تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى
ئابىدار بېگىم
ئابىدار بېگىم تۆمۈرىيىلەر نەسلىدىن بولغان ، ھىندىستاندىكى موغۇل خانىدانلىقىنىڭ پادىشاھلىرىدىن ئەكبەر شاھ ئەبۇ فەزىل جالالىدىن مۇھەممەد ئىبنى ھۇمايۇننىڭ ( 1452 __ 1605 ) خوتۇنى ، ئابىدار بېگىم ئەقىل پاراسەت، ھۈسۈن جامالدا مەشھۇر بولۇپ ، تارىخىي كىتابلاردىن ئىلىم سۆيەر ، مەرىپەتپەرۋەر ئايال ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئارام بانۇ بېگىم
ئارام بانۇ بېگىم تۆمۈرىيىلەر ئەلادىدىن بولغان مەشچۇر ھۆكۈمدار ئەكبەر شاھنىڭ قىزىدۇر. ئانىسىنىڭ ئىسمى بى بى دۆلەتشاھ بولۇپ، شۈكرۈننىسا ئىسىملىك بىر ھەمشىرىسى بولغان.لاھور بىلەن ئەگرە شەھىرى ئارىسىدا راۋان چوڭ يول ياساتقان مىرزا سەلىم نۇرىددىن مۇھەممەد جاھانگىر (؟_ 1628 ) بولسا ئارام بانۇ بېگىمنىڭ قېرىندىسى . ئارام بانو بېگىم مىرزا سەلىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە 40 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. دادىسى ئەكبەر شاھ دەپىن قىلىنغان ئەگرە شەھىرىدىكى سىكەندىرە دېگەن جايغا _ دادىسىنىڭ يېنىغا دەپىن قىلىنغان . ئارام بانۇ بېگىمنىڭ مەقبەرىسى مەرمەردىن ناھايىتى كاتتا ياسالغان.
ئارسلان خاتۇن
ئارسلان خاتۇن سالجۇقىلاردىن توغرۇل بەگنىڭ قېرىندىشى داۋۇد ئىبنى مىكائىل ئىبىنى سالجۇقنىڭ قىزىدۇر . ئەسلىي ئىسىمى خەدىچە بولۇپ ، نەسەبىنىڭ فامىلىسى بىلەن « ئارسلان خاتۇن » دەپ ئاتالغان . ئارسۆن خاتۇن مىۆدىيە 1056 يىلى ئابباسىيۆر خەلىپىلىكىنىڭ 26 ھۆكۈمدارى قائىم بىئەمرۇللاھ ( بۇ خەلىپىنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ، ئاللاھنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنى ئورۇندىغۇچى دېگەن مەنىدە ، ئەسلىي ئىسمى ئابدۇللاھ)قا ياتلىق بولغان . مىۆدىيە 1063 يىلى ئارسلان خاتۇن ئېرى بىلەن يامانلىشىپ قېلىپ ، تاغىسى توغرۇل بەگ تەرىپىدىن رەي شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن . مىۆدىيە 1067 يىلى ئارسۆن خاتۇن باغدادقا قايتقاندا ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ۋەزىرى ئىبنى جۇھەيىر ئالدىغا چىقىپ ئىززەت ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالغان . خەلىپە قائىم بىئەمرىللاھ مىلادىيە 1074- يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئارسلان خاتۇن ئەلى ئىبنى ئەبى مەنسۇرغا ياتلىق بولغان.
ئايخان ئانا
ئايخان ئانا ئەل سۆيەر مەرىپەتچى ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخسىلەرنىڭ بىرى . ئايخان ئانا 1888 يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان . 1933 _ 1934 يىللىرى دادىسى ۋە ئېرىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتىنى سەرپ قىلىپ ، غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . بۇ مەكتەپ « غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى » دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ، خەلق بۇ مەكتەپكە « ئايخان ئانا مەكتىپى » دەپ نام بەرگەن . بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىۆر سانى 300 گە يەتكەن . بالىۆرنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى ئايخان ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالغان . شۇ چاغدا « ئىلى دەرياسى گېزىتى » سەھىپىلىرىدە ئايخان ۋە ئايخان مەكتىپى ھەققىدە نۇرغۇن شېئىر، ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان . بۇ ئىلىم ئوچىقى نەچچە مىڭلىغان ئوغۇل قىزلارنى يېتىشتۈرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تۈرمىسىگە چۈشۈپ جىق ئازاب تارتقان ۋە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان . ئايخان ئانا مەكتىپى ھازىرغىچە 50 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن يارلىقىنى تەقدىم قىلغان مەرىپەتپەرۋەر ئايخان ئانىنىڭ نامى خەلق قەلبىدە يادلىنىپ ، تارىخ بەتلىرىنىڭ نۇرانە سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە .
ئەرجۇمەند بانۇ بېگىم
ئەرجۇمەند بانۇ ھىندىستاندىكى تۆمۈرىيىلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شاھىجاھان شاھابىددىن مۇھەممەد ساھىب قىران سانىينىڭ ئايالى ، ۋەزىر ئاسىفخان ئىبنى مىرزا رەفيئۇززامان ئاقاملانىڭ قىزىدۇر. ئەرجۇمەند بانۇ مىلادىيە 1592 يىلى تۇغۇلغان ۋە 1612- يىلى شاھىجاھاننىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن . ئەرجۇمەند بانۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس ، ئەقىل پاراسىتى ، سىياسىي تەدبىرلىرى بىلەن شاھىجاھاننىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . 1630 يىلى زەينۇ ئاباد شەھىرىدە ۋاپات بولغان .
شاھىجاھان ئەرجۇمەند بانۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئەگرە شەھىرىگە ئەرجۇمەند بانۇغا ئاتاپ تاج مەھەل مەقبەرىسىنى ياساتقان . بۇ مەقبەرە قۇرۇلۇشىنى تۈرك ئىنژېنېرى لايىھىلىگن بولۇپ ، 20 مىڭ ئادەم كۈچى بىلەن 1630- يىلىدىن 1650- يىلىغىچە تەخمىنەن 20 يىلدا ياسىلىپ پۈتكەن . ئەرجۇمەند بانۇنىڭ جەسىتىمۇ كېيىن بۇ مەقبەرىگە كۆچۈرۈلۈپ دەپىن قىلىنغان . ئېسىل تاشلار بىلەن ئاق گەجدىن ياسالغان ، تاملىرىغا « قۇرئان كەرىم » ئايەتلىرى نەقىشلەنگەن تاج مەھەل مەقبەرىسى ئەينى دەۋردىلا ئەمەس ، ئاجايىپ نەپىس ۋە گۈزەللىكى بىلەن ھازىرقى زاماندىمۇ شەرق بىناكارلىق سەنئىتىدىكى ئېسىل گۆھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
تۇرخان
تۇرخان ئوسمان تۈركلىرىدىن سۇلتان ئىبراھىمنىڭ خوتۇنى ۋە سۇلتان مەھمۇد تۆتىنچىنىڭ ئانىسىدۇر . تۇرخاننىڭ ئەسلىي ئىسمى خەدىچە بولۇپ ، تۇرخان ئۇنىڭ سۇلتان جەمەتىدىن ئىكەنلىككە بېرىلگەن خاس نامدۇر . تۇرخان زاھىدە ، فازىلە ۋە كۆپ خەير- ئېھسان قىلغۇچى ئايال بولۇپ ، كۆپلىگەن مەكتەپ ، كىتاپخانا ، كۆۋرۈكلەرنى سالغۇرغان . قېيناتىسى ماھپەيكەر سۇلتان ئاساسىنى قۇرغان جامىئى شەرىفنى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۇرخان مەسئۇل بولۇپ ياساپ پۈتتۈرگەن . مىلادىيە 1683 يىلى تۇرخان ئالەمدىن ئۆتكەندە مۇشۇ جامىئەنىڭ يېنىغا دەپىن قىلىنغان.
تۇركان خاتۇن
تۇركان خاتۇن ئىراندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سالجۇقىلار پادىشاھلىقىنىڭ ئۈچىنچى شاھى مەلىكشاھ ئەبۇ فەتھى جالالىددىن ئىبنى ئالىپ ئارسلان ئىبنى چىغرىبەگنىڭ خوتۇنى . تۇركان خاتۇن ئەقىللىق ، تەدبىلىك ئايال بولۇپ ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئېرىگە ھەر دائىم يول كۆرسىتىپ مەسلىھەت بەرگەن. تۇركان خاتۇن ئەقىل پاراسىتى ، تەدبىرلىك سىياسەتلىرى بىلەن مەلىكشاھنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشكەن .
تارىخىي ماتېرىياللاردا مەلىكشاھ ھاكىمىيىتىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەرنىڭ ۋەزىر نىزامۇلمۈلۈك ۋە تۇركان خاتۇننىڭ تەدبىرلىرى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققانلىقى مەلۇمدۇر . تۇركان خاتۇن مەلىكشاھتىن مەھمۇد ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ ، مەلىكشاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئوغلىنى تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن ئۆگەي ئوغلى بەركيارىق بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بارغان . تۈركان خاتۇن كۆپلىگەن مەسجىد ، مەكتەپ ، شىپاخانىدەك خەير ساخاۋەت مۇئەسسەلىرىنى بىنا قىلغان . ئىززەت ھۆرمەت ۋە ئالىي نوپۇز بىلەن ياشىغان تۇركان خاتۇن مىلادىيە 1094- يىلى رامىزان ئېيىدا باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان .
جاھان ئارا بېگىم
جاھان ئارا بېگىم ھىندىستاندىكى موغۇل خانىدانلىقىنىڭ پادىشاھلىرىدىن شاھىجاھاننىڭ قىزىدۇر . جاھان ئارا بېگىم ئەقىل پاراسىتى ، تەقۋا ۋە فازىللىقى بىلەن زور شۆھرەت قازانغان . مىلادىيە 1681- يىلى دىھلى شەھىرىدە ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپىن قىلىنغان .
جاھان ئارا بېگىمنىڭ ھازىرمۇ دېھلىدا ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەقبەرىسى بار.
زىيبۇننىسا بېگىم
زىيبۇننىسا بېگىم ھىندىستاندىكى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئەبۇ مۇزەففەر مۇھىددىن ئالەمگىرنىڭ قىزى . زىيبۇننىسا 1638- يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان . زىيبۇننىسا ماھىر خەتتات ۋە دىنىي ئىلىمدە يېتىشكەن ئالىمە بولۇپ ، « قۇرئان كەرىم » نى ئۆزىنىڭ ھۆسنىخېتى بىلەن بىر قانچە نۇسخا قىلىپ كۆچۈرگەن . زىيبۇننىسا يەنە « قۇرئان كەرىم » نىڭ تەفسىرىنى يېزىپ چىقىپ ، ئۇنى « زىيبۇتتە فاسىر » دىگەن مام بىلەن ئاتىغان . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا زىيبۇننىسانىڭ يىتۈك دىني ئالىمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . چۈنكى « قۇرئان كەرىم » نى شەرھلەپ ، تەفسىر يېزىش كۆپلىگەن ئىلىملەرگە تۇتۇشىدىغان كەڭ دائىرىلىك ۋە يۇقىرى بىلىم قۇرۇلمىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي ئەمگەك . زىيبۇننىسا پارس، ئەرەب تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇپ ، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا شەرىئەت دەستۇرى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان « پەرتىۋايى ئالەمگىرىيە» ناملىق كىتابنى پارسچىغا تەرجىمە قىلغان . بۇ كىتاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلىمالىرى ئارىسىدىمۇ دىنىي مەسلىلەر بويىچە مەشھۇر پەتىۋا كىتابىدۇر .
