باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئاخبارات پەنلىرى دوكتورى - ئاسىمە نىياز

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-28 16:23 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بېلارۇسىيە دۆلەتلىك ئالىي ئۇنۋان بېرىش كومىتېتى تەرىپىدىن ئاخبارات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
تەلەي +1

 

دوكتور - ئاسىمە نىياز

 

ئاسىمە نىياز 1963-يىلى 28-دېكابىردا ئۈچتۇرپاندا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئوقۇغان. 1980-يىلى 9-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كافىدىراسىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئاخبارات كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان رۇس تىلى كۇرسىدا ئوقۇغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە بېلارۇسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئاخبارات كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان. 1998-يىلى 7-ئايدا «ئاخبارات تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن شەكلىنىڭ جامائەت پىكرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» سەرلەۋھىلىك دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك ئالىي ئۇنۋان بېرىش كومىتېتى تەرىپىدىن ئاخبارات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىپ، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كافىدىراسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1994-يىلى لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا، 1999-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاخبارات ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ئاسىمە نىياز ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، ئاخبارات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «جۇڭگو ئاخبارات تارىخى»، «تارقىتىش ئىلمى»، «ئاخبارات ئىلمى»، «ئاخبارات جەمئىيەتشۇناسلىقى» قاتارلىق ئون نەچچە خىل دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ 2000-يىلى 1-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن «دوكتورلارنىڭ تەتقىقاتىنى قوللاش» تەتقىقات تۈرىدىن « ئاخبارات تارقىتىش ئۇسۇلىنىڭ تارقىتىش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ تەتقىقات تۈرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان. 2002-يىلى 6-ئايدا دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، «ھازىرقى زامان تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن چېگرا رايون ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قارىشىنىڭ توقۇنۇشى ۋە ئۇنى تەڭشەش» دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2001-يىلى 5-ئايدا، ئۇيغۇر يېزىقىدا «جۇڭگو ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن 400 مىڭ خەتلىك دەرسلىك كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. 2003-يىلى 12-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومېتىتى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە كادىرلار مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي رايونلار ئۈچۈن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش ھەم تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تېمىسى «ئاخبارات تارقىتىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى »، دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تېمىسى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئاخبارات ئىشلىرى تەتقىقاتى»، ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى «ئاخبارات تارقىتىشنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىغا بولغان تەسىرى»، «شىنجاڭ ئاخبارات ئىشلىرى تارىخى تەتقىقاتى» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا قاتناشقان. چەت ئەل ۋە مەملىكىتىمىزدە چىقىدىغان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 50 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ئاسىمە نىياز ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ئاخبارات ئىشلىرى تارىخى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تارقىتىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت [ 2012-02-28 16:26:14 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئاخبارات پەنلىرى دوكتورى - ئاسىمە نىياز [ 2012-02-28 16:23:22 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - زىبىبۇللا ئىسمايىل [ 2012-02-28 16:19:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ب [ 2012-02-28 16:17:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] 917مىڭ ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بو [ 2012-02-28 16:15:30 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارغا قېتىق ئىچكۈزمەسلىك كېرەك [ 2012-02-28 16:12:58 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالىلاردا «ئادىللىق» ئۇقۇم [ 2012-02-28 16:09:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمەن؟ [ 2012-02-28 16:06:32 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مەمۇرلار 15 يىلدا بىر قېتىم تاسقىلىنىدىغان بولدى [ 2012-02-28 16:05:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] سىنگاپوردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەھر [ 2012-02-28 16:02:20 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر