ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار : تور دۇنياسىدىكى مېھىر – شەپقەتئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپداڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن ) شەرەپ بىلەن 10 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى››مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەتتەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ، ھەر ساھەدىن خىللانغان دەۋر روھىغائىگە مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر باھالاش بېلەت تاشلاش باسقۇچىغاكىرگەن بولۇپ، ۋاپادارىم بىلەن بىرگە جەمئىي 30 نەپەر ياش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. شۇ تاپتا، بېلەت تاشلاش ناھايىتى كەسكىن داۋام قىلماقتا. كەڭ تورداشلارنى توردۇنيايىمىزدىن بالقىغان بۇ چولپان توردىشىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلاشنىتەۋسىيە قىلىمىز . تاشلاش ئوبيېكتى: 21 –نومۇرلۇق ئەيساجان نىزامىدىنۋە ئۆزىڭىز خالىغان باشقا ياشلار. تورداشلارنىڭ مەزكۇرتېمىنى باشقا مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز! مەنبە ئەلكۈيى تورى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|