زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا تەۋە شائىر، ژۇرنالىست زەينىدىن سالىيۇف ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولغان ل. مۇتەللىپنىڭ تەڭتۇشى، خىزمەتدىشى، يېقىن سىردىشى. ئۇ 1922 – يىلى 3 – ئايدا شىخۇدا چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1933 – يىلىدىن 1940 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىخۇدا ۋە ئۈرۈمچى پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1943 – يىلىغىچە ل. مۇتەللىپ بىلەن بىللە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››ئىدارىسىدە تەھرىر بولغان ۋە ئۈرۈمچى 7 – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە مۇئەللىم، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1945 – يىلىدىن 1947 – يىلىغىچە شىخۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە باش كاتىپ بولغان. بۇ دەۋرلەردە ‹‹تارىخ – قەھرىمان››، ‹‹مۇسىبەت›› قاتارلىق بارماق ۋە ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلىرىنى يازغان. 1947 – يىلىدىن 1955 – يىلىغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5 – جۈن 1 – ئاتلىق تۈەنىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، 13 – شى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. شىخۇ، غۇلجا، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا خىزمەت ۋە زىيارەتتە بولغان. شائىر بۇ دەۋرلەردە ‹‹شاۋكەت›› ناملىق باللاداسىنى، ‹‹بېيجىڭنى كۆرگەندە››، ‹‹ئەل سۆيگەننى سايلايمەن››، ‹‹ئۇستازىم لۇشۈنگە››، ‹‹نورلۇق يول››، ‹‹يېڭى قۇرۇلۇش››، ‹‹ھەپىرەڭ بىلەن يانتاق›› قاتارلىق شېئىر ۋە مەسەللەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيىتى غۇلجىدا يۈكسەلگەن. 1955 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ نېفىت گېزىتى››دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ‹‹نېفىتچىلارغا››، ‹‹ۋەتەن سۆيگۈسى››، ‹‹غۇلاچ تاشلا››، ‹‹ئەمگەكتە تاۋلان››، ‹‹ۋەتەن ئىشقى›› قاتارلىق شېئىرلىرىنى يازغان. ئاپتور بۇ جەڭگىۋار ھاياتىنى 46 يىل داۋاملاشتۇرۇپ، 1968 – يىل 17 – دېكابىر كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
زەينىدىن سالىيۇفنىڭ ئىجادىيىتى 1943 – يىلىدىن باشلانغان. شائىر ئىجادىيەتكە كىرىشكەن دەۋر خىلمۇخىل ئەدەبىيات – سەنئەت كۇرۇژۇكلىرى، ئىجادىيەت گۇرۇپپىلىرى، سەنايى نەفىسلەر ۋە گېزىت – ژۇرناللار تەسس قىلىنىپ، خەلق ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ئاپتورمۇ ئۆز دەۋردىكى سەپداشلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرغان. شۇڭا 1943 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ل. مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گېزىتخانىدىن چەتلەشتۈرۈلۈپ، ئاۋۋال 7 – باشلانغۇچ مەكتەپ، ئاندىن قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىۋېتىلگەن. 1945 – يىلى شىخۇغا يۆتكەلگەن. ‹‹بىزنىڭ تىلەك›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدا شائىرنىڭ 1943 – يىلىدىن باشلاپ يازغان شېئىرلىرى تاللانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇ توپلامغا بېرىلگەن تۇنجى شېئىرى 1946 – يىلى ئاۋغۇستتا شىخۇدا يېزىلغان. شائىرنىڭ ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ يازغان ‹‹مۇسىبەت›› نامىسىمۇ 1946 – يىلى ئاۋغۇست دېگەننى قوشۇمچە قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتور ل.مۇتەللىپنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن خەۋەر تاپقان. قانداقلا بولسۇن، ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىجادىيىتى 1943 – يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، 1946 – يىلىدىن باشلاپ ئىدىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساپ، شېئىرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى قىسىملىق رومان ‹‹چاياننىڭ تەقدىرى›› نى يېزىشقا كىرىشكەن. لېكىن كېسەللىك تۈپەيلى روماننىڭ ئاخىرقى قىسمىنى تاماملىيالمىغان. ئۇنىڭ 1981 – يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹بىزنىڭ تىلەك›› ناملىق شېئىرلار توپلامىغا 15 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، شائىر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ل. مۇتەللىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇ ھەقتە شائىر ئۆزىنىڭ ‹‹غۇلاچ تاشلاپ›› ناملىق شېئىرىدا:
ئۆگەن دوستۇم، ياشلىقتا ئۆگەن،
دېگەنتى شائىر ‹‹قاينام ئۆركىشى››.
بىلىمسىز ئادەم قەلبى، كۆڭلىدە
ساقلىنار دائىم تۇمانلىق قىشى.
دەپ يازسا، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتاپ يازغان ‹‹مۇسىبەت›› ناملىق مەرسىيەسىدە ئېنىق قىلىپ:
سېنىڭ يازغان چېكىت – نوقتاڭ، سەترەڭ ئەل ئۈچۈن شەمشاد،
قەلەمكەش دوستلىرىڭ ‹‹قاينام››، ئۇ دۈشمەننى قىلۇر بەربات.
بۈگۈن يازدىم ساڭا دوستۇم مۇسىبەت نەقىلزارىمنى،
ئۇنۇتماس مەڭگۈ ‹‹بىخ›› دوستۇڭ ئەبەد ساقلار ئىجادىڭنى.
دەپ ئۆز ئۆزىگە خىتاب قىلغان. ھەتتا بۇ تەسىر ئېلىش ھادىسىسىنى مەرسىيەسىنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى جۇدالىق ھارپىسىدا شائىر بىلەن قىلىشقا قىسقا دىيالوگىنى:
كېتەردە قول قىسىپ شائىر دېگەنتىڭسەن ‹‹ئامان بولغىن!››
شۇ چاغ نۇرلۇق چىرايىڭدا ئەكس ئەتكەن ئىدى يالقۇن.
دېگەن بىيىتلىرىغا يىغىدۇ.
شائىرنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسەن بارماق ۋە ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇنىڭ‹‹ھەپىرەڭ بىلەن يانتاق›› ناملىق مەسىلى، ‹‹كوممۇنىسىت›› ناملىق قەسىدىسى قاپىيە، شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىققا ئىگە.
()
«زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىتى
- . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- . ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- . تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- . مەھمۇت مۇھىتى
- . بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىت
- . زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
- . ئۇيغۇر ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر دام
- . ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى
- . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- . ئۇيغۇر ئاگرونوم لۇ مىڭشەن
- . دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەي
- . ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە ئەسەرلى
- . بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى تۇركۇلۇگ مەھمود قەش
- . دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت
- . ئاخبارات پەنلىرى دوكتورى - ئاسىمە نىياز
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ئۆ
- . ئاۋىستىرالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى
- . تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى
- . قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى
- . مەھمۇت مۇھىتى
- . بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىت
- . زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ
- . ئۇيغۇر ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر دام
- . ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى
- . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- . لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- . قايغۇلۇق خەۋەر
- . ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى
- . يۇسۇپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخ
- . XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر
- . زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى
- . ئاپاق خوجىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى
- . ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف
- . سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
- . ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتا