قايغۇلۇق خەۋەر
قايغۇلۇق خەۋەر
ژۇرنالىست، تەرجىمان، تۆھپىكار مۇھەررىر خەمىت نېغمەت ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەمىت نېغمەت ئەپەندى 2011-يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە كېسەللىك بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 45 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى، 23- چىسلا پېشىندە يەرلىكىگە قويۇلدى.
مەرھۇم خەمىت نېغمەت 1966-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛ باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇغان؛ 1983-يىلىدىن 1987-يىل 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پاكۇلتېتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنى نەشر قىلىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، خەمىت نېغمەت بۇ ژۇرنال ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تۇنجى مەخسۇس تەھرىرى بولغان، شۇنىڭدەك مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى پېشقەدەم مۇھەررىرلەر ۋە خەمىت نېغمەتنىڭ ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، 1988-يىل 10-ئايدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ تۇغما (تۇنجى) سانى دۇنياغا كەلگەن.
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قارارى بويىچە، 1991-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى» قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندىن ھازىرغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا، ئىزچىل ھالدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» (2000-يىلىدىن ئىلگىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى») ژۇرنىلىدا خىزمەت قىلغان. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك)، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى (ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك)، شۆبە ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
يولداش خەمىت نېغمەت پىشىپ يېتىلىۋاتقان ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە تۆھپىكار مۇھەررىر ئىدى. 25 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئۆزىدە توغرا، ئىلغار دۇنياقاراش تىكلەپ، « مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلى __ يەنى بۈگۈنكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان. كەسپىي خىزمەتتە ئاكتىپ، تىرىشچان، تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاددىي-ساددا، سەمىمىي، دوستانە، ئەخلاقلىق بولۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ بەت-سەھىپىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا، مەزمۇنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ۋە مول بولۇشىغا، نادىر ئەسەرلەرنىڭ ژۇرنالدا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىغا، ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان. ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مەملىكەت بويىچە 9000 خىلدىن ئارتۇق ژۇرنال ئىچىدە «مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى 100 خىل نۇقتىلىق ژۇرنال» (1988-1999)، «جۇڭگودىكى سەرخىل ژۇرناللار سېپىگە كىرگەن قوش 100 نۇقتىلىق ژۇرنال» (2000-2001)، «3-نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ژۇرنال مۇكاپاتى بويىچە نام-ئاتاق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ژۇرنال» (2002-2003) قاتارلىق شان- شەرەپلەرگە ئېرىشىشىدە، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىر نەچچە قېتىم دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئىلغار پارتىيە ياچېيكىسى بولۇپ تەقدىرلىنىشىدە، يولداش خەمىت نېغمەتنىڭ مۇناسىپ ئەجرى ۋە تۆھپىسى بار.
مەرھۇم خەمىت نېغمەت كەمتەر، تىرىشچان، سەمىمىي، پەزىلەتلىك، ئىزدىنىش روھىغا باي مۇھەررىر ھەم تەرجىمان ئىدى. ئۇ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ جەلپكار، رەڭدار، قىزىقارلىق چىقىرىلىشى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ ياكى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ، ژۇرنالدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن؛ 1997-يىلى، 2000-يىلى ۋە 2003-يىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان «جەزبدار گۈلدەستىلەر» ناملىق 3 كىتابنىڭ ئەسەر تاللاش، تۈزۈش، تەھرىرلەش ۋە كوررېكتورلۇق خىزمەتلىرىگە قاتناشقان؛ ژۇرنالچىلىق ئىشلىرىدا مۇئەييەن تەجرىبە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرگەن، ئاپتورلار ۋە كەسىپداشلار ئارىسىدا مۇناسىپ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئىدى...
كەسىپدىشىمىز خەمىت نېغمەتنىڭ ۋاپاتى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى گو جېڭيىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى تۇرۇپ بارات قاتارلىق رەھبەرلەر تېلېفون بېرىپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە شىنجاڭ شۆبە ئىدارىمىزدىكى خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل، چاۋشيەن مىللەتلىرىدىن بولغان بارلىق خىزمەتداشلار مەرھۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرىمىز؛ مەرھۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، نارېسىدە قالغان سەبىي بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىكى بارلىق خادىملار ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.
مەنبە:http://www.seltenet.com/Article_Show.asp?ArticleID=408
()
«قايغۇلۇق خەۋەر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇر
- . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- . ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- . تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- . مەھمۇت مۇھىتى
- . بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىت
- . زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
- . ئۇيغۇر ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر دام
- . ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى
- . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- . ئۇيغۇر ئاگرونوم لۇ مىڭشەن
- . دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەي
- . ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە ئەسەرلى
- . بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى تۇركۇلۇگ مەھمود قەش
- . دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت
- . ئاخبارات پەنلىرى دوكتورى - ئاسىمە نىياز
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- . ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- . تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- . مەھمۇت مۇھىتى
- . بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىت
- . زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
- . ئۇيغۇر ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر دام
- . ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى
- . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- . لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- . قايغۇلۇق خەۋەر
- . ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى
- . يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ
- . XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر
- . زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى
- . ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى
- . ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف
- . سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
- . ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتا