1. ئەخلەت گېننىڭ مۇھىملىقى. گېن- ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى باش قەھرىمان. بىراق، بەزى گېنلار بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى «ئەخلەت گېن» دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر قىسىم گېنلارمۇ باشقا گېنلارغا ئوخشاشلا مۇھىم .
2. ئۆتكەن ئون يىلدا ئېلىپ بېرىلغان نەچچە قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىزنى تەبىئىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى. مارستا يېتەرلىك ئۆزگەرگەن تاغ جىنىس كۆرۈنۈشلىرى، ھەتتا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سۇ بولغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بەلكىم يەر شارىدا ھاياتلىق پەيدا بولۇشقا باشلىغان چاغدىلا مارستا سۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. مارستىكى نەملىك ئالىملارنىڭ داۋاملىق مەلۇم خىل ھاياتلىق ئېكولوگىيەسىنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولدى.
3. ھۈجەيرىگە قايتىدىن پىروگرامما تۈزۈش. تەتقىقاتچىلار ھۈجەيرىگە قايتىدىن پىروگرامما تۈزۈپ، بەدەندىكى باشقا ھۈجەيرىلەرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان ئۇسۇلنى بايقىغان. ئالىملار كەلگۈسىدە بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، سەپلىمە توقۇلمىلار ياكى ئەزالارنى ياساپ چىقىشنى ئۈمىد قىلماقتا.
4. ئولتىرا قاسراقلىق ماتېرىياللار. ئوپتىكا، فىزىكا ياكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئارقىلىق سېنتىزلاپ، نۇرنى يېتەكلىگىلى ياكى باشقۇرغىلى، ھەتتا يوشۇرۇن شەكىللىك ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ .
5. ئالەم ماددىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى. ئۆتكەن ئون يىلدا تەتقىقاتچىلار ئالەمنى ھاسىل قىلغۇچى ئاددىي ماددىلار، قاراڭغۇ ماددىلار ۋە قاراڭغۇ ئېنېرگىيە ھەمدە ئۇنى تۈزگۈچى ھەرقايسى تەركىبلەر ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئىنتايىن توغرا يەكۈنلەپ چىققان. بۇ جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئالەم نەزەرىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەزەرىيەگە ئىگە بولغان ئېنىق بىر پەنگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.
6. سىستېما سىرتىدىكى سەييارىلەرنىڭ بايقىلىشى. 2000- يىلى تەتقىقاتچىلار پەقەت سىستېما سىرتىدىكى 26 سەييارىلەرنىلا بىلەتتى، ھازىر بۇ سان كۆپىيىپ 502گە يەتتى ھەمدە داۋاملىق تۈردە كۆپىيىۋاتىدۇ. يېڭى تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئاستورنوملار ئالەم بوشلۇقىدىن كۆپلىگەن يەر شارىغا ئوخشاش پىلانېتلارنى ئىزدەپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىشماقتا.
7. تېنىمىزدىكى ھاياتلىق. ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى 2007- يىلى ئىنسانىيەت مىكروئورگانىزملار گۇرۇپپا پىلانىنى يولغا قويغان. بۇ پىلان بىزنىڭ مىكرو ئورگانىزملار گېنىنىڭ يېمەكلىكتىن ئېنېرگىيە قوبۇللىشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بەدەن ئېممۇنىت سىستېمىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىكەن.
8. ئالەمدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ DNAسى. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، DNA قاتارلىق جانلىقلار مولېكۇلىلىرى ياكى كوللىگېن ئاقسىلى 10 مىڭ يىل ساقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ بىزنى ئاللىقاچان يوقۇلۇپ كەتكەن ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ۋە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇ ئەلۋەتتە قەدىمكى بىئولوگىيە ساھەسىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك بايقاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئاشۇ ئىنتايىن كىچىك ۋاقىت ماشىنىسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، دىنوزاۋۇر پەيلىرىنىڭ ياكى مامۇنىت پىللىرىنىڭ سوغقا قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.
9. كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى. ئۆتكەن ئون يىلدا تەتقىقاتچىلار يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاساسىي پاكىتلارنى جەزىملەشتۈردى. يەنى، يەرشارى تېمپراتۇرسى ئۆرلەۋاتىدۇ، ئىنسانلار يەرشارى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدەك بىر دەۋرنى كۈتۈۋېلىۋاتىدۇ. بىراق، كەلگۈسى 10 يىلدا ئالىملار بىلەن سىياسەتشۇناسلار يەر شارىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىشتەك ئۇچۇرلارنى قارار قىلىدۇ.
10. پەردە كەينىدىكى قارا قول. يېقىنقى يىللارغىچە ياللۇغ- جاراھەت ياكى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى داۋالىنىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان ھادىسە دەپ قارىلىپ كەلگەن. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە تەتقىقاتچىلار ياللۇغنى راك، ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلى، دىئابېت ۋە سېمىزلىك، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «پەردە كەينىدىكى قارا قول» دەپ قاراشماقتا . |