| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

ۋاقىت : 2011-11-20 17:57 | مەنبەسى : ئىزدىنىش مۇنبىرى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

 

ۋەلى كەرىم كۆكئالپ

    گۈزەللىكى ۋە قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان مەلىكىلىرىمىزنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى ئىپارخان ئەينى زاماندا مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە ئەڭ مۇكەممەل سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

    ئىپارخان بۇرھانىددىن خوجىنىڭ ئىنىسى، كىچىك خوجا ياكى خان خوجام دەپ تونۇلغان خوجا جاھاننىڭ خانىمىدۇر. ئىپارخاننىڭ مەنچىڭ خانى چيەنلۇڭنىڭ جۇڭغار خانلىقى ۋە مۈلكىي قەشقەرىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى جەريانىدا ئۆز ۋىجدانىئېتىقادى ۋە قەلبىگە سادىق ھالدا ئوينىغان تارىخىي رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ تا بۈگۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبراز تىكلىگەن  مىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە ياد ئېتىلمەكتە.

    ئىپارخان (1734-1765) ئاق تاغلىق خوجىلارغا مەنسۇپ بولغان، ئاپاق خوجىنىڭ ئىنىسى كارامىتۇللا خوجىنىڭ نەۋرىسى ئەلى خوجىنىڭ چوڭ قىزى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشى خوجا جاھان بولسا، ئاپاق خوجىنىڭ جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن بارىمتايلىققا تۇتۇلغان نەۋرىسى ئەھمەد خوجىنىڭ كىچىڭ ئوغلىدۇر. ئۇلار ياشىغان دەۋردە جۇڭغار خانلىقى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقان، ئۇلار ھامىيلىقىغا ئېلىۋالغان ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، چىڭ سۇلالىسى بولسا جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، بىپايان غەربىي رايوننى چىڭ سۇلالىسى خەرىتىسىگە ئېلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ خوجا جاھان بىلەن بىرلىكتە كىچىكىدىن قەلەم ۋە ئەلەمدە ئەتراپلىق تەربىيىلىنىپ كامالەتكە يەتكەن.

-1755    يىلى چىڭ سۇلالىسى زور قوشۇنى ئامۇرسەنانىڭ يول باشلىشى بىلەن جۇڭغارىيىگە (يەنى شىمالىي شىنجاڭغا) ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭغار خانلىقىنى تىنجىتىدۇ، شۇ چاغدا چوڭ-كىچىك خوجىلار چىڭ سۇلالىسىنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئامۇرسەنا بىلەن بىرلىشىدۇ. كېيىنكى يىلى ئامۇرسەنا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە، خوجا جاھان ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، كۇچارغا يېنىپ كېلىدۇ ۋە ئاكىسى بۇرھانىددىن خوجام بىلەن بىرلىشىدۇ. چىڭ سۇلالىسى 1757-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىدىدە قوشۇن ئەۋەتكەندە، چوڭ-كىچىك خوجىلار ئۇلارغا كەسكىن قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ تەدبىر بەلگىلىشى، جەڭگە قوماندانلىق قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما 1759-يىلىغا كەلگەندە، ئىچكى نىزا، تەپرىقىچىلىك، قۇمۇلدىن تارتىپ قەشقەرگىچە بولغان ئۇيغۇر يۇقىرى قاتلام مۆتىۋەرلىرىنىڭ ۋە خوجىلار جەمەتىدىكى خائىنلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن تەسلىم بولۇشى سەۋەبلىك ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ بەدەخشانغا چېكىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرى دەرھال بەدەخشانغا كېلىدۇ. بەدەخشان ئەمىرى مۇزەپپەر سۇلتانشاھ چوڭ-كىچىك خوجىلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

    ئىپارخاننىڭ تىللاردا داستان بولغان گۈزەللىكىنى ئاڭلىغان مەنچىڭ خانى چيەنلۇڭ بىر تەرەپتىن بۇنداق گۈزەل ئايالغا ئىگە بولۇش، غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ھەمدە كېلەچەكتە بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە غەربىي يۇرتتىكى مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ قوماندانى جاۋ خۇيغا ئىپارخاننى بېيجىڭغا كەلتۈرۈشنى ئەمىر قىلىدۇ.