زىيبۇننىسا يەنە چاغاتاي تىلىدا ۋە پارىس تىلىدا كۆپلىگەن گۈزەل شېئىرلارنى يازغان ئىستېداتلىق شائىرە بولۇپ ، پارس تىلىدا يازغان بىر شېئىرلار دىۋانى بار . ئۇ شېئىرلىرىدا « مەخفى » دېگەن تەخەللۇسىنى قوللانغان . زىيبۇننىسا بېگىم ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان . مىلادىيە 1701- يىلى دېھلىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە شۇ يەرگە دەپىن قىلىنغان .
سىكەندەر بېگىم
سىكەندەر بېگىم ھىندىستانغا تەۋە بىھوبال ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى ئەمىر جاھانگىر مۇھەممەد خاننىڭ ئايالى . 1844- يىلى ئەمىر جاھانگىر ۋاپات بولۇپ ، سىكەندەر بېگىم ھاكىملىق تەختىگە ئولتۇرغان .
سىكەندەر بېگىم ئەقىل پاراسەتلىك ، تەدبىرلىك ، ھەققانىي ئايال بولۇپ ، ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئالتە يىل جەريانىدا يۇرتتا ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش ، تىنچ ، خاتىرجەم ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن . بۇ مەزگىلدە سىكەندەر بېگىم بىھوربال ۋىلايىتىنىڭ نۇرغۇن تاشقى قەرزلىرىنى قايتۇرۇغان . خەلقتىن ئېلىندىغان بەزى باج سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان . شۇڭا غەرب سىياسىئونلىرىدىن كولونىل مىسلون : « سىكەندەر بېگىم ھەر قانداق ئىقتىدارلىق سىياسىئوندىن قېلىشمىغۇدەك ئاجايىپ باشقۇرۇش ، ئىدارە قىلىش تاللۆنتى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى نامايان قىلدى » ، دەپ باھا بەرگەن . سىكەندەر بېگىم 1868- يىلى ۋاپات بولغان .
شاھىجاھان بېگىم
شاھىجاھان بېگىم ھىندىستاندىكى بىھوبال ۋىلايىتى ھاكىمىنىڭ قىزى . دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان ئانىسى سىكەندەر بېگىم ساقسىز بولۇپ قالغان ۋە مەككىگە قىلغان ھەج سەپىرىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالغان ۋاقىتتا شاھىجاھان بېگىم دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرغان . ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شاھىجاھان بېگىم خەلقچىل ، ئادىل سىياسىتى بىلەن خەلقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن . شاھىجاھان بېگىم ئالدى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان يىغىلىپ قالغان دەۋا دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان . ئاندىن بەزى باج سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
مىلادىيە 1869- يىلى شاھىجاھان بېگىم ھەر قايسى ناھىيە ، يېزىلارغا بىۋاستە تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ : « مەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئالدىمغا كېلىپ قىلغان ئەرز شىكايىتىنى ئاڭلاشقا تەييارمەن » دەپ يارلىق چىقارغان . شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىكى دېھقان ھۈنەرۋەنلەردىن تارتىپ ، ئەمەلدارۆرغىچە ئىشىك ئالدىغا كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكەن . بىر پادىشاھتىكى مۇنداق كىچىك پېئىللىق ۋە خەلقچىللىق دۇنيا تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ . شاھىجاھال بېگىم ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 12 گىچە ، چۈشتىن كېيىن 3 دىن 6 گىچە ۋاقتىنى خىزمەت ۋاقتى قىلىپ بېكىتىپ ، دۆلەتنىڭ چوڭ كىچىك ئىشلىرىنى بىۋاستە ئۆزى باشقۇرغان .
شاھىجاھان بېگىم تاكى بىرىنچى ئېرى ۋاپات بولغۇچە ساقىرە ھالدا ( يۈز ياشلىرى ئوچۇق ھالەتتە ) سىرتقا چىققان بولسا، ئىككىنچى قېتىم ۋەزىرى مۇھەممەد سادىق بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ، ھىجاپلىق ھالەتتە ، پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن . دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ، مېھمانۆرنى قوبۇل قىلىشتەك جىمى ئىشۆرنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىجىرگەن . بۇ پەقەتۆ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بولۇپ ، شاھىجاھان بېگىمنىڭ ھوقۇقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن . يەنىۆ ھەممە ئىش شاھىجاھان بېگىمنىڭ بىۋاستە قول تىقىشى بىلەن بولغان . شۇڭا سىياسىيون لېپىل گىرىففىن ( Griffin LapeI ) مۇنداق دېگەن:« شاھىجاھان بېگىم ھىجاپ ئارتىپ ، ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ ، بىراق پۈتۈن دۆلەتنىڭ چوڭ كىچىك ئىشلىرى ، ئۆزگىرىشلىرىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىپ تۇراتتى . ئۇ ئەينى دەۋردىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك ئايال بولۇپ ، بۈگۈنكى نۇرغۇن سىياسىيونلار ھازىرلىمىغان ئىقتىدار ۋە تالانتقا ئىگە ئىدى . شاھىجاھان بېگىم شۇنچىلىك ئەقىللىق ، ئىنكاسى تېز ئىدىكى ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى ، سۆزلەشمەكچى بولغان ئادەممۇ چوقۇم شۇنداق پاراسەتلىك بولمىسا ، شاھىجاھان بېگىمنىڭ ئۆتكۈر سوئاللىرى ۋە مەنىلىك ئىبارىلىرى ئالدىدا داۋاملىق سۆزلەشكە ئامالسىز قاۆتتى » . شاھىجاھان بېگىم مىلادىيە 1901- يىلى ۋاپات بولغان .
مايىمخان
ئەركىنلىك كۈيچىسى ، ماھىر قوشاقچى مايىمخان 1812- يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىنلا كۈچلۈك ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلق سۆيەر روھ بىلەن چوڭ بولغان مايىمخان مۇستەبىت ھاكىمىيەت ، زالىم ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان ئېغىر زۇلۇملىرىنى پاش قىلىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان ھەم ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتقان .
بۇ ناخشىلار ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ ، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان . بۇ قوشاقلار مېھنەتكەش خەلقنىڭ دەرد ھەسرىتىنى ، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدىغان پىغانلىق كۈيىگە ئايۆنغان . يۈز بېشى ھامۇتبەگنىڭ چېقىشتۇرۇشى بىلەن شەنگەن مايىمخاننى تۇتۇپ يامۇلغا سولىغان . ئۇنى قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىپ ، ئۆز يولىدىن يېنىشقا مەجبۇرلىغان . دەھشەتلىك جازا قوراللىرى ئالدىدا ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايىمخان بىر يىلدىن كېيىن 1830 يىلى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
نۇزۇگۇم
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم 1808 يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان .ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ ، تارىخچى موللۆبىلال نازىمنىڭ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ بۇغداي ئۆڭ ، قارا كۆز ، قارا قاش ،نازۇك بەدەن بولغاچقا ، خەلق ئۇنى نۇزۇگۇم دەپ ئاتىغان .
نۇزۇگۇم 1826- يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلۇمىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ، قوزغىۆڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان . ئىلىدا مانجۇ ئەمەلدارى نۇزۇگۇمنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا توي كېچىسى مانجۇ ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن . نۇزۇگۇم قومۇشلۇقتا ئالتە ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن ، چېرىكلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ ، ئۈچ ئاي زىندانغا سوۆنغان . نۇزۇگۇم 1827 يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن . نۇزۇگۇم ئۆزىنىڭ مۇھەببەت نەپرىتى ، ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان . ئەركىنلىك ، ئادالەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرى تاھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ ، تارقىلىپ يۈرمەكتە .
نۇر جاھان بېگىم
نۇر جاھان بېگىم 16- ئەسىردىكى ھىندىستان پادىشاھلىرىدىن جاھانگىر مىرزا سەلىم نۇرىددىن مۇھەممەدنىڭ خوتۇنى . نۇر جاھان بېگىم ئەقىل پاراسىتى ، شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئېرىنىڭ مۇھەببەت ھۆرمىتىگە ، يۇقىرى ئابرۇي ئىناۋەتكەك ئېرىشكەن . دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان پۇلغا ئېرىنىڭ ئىسىمى بىلەن بىللە نۇرجاھان بېگىمنىڭ ئىسمىمۇ ئويۇلغان .
نۇر جاھان بېگىم تونۇلغان شائىرە بولۇپ ، پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرى بار. نۇر جاھان بېگىم نۇرغۇن خەير ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغان بولۇپ ، مەدرىس ، مەسجىد ، تەكىيىخاتا ، شىپاخانىلارنى قۇرغان . قاتتىق بۇيرۇق چىقىرىپ ، ھىندىلارنىڭ ئادەمنى قۇربانلىق قىلىدىغان ، ئېرى ئۆلسە ئاياللىرىنى تىرىك ھالدا بىللە كۆمىدىغان قەبىھ ئادەتلىرىنى قەتئىي چەكلىگەن . خىۆپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالىغان . نۇر جاھان بېگىم يەنە تۇنجى بولۇپ خەيرىيەت بازىرىنى يولغا قويغان بولۇپ ، ھەر يىلى نورۇز پەسلىدە ھۈنەرۋەن- كاسىپلار ، سودىگەرلەر يەرلىك پۇراققا ئىگە، قىممەتلىك ماللىرىنى مەخسۇس بەلگىلەنگەن جايدا بازارغا سالغان . بۇ بازار يەرمەنكە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ ، يەرمەنكە يېپىلغاندىن كېيىن ، نۇر جاھان بېگىم سودا سېتىقتىن ئايرىلغان زاكاتنى كەمبەغەل غېرىبلارغا تارقىتىپ بەرگەن . نۇر جاھان بېگىم 1645 يىلى 72 يېشىد ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە لاھوردا ئېرىنىڭ يېنىغا دەپىن قىلىنغان .
نىگار خانىم
نىگار خانىم 19- ئەسىردە تۈركىيىدە ياشىغان مەشھۇر شائىرە . نىگار خانىم 1865- يىلى ئىستانبۇلدا ئوسمان پاشا ئىسىملىك كىشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . نىگار خانىمنىڭ ئانىسى شېئىرىيەتكە ئالاھىدە ھەۋىسى بار، كۆسسىك ۋە ھازىرقى زامان شېئىرىي دىۋانلىرىنى يىغىپ ساقۆيدىغان ئايال بولۇپ ، بۇ خىل مۇھىت نىگار خانىمنىڭ قەلبىدە شېئىرىيەتكە مۇھەببەت ئويغاتقان .
نىگار خانىم شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇلللانغاندىن باشقا يەنە فرانسۇز ، نېمىس تىللىرىنى ئىگىلىگەن . بۇ تىلۆردىكى ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرى ، شېئىرىيەت ئەھۋالى ھەققىدىكى ماتېرىيالللارنى كۆرۈپ ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتىنى يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن تەمىن ئەتكەن ، نىگار خانىمنىڭ شېئىرلىرى فرانسوز ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . نىگار خانىم چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن بەزى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان . 1890- يىلى نىگار خانىمنىڭ « ئەپسۇس » ناملىق شېئىرئىي دىۋانى ، 1894- يىلى « نىيران » ناملىق شېئىرى دىۋانى نەشىر قىلىنغان . تەھىرلىگۇچى:admin
|