| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەيدانلار

ۋاقىت : 2012-04-18 11:53 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەيدانلار

دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەيدانلار
 

 

ۋاشىنگتون مەيدانى: ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى گىرېنىۋىچ كەنتى بىلەن شەرقىي كەنتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ مەيدانغا 1789-يىلى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ۋاشىنگتوننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان. مەيداننىڭ غەربىي تەرىپىدىكى گىرېنىۋىچ كەنتى مەيدان ياسالغاندىن كېيىن يازغۇچى - سەنئەتكارلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالغان.

بولىۋار مەيدانى: ۋېنېزۇئېلانىڭ كاراكاس كوناشەھەر رايونىغا جايلاشقان. تارىختا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قورال - ياراغ مەيدانى»، «بازار مەيدانى» ۋە «ئاساسىي قانۇن مەيدانى» دەپ ئاتالغان. 1833-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى ئازاد قىلغۇچى بولىۋار تۇغۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بۇ مەيدانغا «بولىۋار مەيدانى» دەپ نام بەرگەن. 1874-يىلى ۋېنېزۇئېلا خەلقى بۇ مىللىي قەھرىماننى ياد ئېتىش ئۈچۈن، مەيداننىڭ مەركىزىگە بولىۋارنىڭ ئاتقا مىنگەن ھەيكىلىنى ئورناتقان. مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، فېدېراتسىيە رايونى ھۆكۈمىتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چېركاۋ بار.

رېيمونېسېس مەيدانى: بۇ قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنى رېيمونېسېسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەيدان بولۇپ، قاھىرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەيداننىڭ مەركىزىدە رېيمونېسېسنىڭ تاش ھەيكىلى بار. بۇ ھەيكەل ئەتىرگۈللۈك گىرانت تاش بىلەن ياسالغان.

مۇرىللو مەيدانى: بۇ مەيدان بولىۋىيە پايتەختى لاپاس شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەيدان مەركىزىدە بولىۋىيە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى مۇرىللونىڭ مىس ھەيكىلى بار. مەيداننى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت سارىيى، پارلامېنت سارىيى ۋە كاتولىك دىنى چېركاۋى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئوراپ تۇرىدۇ.

تىتو مەيدانى: كىرودىيەنىڭ زاگرىب شەھىرى مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ مەيدان كىرودىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە فاشىسىزم تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان، ئەينى چاغدىكى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يۇگوسلاۋىيەنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى تىتونى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

كىم ئېرسىن مەيدانى: چاۋشيەن پايتەختى پىيوڭياڭنىڭ مەركىزىي مەيدانى، چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى كىم ئېرسىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەيداندا كىم ئېرسىننىڭ غايەت زور مىس ھەيكىلى بار.

پۇشكىن مەيدانى: رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىنىڭ گوركىي چوڭ كوچىسىغا جايلاشقان. 1937-يىلى رۇسىيەنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، »رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى« دەپ ئاتالغان پۇشكىن ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ مەيداننىڭ نامىنى پۇشكىن مەيدانى دەپ ئۆزگەرتكەن.

دېگولل مەيدانى: فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى ئاساسلىق مەيداندىن بىرى. 1944-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى پارىژ ئازاد بولغاندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دېگوللنىڭ فىرانسىيە دۆلىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ مەيداننىڭ نامىنى «دېگولل مەيدانى» دەپ ئۆزگەرتكەن.

()

ياخشى
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>