    بەدەخشانغا كەلگەن ئۆلىمالاردىن سەئىد موللا قاتارلىقلار ئىپارخاننى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ئەمىرى بويىچە كۆندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. غەربىي يۇرتتىكى مۇسۇلمان خەلقى زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە ئۈستىدىن بەك شىكايەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەنچىڭ قوماندانى ئۇلارغا: «ئەگەر ئىپارخان مەنچىڭ خانىغا رازى بولسا، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇسىلەر» دەپ ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ مۈلكىي قەشقەرىيە خەلقىنى رازى قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىپارخان ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەرقانداق پىداكارلىققا قاتنىشالايتتى. ئۇ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن خەلقىمگە پايدىلىق بىرەر چوڭ ئىش قىلارمەن، دېگەن ئۈمىدتە، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    مەنچىڭ قوماندانى ئىپارخاننىڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتتە يولغا چىققانلىقىدىن قورقۇپ، يول بويى ئىپارخانغا: خوجا جاھاننىڭ ساق ئىكەنلىكىنى، خان تەرىپىدىن ئىززەتلىنىۋاتقانلىقىنى، پەقەت خوجا جاھاننىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن مەلىكىنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتەتتى.

    بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، خوجا جاھاننىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىپارخاننىڭ پەقەت ئىككىلا غايىسى بار ئىدى: بىرى مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ غەربىي يۇرتتىن چېكىنىپ چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ يەنە بىرى، بىرىنچى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان تەقدىردە مەنچىڭ خانى چيەنلۇڭنى ئۆلتۈرۈش ئىدى.

چيەنلۇڭ خان پۈتكۈل ئاسىيادا گۈزەللىكى ۋە قەھرىمانلىقى بىلەن شۇ زامانغىچە كۈتمىگەن بىر شۆھرەت قازانغان بۇ ئۇيغۇر مەلىكىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن سەۋرسىزلىنەتتى.
    
قوبۇل كۈنى ئىپارخان خان ھۇزۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ، ئوردا يوسۇنى بويىچە مانجۇچە ياسانماي، مەنچىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا كىيگەن زىرىھلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، خان سارىيىغا ئۇدۇللا كىرىدۇ.  سۈرلۈك ۋە ھەيۋەت بېزەلگەن ساراي ئۇنىڭ ئىمان بىلەن تولغان ۋە ئىنتىقام ئوتىدا يانغان يۈرىكىگە ھەسرەت ۋە قورقۇنچ بېرەلمەيدۇ.

    بارلىق ئەركان دۆلەت يىغىلغان بۇ سورۇنغا ئىپارخان دادىل قەدەم تاشلاپ كىرىدۇ، ئەمما خانغا تەزىم قىلمايدۇ. بۇ ئىش سۈرۈشتۈرۈلگەندە، ئۇ: «سىلەر مېنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى ئۇنۇتتۇڭلارمۇ؟ بىز يالغۇز بىر ئاللاغا سەجدە قىلىمىز، كىمىكى ھەددىدىن ئاشسا شۇ مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

    خاننىڭ ھۇزۇرىدا ۋەقە ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىتائەتسىزلىكتىن پۈتۈن ئوردا ئەھلى ھەيرەت ۋە قورقۇشقا چۈشىدۇ. بۇ ئىش خانلىققا قارشى چوڭ بىر ھەرىكەت ئىدى، جازاسىمۇ پەقەت ئۆلۈم ئىدى. خان ئىپارخاننىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولمايدۇ.

    خان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ «خۇش كېلىپسىز» دېيىشىگە، ئىپارخان قىلىچىنى قىنىدىن چىقىرىپ خانغا ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ:

    «ئەي خان، بۇ تەسلىم بولۇشۇم ئەمەس، مەن قىلىچىمنى ساڭا مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىن چېكىنىپ چىقىش شەرتى بىلەن بەردىم» دەيدۇ. خان ئىپارخاننىڭ گۈزەل جامالىغا جاسارەت ۋە باتۇرلۇق قوشۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئالالمايلا قالىدۇ.

    ئىپارخان شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ. خاننىڭ ئانىسى ئىپارخاننىڭ بۇ يەردە قېلىشىنىڭ تەھلىكىسىنى سېزىپ، ئۇنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش ھەققىدە خانغا كۆپ گەپ قىلغان بولسىمۇ، خان بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

    ئىپارخان ئوردىدا دائىم ئۆزىنى خاندىن قاچۇرۇپ يۈرىدۇ ۋە خانغا: «ئەگەر ماڭا يېقىنلاشساڭ سېنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ ئۆلتۈرىمەن» دەپ خاننىڭ يېقىنلىشىشىنى مەنئى قىلىدۇ.

    ئىپارخاننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىكى خاننى پۈتۈنلەي مەپتۇن قىلىۋالغان بولۇپ، كۆزى باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرمەيتتى. خان ئىپارخانغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارىلەرنى قىلىپ باقىدۇ. خان ئاخىرى چاھار بېغى بولغان، جامائەت توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەلىكە بۇ شەرق شەھىرىدە خاتىرجەم ۋە بەلكى يۈزلىرى رەڭ ئالغان ھالدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتەتتى. خان غەربىي رايوندىن ئەڭ مەشھۇر مىمارلارنى ئەكەلدۈرۈپ، ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر مىمارچىلىقى ئۇسلۇبىدا بىر مەھەللە بەرپا قىلىدۇ. خان ئىپارخاننىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ھەمشىرىلىرىنىڭ ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، چاھارباغ ئىچىگە بىر كۆل قازدۇرىدۇ ۋە ئىچىنى زامانىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ماتېرىياللىرى بىلەن بېزەيدۇ. ئىپارخان خانغا: «مېنىڭ مەملىكىتىمدە غوللىرى تۆمۈردىن، يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، مېۋىسى ئالتۇندىن بولغان بىر دەرەخ بار، شۇنى سېغىندىم» دەيدۇ. بۇ دەرەخلەر دەرھال غەربىي رايوننىڭ ئۇچتۇرپان دېگەن يېرىدىن ئەكەلدۈرۈلىدۇ ۋە تىكىلىدۇ.

    ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، خاقانىي چىن چيەنلۇڭنىڭ كۆڭلى تىنىپ، ئىپارخانغا ئۆيلىنىش توغرىلىق تەكلىپ بېرىدۇ. بۇ تەكلىپ ئىپارخان تەرىپىدىن قەتئىي رەت قىلىنىدۇ. خاننىڭ ئىپارخانغا بۇ دەرىجىدە مەپتۇنلۇقى خاننىڭ ئانىسىنى تەشۋىشكە سالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خان ئانا چيەنلۇڭغا قورقۇنچلۇق پىلانلارنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. شۇ قاتاردا ئىپارخاننىڭ ھۇزۇرىغا كىشى ئەۋەتىپ: «يا توي قىلسۇن، ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرسۇن» دەپ تەھدىت سالىدۇ. ئىپارخان پاقەتلا: «مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، يەنە ئازراق ۋەزىپىلىرىم بار. ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ ئۆلۈشنى خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

    بىر كۈنى خان ئانا ئىپارخانغا ساختا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، ئۇنى «رەسىملەر سارىيى» نى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. رەسىملەرنى كۆرۈۋاتقان ئىپارخاننىڭ دىققىتىنى بىر پارچە رەسىم ئالاھىدە تارتىدۇ. بۇ، بەدەخشان ئەمىرى سۇلتان شاھنىڭ خوجا جاھاننىڭ كاللىسىنى مەنچىڭ قوماندانىغا تاپشۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىدى. ئىپارخان بۇ رەسىمنى كۆرۈۋېتىپ دەھشەتلىك غەليان كۆتۈرىدۇ. خان ئانا: «سېنى بىزگە دۈشمەن قىلغان، سەن ئەڭ ئۇنتۇيالمايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ سېنى ئوغلۇم ۋە دۆلىتىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ ئوردىدىن يوق قىلىمەن» دەپ خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىدۇ. ئىپارخان:

    «مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن. پەقەت ئىنتىقام ئالالمىغانلىقىم ئۈچۈن بەك ئۆكۈنىمەن. ماڭا بىرئاز پۇرسەت بەر، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋالاي. مەن ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، مەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغان» دەيدۇ.

    خان ئانا ئىپارخاننى بوينىدىكى يىپەك رومىلى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ.

    ئىپارخان رەقىبىگە تەسلىم بولماسلىق بىلەن بىرگە، ھاياتىدا مەنچىڭ ئوردىسى يۇسۇنى بويىچە كىيىنىپ باقمىغان، باشتىن-ئاخىر ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە سادىق بولغان. ئۇ جەسۇر، مەغرۇر، قورقۇمسىز ھالى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن جۇڭگودا بىر ئىپپەت سىمۋۇلى بولۇپ قالىدۇ.

ئىپارخان كۈچلۈك ۋە پاك ئىمانىغا بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ، ئاياللاردا كەم كۆرۈلىدىغان جاسارەت بىلەن تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، ئەينى زاماندا ئىنتايىن قۇدرەتلىك ئېمپىراتور ھېسابلانغان چيەنلۇڭ خانمۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى بوي سۇندۇرۇشقا ئامال قىلالمىغان. مۇشۇنداق ئۆلمەس ئوبرازنى كۆتىرىپ چىقىش ۋە ئۇنى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش، ئەلۋەتتە.

()

ياخشى
(4)
100%
ناچار
(0)
0%

«ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>