باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-24 16:36 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
تەبىئىي نېفىتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون بىلەن ھىدروگېن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نېفىت چوقۇم كاربون بىلەن ھىدروگېندىن تە

كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟

 

ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا يەرشارىدىكى نېفىت بايلىقى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى تېپىش ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە سۈنئىي نېفىت تەبىئىي نېفىتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

ئۇنداقتا، سۈنئىي نېفىت قانداق ھاسىل قىلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ تەبىئىي نېفىت بىلەن قانداق پەرقى بار؟

تەبىئىي نېفىتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون بىلەن ھىدروگېن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نېفىت چوقۇم كاربون بىلەن ھىدروگېندىن تەركىب تېپىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، ئالىملار كۆمۈرگە ھىدروگېن قوشۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون بىلەن ھىدروگېن نىسبىتىنى تەبىئىي نېفىتنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ، سۈنئىي نېفىت ھاسىل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق بۇ ئارىلاشمىنى سۇيۇقلاندۇرۇپ سۈنئىي نېفىت ھاسىل قىلغان.

باكتېرىيە ئارقىلىق نېفىت ھاسىل قىلىش

نېفىت يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ يەر ئاستىدىكى كۈچلۈك بېسىم تەسىرىدە چىرىشىدىن ھاسىل بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا باكتېرىيەدىن پايدىلىنىپ نېفىت ھاسىل قىلىشنى ئويلاشقان ھەم بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەجرىبە ئىشلىگەن.

كانادا تورۇنتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ۋىدىمان ئەڭ بۇرۇن نېفىت ئىشلىيەلەيدىغان بىر خىل باكتېرىيەنى بايقىغان. ئۇ شاخلانغان تاياقچە باكتېرىيەسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مىكرو ئورگانىزمنىڭ ھىدرو كاربون بىرىكمىلىرىگە ئوخشايدىغان كىسلاتا ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى خۇددى ھاراق، جاڭيۇ ئىشلەپچىقارغاندەك فېرمېنت ئارقىلىق كاتالىزلاپ سۈنئىي نېفىتنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ تەركىبى تەبىئىي نېفىتنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى باكتېرىيە ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. 

 ئۆسۈملۈكتىن نېفىت ئېلىش

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا خىمىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئالىم كارۋىن بىرازىلىيەدىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقلىرىدا بىر خىل كاۋچوك دەرىخىنى بايقىغان، بۇ كاۋچوك دەرىخىنىڭ ھەربىر تۈپى يېرىم يىل ئىچىدە 20 - 30 كىلوگىرام كېلىدىغان سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبى نېفىتنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىمەيلا سالياركا ئورنىدا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ئاستىدىمۇ بولىدىكەن. يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ئاستىدا ئۆسىدىغان بەزى دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى %67كە يېتىدىكەن. ئالىملار ئەنە شۇنداق يۈسۈنلەردىن پايدىلىنىپ بېنزىن، سالياركا ئاجرىتىپ ئالغان. ھازىر بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا.

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر