ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى راك ھۈجەيرىلىرىنى پەرقلەندۈرگىلى
بولىدىغان پۈركۈش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ئادەمنىڭ چاشقان تېنىگە يۆتكەلگەن تۇخۇمدان راك ھۈجەيرىلىرىگە پۈركۈش دورىسىنى چاچقاندا يېشىل رەڭلىك نۇر تارقاتقان جۇڭگو ئاخبارات تورى 24 -نويابىر تېلېگراممىسى : كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى پۇيې تەيئاس ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىگىلىكى سەھىيە تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىسى شياۋلىن سېتىم قاتارلىقلار 23–نويابىر نەشىردىن چىقىدىغان ئامېرىكا ئىلىم–پەن ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ، راك ھۇجەيرىلىرىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بىر خىل پۈركۈش دورىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان . بۇ پۈركۈش دورىسىنى پەقەت گۇمان قىلىنغان جايغا پۈركۈپ قويسىلا ، بىر نەچچە سېكۇنتتىن بىر نەچچە مىنۇتقىچە راك ھۈجەيرىلىرى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يورۇقلۇق چىقىرىدىكەن . بۇ خىل پۈركۈش دورىسىنى ئىشلەتكەندە يادرو ماگنىتلىق رېزونانس قاتارلىق نۆۋەتتە بار بولغان زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىقمۇ تەستە كۈزەتكىلى بولىدىغان بىر سانتىمېتىردىن كىچىك بولغان راك ھۈجەيرىلىرىنى بايقىغىلى بولىدىكەن ھەمدە ئوپېراتسىيە جەريانىدا ، ئەڭ كىچىك راك ھۈجەيرىلىرىنى بايقاش ۋە پۈتۈنلەي تازىلىۋېتىشكە ياردىمى بار بولۇپ ، قايتا قوزغىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن . نۆۋەتتە ، بۇ پۈركۈش دورىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى نورمال ھۈجەيرىلەرگە بولغان يامان تەسىرى بايقالمىغان ، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ھاجەتسىزكەن ، تەننەرخى تۆۋەن ، مەشغۇلاتى ئاددىي، ئادەتتىكى دوختۇرخانىلارمۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن رەسمىي ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن .
|