياكى زىيادە ھېرىپ – چارچىغاندىمۇ ئېغىزغا يارا چىقىدىكەن. ئۇ يەنە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، قەۋزىيەت قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئىپادىسى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بولىدىكەن. ئالدىنقىسى ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە پەيدا بولىدىكەن، بۇنداق ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ رەڭگى سارغۇچ بولۇپ، قىزىرىپ ئىششىيدىكەن، بۇ ياشلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن. يوشۇرۇن تىپى غەم – غۇسسا كۆپىيىش، زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن خىلىت سۇيۇقلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا كۆرۈلىدىكەن. بۇ ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يارىنىڭ يۈزى سۇس ئاق رەڭدە بولىدىكەن، يېنىك دەرىجىدە ئاغرىيدىكەن. مەڭزى قىزىرىپ، ئېغىز قۇرۇش، ئەمما سۇ ئىچكۈسى كەلمەسلىك، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. لىن دوختۇر مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ئېغىز بوشلۇقىغا يارا چىققاندا، دورا ئىچكەندىن باشقا، تۇز سۈيى، ئۇچقات سۈيى، جۇخارگۈلى سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ياكى يارا ئورنىغا ھەسەل سۈركەپ ئون مىنۇتتىن كېيىن چايقىۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. تۇخۇم سېرىقى بىلەن كۈنجۈت يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم ياساپ، يارا ئېغىزىغا سۈركەپ بەرسە، يارىنىڭ ساقىيىشى تېز بولىدىكەن. سوغۇقچان كىشىلەر ئالىغىلنى چىلىغان سۇ ياكى پىستىگۈل شورپىسى بىلەن ئېغىزىنى چايقاپ بەرسە؛ تال، ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر قانتېپەر، تارانتاز، شىمال كەتىراسى، چىلان سۈيى بىلەن ئېغىزىنى چايقاپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدىكەن.
|