تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
خېزىر خوجا مازىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسى تەۋەسىدىكى يەمشى مەھەللىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە. تۇزلۇق تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە 3.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 3 مىنۇت 11 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 54 مىنۇت 36 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 57 مېتىر تۆۋەن.
خېزىر خوجا مازىرى (يەرلىك ئاھالىلەر ئالتۇنلۇق دەپ ئاتايدۇ) يەر شەكلى تۈز، مازارلىقنىڭ ئالدى تۈز كەتكەن سايلىق. كەينى تەرىپى تېرىلغۇ ئېتىزى، بىر كىچىك ئېقىن غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا مازارلىقنىڭ ئالدى بىلەن ئېقىپ ئۆتىدۇ. مازارگاھلىقنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە ئوڭ تەرىپىنىڭ ھەممىسىدىلا كىچىك قەبرىستانلىقلار بار.
بۇ دىنىي خارابىلىكنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 420 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيە سىستېمىسى بويىچە تۈرگە ئايدىغاندا، تەبىئىي ئايرىمىسى قەدىمىي قەبرىستانلىق دەپ بېكىتىلدى.
مازارگاھنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. مازار يۇمىلاق تورۇسلۇق بولۇپ، ھازىر ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ئالدىنقى سەيناسىنىڭ ئوڭ تەرەپ تاملىرى ئېغىر بۇزۇلغان. ئەسلىدىكى گۈمبەز ئەتراپىغا قويۇلغان مۇنار تۈۋرۈكىدىن بىر دانىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن. مۇنارنىڭ تېگى قىسمى ئۆي، ئەسلىدىكى سۇپا قىسمى بۇزۇلۇپ كەتكەن. مازار شەرقتىن غەربكە 28 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 15 مېتىر كېلىدۇ. ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى شەرقتىن غەربكە 21 مېتىر، ئالدى كەڭلىكى 10 مېتىر، كەينى تەرەپ كەڭلىكى 14 مېتىر كېلىدۇ. ئەگمىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ھەجىمى 9.5 مېتىر كېلىدۇ. تامنىڭ قېلىنلىقى 2.1 مېتىر كېلىدۇ. ئالدى ئىشىكتىن - كەينى ئىشىككىچە كەڭلىكى 20.5 مېتىر كېلىدۇ. ئالدىنقى ھويلىنىڭ ئەلدى - كەينى ئىشىكى 6 مېتىردىن كېلىدۇ. تامنىڭ قېلىنلىقى 1.1 مېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇشتىن 7 مېتىر ئۇزۇن.
مازارگاھلىقتىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا ئەسلىدە بار بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، خېزىر خوجا مازارگاھلىقىنىڭ دەۋرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش دەپ بېكىتىلدى.
================================
مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
()
« تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى خىزمىتىدى
- . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- . ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- . تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- . مەھمۇت مۇھىتى
- . بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىت
- . زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
- . ئۇيغۇر ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر دام
- . ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى
- . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- . ئۇيغۇر ئاگرونوم لۇ مىڭشەن
- . دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەي
- . ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە ئەسەرلى
- . بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى تۇركۇلۇگ مەھمود قەش
- . دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت
- . ئاخبارات پەنلىرى دوكتورى - ئاسىمە نىياز
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- . ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- . تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- . مەھمۇت مۇھىتى
- . بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىت
- . زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
- . ئۇيغۇر ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر دام
- . ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى
- . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- . لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- . قايغۇلۇق خەۋەر
- . ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى
- . يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ
- . XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر
- . زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى
- . ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى
- . ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف
- . سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
- . ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتا