ئالىكساندېر بېل (Alexander Graham BELL) (مىلادىيە 1847 - 1922 ) تېلېفوننىڭ كەشپىياتچىسى ئالىكساندېر بېل 1847 –يىلى شوتلاندىيىنىڭ ئېرىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. گەرچە ئۇ رەسمى مەكتەپتە بىر نەچچە يىللا ئوقۇغان بولسىمۇ ، لېكىن ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ياخشى مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولغان.بېلدا ئاۋازنىڭ پەيدا بولىشىغا قارىتا قىزغىنلىقنىڭ باش كۆتۈرىشىگە تەبئى شارائىت سەۋەب بولغان. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى كېكەچلەرنىڭ سۆزىنى تۈزەشكە ياردەم بېرىدىغان فىزىئولوگ ھەم گاس-گاچىلارغا دەرس ئۆتىدىغان مۇتەخەسسىس ئىدى. 1871- يىلى بېل ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ بوستۇن شەھىرىگە كەلدى.1875-يىلى شۇ يەردە تېلېفوننى كەشىپ قىلىش يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلنى ھەل قىلدى . 1876- يىلى 2- ئايدا پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇندى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن پاتېنت ھوقۇقى تەستىقلاندى.(قىززىق بولغىنى ، بېل ئىلتىماس سۇنغان كۈنى ئېلېشاگرېي ئىسىملىك بىرسىمۇ تېلېفون كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇنغان،لېكىن ئۇ بېلدىن پەقەت بىر سائەتلا كېچىككەن.) پاتېنت ھوقۇقى تەستىقلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بېل فلادېلفىيىنىڭ 100 يىللىقى كۆرگەرمىسىدە ئۆزىنىڭ تېلېفونىنى كۆرگەزمىگە قويدى. ئۇنىڭ كەشپىياتى كىشىلەرنىڭ زور قىززىقىشىنى قوزغىدى ھەمدە مۇكاپاتلاندى. لېكىن ‹غەرب بىرلەشمىسى›تېلېگراف شىركىتى بۇ كەشپىياتنى 100 مىڭ دوللارغا سېتېۋېلىشنى رەت قىلدى. شۇڭا بېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 1877-يىلى7- ئايدا ئۆزلىرىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. مانا بۇ ھازېرقى ئامېرىكا تېلېفون- تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئاساسى، تېلېفون تېزلىكتە تەڭداشسىز مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتى . ئا ت&ت شىركىتى ئاخىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەخسى شىركەتكە ئايلاندى.(ھازىر ئۇ كۆلىمى كىچىكرەك بولغان بىر نەچچە شىركەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.) ئەر- خوتۇن بېللارنىڭ قولىدا 1879-يىلى3-ئايدا بۇ شىركەتنىڭ ئاران 15% پاي چېكى بار ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ شىركەتنىڭ بۇنچىۋالا پۇل تېپىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى.7-ئايدا ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى پاي چېكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ـــ ھەر بىرىنى 250 دوللاردىن سېتىۋەتتى. 11-ئايغا كەلگەندە پاي چېكىنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 1000دوللارغا ئۆرلىدى. (3-ئايدا ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 65 دوللار چېغىدا ، پاينىڭ ئەمدى ئۆرلىمەسلىكىدىن ئەنسىرگەن بېل خانىم ئېرىدىن پايلارنى سېتىۋېتىشنى ئۆتۈنگەنىدى.) 1881ـ يىلى ئۇلار ئەخمەقلىق قولىدىكى پاينىڭ 3/1 قىسىمىنى سېتىۋەتتى. شۇنىڭغا شۇنىڭغا قارىماي 1883-يىلى ئۇلارنىڭ قولىدىكى پاي چېكىنىڭ قىممىتى يەنىلا بىر مىليون دوللار بولغان. تېلېفون كەشپىياتى بىلەن بېل مىليونىرغا ئايلانغان.لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى زادىلا توختاتمىغان.يەنە باشقا بىر نەچچە قۇرۇلمىنى(گەرچە ئانچە مۇھىم بولمىغان بولسىمۇ)مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كەشىپ قىلغان.ئۇنىڭ قىززىقىشلىرى ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا گاس-گاچىلارغا ياردەم قىلىش ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ بۇرۇن يېتەكلىگەن گاس قىز ئىدى. ئۇلار ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان. لېكىن ئىككى ئوغلى بوۋاق ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن.1882- يىلى بېل ئامېرىكا پۇقرالقىغا ئۆتكەن.1922- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
|