بالىڭىزنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەڭ بالىلار كېسەللىكىنىڭ %70 تىن كۆپرەكى نەپەس يولى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار سوغۇق ئۆتۈپ شامالدىسىلا، ياللۇغلىنىدۇ. يەنە بىرى، ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېشىپ كەتسىمۇ ئاسانلا ئاشقازىنى بىئارام بولىدۇ. بۇ بالىغا تاماقنى كۆپ بېرىش، بالىنى قېلىن كىيىندۈرۈشتىن بولىدۇ. ئادەتتە، بالىلارنىڭ ئۆپكىسى ناھايتى يۇمران بولغاچقا، ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىش، يۆتەل، دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە قايتا قوزغىلىپ ئۇزۇنغىچە ساقايمايدۇ. شۇڭا، بالىنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەسلىك كېرەك. بولمىسا بالا تەرلىگەندىن كېيىن شامالداپ ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىغا تاماقنى بەك كۆپ بېرىۋەتمەسلىك كېرەك.چۈنكى بالا بەك تويۇنۇپ كەتسە، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئارتۇقچە ئىسسىقلىق بەدەنگە يىغىلىۋېلىپ، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بالىنىڭ يىلدا ئۈچ-تۆت قېتىم زۇكام بولۇشى نورمال ئەھۋال، بۇ بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى بولماستىن،بەلكى ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ.
|