باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىي

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-14 12:49 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەنگلىيە ئالىملىرى بۈگۈنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىياتنى باھالاپ چىقتى ئىسپانىيە دۇنيا گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېق
ئەنگلىيە ئالىملىرى بۈگۈنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىياتنى باھالاپ چىقتى

 

    ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيە ئىلىم – پەن جەمئىيىتىدىكى 200 ئالىم بۈگۈنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئون تۈرلۈك تېخنىكا ئىجادىيىتىنى باھالاپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا ئۇچۇر، sony شىركىتىنىڭ walkman يانچۇق مۇزىكا قويغۇچىسى، تەنھەرىكەت ئۆي ئايىغى قاتارلىقلار بار.
    (1) ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS)
    بۇ تېخنىكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى ئىجاد قىلىنىپ، دەسلەپتە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن. ھازىر شوپۇرلارنىڭ يول ۋە نىشاننى بىلىش قورالىغا ئايلاندى. ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى بىر يۈرۈش سۈنئىي ھەمراھلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ قەيەردە بولسۇن، ئۇنىڭدىكى سىگنال قوبۇللىغۇچ قۇرۇلمىسى سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان سىگنالنى قوبۇل قىلالايدۇ. سىگنال قوبۇللىغۇچ قۇرۇلمىسى تۆت ياكى تۆتتىن كۆپ سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئانالىز قىلىپ، سىگنال قوبۇللىغۇچ قۇرۇلمىسى بار جاينىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    ھازىر ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى يول ياكى ئاشخانىلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئالاھىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ئىزمۇ ئىز يۈرۈپ داۋالاش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆچۈشىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ.
    (2) sony شىركىتىنىڭ walkman يانچۇق مۇزىكا قويغۇچىسى
    ھازىر MP3 مۇزىكا قويغۇچىسى بۇ كونا ئۇسلۇبتىكى يانچۇق مۇزىكا قويغۇچىسىنى «ئاسارئەتىقە» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ھەر بىر مۇزىكا ھەۋەسكارنىڭ قولىدا بىرىدىن يانچۇق مۇزىكا قويغۇچىسى بار دەۋر ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.
    (3) تاياق كود
    تاياق كودنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 60 يىل بولدى. 1949 – يىلى ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى درېكسېل ئۇنېۋېرسىتېتى تېخنىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نورمانۋودلان كەشىپ قىلغان. تاياق كود تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى شۇكى، ۋاقىت تېجەيدۇ. يەنە كېلىپ رەتلىك ۋە توغرا چىقىدۇ. تاۋارلارغا ياتاق كود چاپلىغاندا ، تاۋارلارنى تۈرلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ. بۇ سىستېما تاللا بازارلىرى، تۈرلۈك ماللار شىركىتى، كىيىم دۇكانلىرى، دورا دۇكانلىرى، كىتابخانا، ئويۇنچۇق دۇكىنى قاتارلىق سودا سورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
    (4) تەييار يېمەكلىك
    تەييار يېمەكلىكلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى كىشىلەرنىڭ تۇرۇمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. يېمەكلىك خام ماتېرىيالىنى دۇخۇپكا ياكى مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىغا ئازراق ۋاقىت سېلىپ قويسىلا مېزىلىك تاماق ھازىر بولىدۇ. تەييار يېمەكلىك نەچچە مىڭ ئائىلىنىڭ يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تامامەن ئۆزگەرتتى، بۇنداق يېمەكلىك قۇلايلىق ۋە ۋاقىت ئالمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر: تەييار يېمەكلىك كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز، سېمىزلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، دېيىشمەكتە.
    (5) sony شىركىتىنىڭ playstation ئويۇنچۇق ماشىنىسى
    بۇ ئويۇنچۇق ماشىنىسى sony شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتكەن كەشپىياتىدۇر. playstation ئويۇنچۇقى دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقنىڭ بالىلارنىڭلا ئويۇنچۇقى بولۇشتىن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭمۇ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقى بولۇشقا ئۆزگەردى. playstation ئويۇنچۇقى 1994 – يىلى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن playstation ئويۇنچۇقنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتلىرى ئائىلە ئويۇنچۇق ماشىنىسى بازىرىدا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەنىدىن. لېكىن نىنتېندو شىركىتى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ شۇ خىلدىكى مەھسۇلات رىقابىتى سەۋەبىدىن playstation ئويۇنچۇقنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى تەسكە چۈشتى.
    (6) ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
    كۈندە نەچچە مىليون ئادەم Facebook تور پونكىتىغا چىقىپ، سۈرەتلىرىنى تارقىتىدۇ، دوستلىرى بىلەن مۇڭدىشىدۇ ياكى يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. Facebook ، Twittir، Tuenti ۋە MySpace قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش شەكلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى.
    (7) قىسقا ئۇچۇر
    ئادەتتە ۋە قىسقا يېزىلغان ئۇچۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىكى يەنە بىر زور ئىنقلابتۇر. ئەڭ دەسلەپكى قىسقا ئۇچۇر كۆچمە تېلېفون كەسپىنىڭ قوشۇمچە مۇلازىمەت تۈرى ئىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىسقا ئۇچۇر كۆچمە تېلېفون كارخانىلىرىنىڭ بېيىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. ھەتتا ياش ئابۇنىچىلارخەت سانىنى ئازايىتىش ئۈچۈن قىسقا ئۇچۇرلاردا قوللىنىلىدىغان مەخسۇس تېزمىنلارنى ئىجاد قىلدى.
    (8) ئېلېكترونلۇق چىقىم قىلىش
    ئىناۋەت كارتىسى ۋە ئېلېكترونلۇق بانكا قاتارلىق كەسىپلەر كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى ۋە قۇلايلىق ياراتتى. ھازىر كىشىلەر يېنىدا ئازراقلا نەق پۇل ئېلىپ، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بىمالال ئىستېمال قىلالايدۇ. لېكىن ئېلېكترونلۇق پۇل كارتىسىنىڭ ئوغرىلىنىشى ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلار بەزى ئابۇنچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتىدۇ.
    (9) ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى
    مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. يان تېلېفون، سىمسز تور ۋە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.
    (10) تەنھەرىكەت ئائىلە ئايىغى
      1892 – يىلى Goodyear مېتال رېزىنكە ئاياغ شىركىتى تۇنجى قېتىم رېزىنكە بىلەن رەختنى بىرلەشتۈرۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى تىككەن. ھازىرغا كەلگەندە تەنھەرىكەت ئايىغى ھەممە يەرگە تارقىلىپ مودىغا ئايلاندى.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى  2009- 03- 31
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر