باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئالەم بوشلۇقىدىكى تاغ جىنىسلىرى قانداق شەكىللەنگە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-29 17:39 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
توزان تۇمانلىرى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىدىكى توسالغۇ بولۇپ، ناۋادا، ئالەم كېمىسى توزان تۇمانىغا كىرىپ قالسا، چاڭ – توزانلار ئالەم ك

ئالەم بوشلۇقىدىكى تاغ جىنىسلىرى قانداق شەكىللەنگەن؟

 

ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆپىنچىسى يەر شارىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنداقتا، بۇ تاغ جىنىسلىرى قانداق شەكىللەنگەن؟

   ئەنگلىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىر بلاند يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىتا كومپيۇتېر تەقلىدىي تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. تەجرىبىدە ئۇلار قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانىتلارنى شەكىللەندۈرگەن تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى توزان تۇمانلىرىنىڭ جۇغلىنىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ توزانلار ئىنتايىن ئۇششاق بولۇپ، بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۇن توزاندىلىرىدىنمۇ كىچىك ئىكەن. توزان تۇمانلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ھازىرمۇ بار ئىكەن. توزان تۇمانلىرى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىدىكى توسالغۇ بولۇپ، ناۋادا، ئالەم كېمىسى توزان تۇمانىغا كىرىپ قالسا، چاڭ توزانلار ئالەم كېمىسىنىڭ كۆرۈنمەس يوچۇقلىرىدىن كىرىپ كېمىنىڭ نازۇك زاپچاسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.

   بۇ چاڭ توزانلاردىن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي تاغ جىنىسلىرى دەسلەپتە پاختىدەك يۇمشاق بولۇپ، تۆشۈكسىمان ھالەتتىكى پىروبركىغا ئوخشايدىكەن. ئۇنداقتا، بۇ يۇمشاق تاغ جىنىسلىرى قانداق قىلىپ مۇستەھكەم تاغ جىنىسلىرىغا ئايلانغان؟

   بۇ سوقۇلۇش كۈچى، يەنى توزانلارنىڭ بىر بىرىنىڭ ئارىسىدىكى سوقۇلۇش كۈچىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن. سەۋەبى دەسلەپكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ زىچلىقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرىدۇ. ئىپتىدائىي تاغ جىنىسلىرى ئالەم بوشلۇقى شامىلى،ئۆزئارا تارتىشىش كۈچى، كېڭىيىش كۈچى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە، توختىماي بىر بىرىگە سوقۇلۇپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. نەچچە مىليون يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جىنىسلار ئاستا ئاستا قاتتىق ھالەتكە كېلىدىكەن.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر