![]() |
ئىسمايىل تىلىۋالدى ![]() ئىسمايىل تىلىۋالدى 1944-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدىن، 1973-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1977-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. 1962-يىلى 9-ئايدىن 1967-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتىتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. 1967-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلى 8-ئايغىچە مەكتەپتە خىزمەت كۈتكەن. 1968-يىلى 8-ئايدىن 1969-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ زەمىن يېزىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1969-يىلى 1-ئايدىن 1973-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوناشەھەر ناھىيلىك تىراكتۇر پونكىتىدا، تاشمىلىق يېزىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوناشەھەر ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1976-يىلى 11-ئايدىن 1980-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1980-يىلى 4-ئايدىن 1983-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشقارما باشلىقى بولغان. 1983-يىلى10-ئايدىن 1990-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1990-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1993-يىلى 4-ئايدىن 1995-يلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۆمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ھۆكۈمەت ئىشخفنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسى كومىسسارى بولغان. 1998-يىلى 2-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى قانۇن كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 2000-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 2003-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان. 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى. تەھىرلىگۇچى:admin
|