بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ كىچىك بالىلار، ئادەتتە، قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئاغزىغا سېلىشقا ئالدىرايدۇ، بولۇپمۇ تۈگمە، تەڭگە پۇل قاتارلىق نەرسىلەر ئۇلارغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە نەرسىلەر بولغاچقا، بۇنداق نەرسىلەر قولىغا چىققان ھامان ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى ئېغىزغا سالغاندا يۇتۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن ئېغىر پاجىئەلەرمۇ كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئاتا – ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئەلقەم ئابدۇباقى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بالىنىڭ گېلىدە يۇقىرىقىدەك نەرسىلەر تۇرۇپ قالسا، ئاۋۋال بالىنى يۆتەلدۈرۈپ نەرسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، ئەگەر بالا ئۆزلۈكىدىن يۆتىلىشكە ئىمكان بولمىسا، بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يۆتەلدۈرۈش كېرەك. بۇ دېگىنىمىز، ئادەتتە، ئىككى – ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ ئېغىزىغا غەيرىي نەرسە كىرىپ كەتكەندە بالىنىڭ دۈمبىسىدىن قۇچاقلاپ، ئىككى قولنى قورساقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، قورسىقىنى تۇيۇقسىز ئۈستىگە قارىتىپ بېسىپ، دۈمبىسىگە ئۇرۇش كېرەك، قورساققا بېرىلگەن تۇيۇقسىز بىسىم بىلەن بالىنىڭ گېلىگە تۇرۇپ قالغان نەرسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ياشلىق بالا بولسا بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر قولدا مەھكەم تۇتۇپ، بېشىنى پەسكە قارىتىپ دۈمبىسىگە بەش قېتىمدىن سەككىز قېتىمغىچە بوشراق ئۇرۇش كېرەك. بالىنىڭ دۈمبىسىگە بىر قانچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن بالا ئېغىزىنى ئاچىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئېغىزىغا كىرىپ كەتكەن نەرسە كۆرۈنسە قول بىلەن ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر بالىدا نەپەس سىقىلىش، خىرقىراش، لەۋلىرى كۆكۈرۈش، ئاۋازى پۈتۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. بالا يۇتۇۋالغان نەرسە مەيلى چىقسۇن – چىقمىسۇن چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر بالا يۇتۇۋالغان نەرسە يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ، بەك چوڭ بولمىسا، چوڭ تەرەت بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنىڭ ھەر قېتىملىق چوڭ تەرىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك، ئادەتتە، غەيرىي نەرسىلەر ئۈچەيدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرمايدۇ. نەرسە ئۈچ كۈنگىچە چىقمىسا دوختۇرخانىغا يەنە ئاپىرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى، بالىلار بەزىدە ھاشارات ۋە چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسىغا ئوخشاش زەھەرلىك دورىلارنى يەۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر يەۋالغان دورىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا ئالدىنقى بىر – ئىككى سائەتتە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، كېيىنچە چوڭ – كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق، ئەس – ھوشى جايىدا بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يەۋالغان دورىنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا دورا دەرھال تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىش، كۆزىنىڭ قارىچۇقى كىچىكلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە زەھەر قانغا ئۆتۈپ كېتىپ بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. دىياگنوز قويۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە بالا يەۋالغان دورا قالدۇقىنىمۇ ئېلىپ كېلىش كېرەك.
|