باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-28 16:26 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
«نېفىت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھاكى
تەلەي +1

 

دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت

 

دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت
 

ئەنۋەر ھامۇت 1952-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1977-يىلى 2-ئايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1988-يىلى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا-ياش كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان. 1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. 2002-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە داليەن سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1992-يىلى 9-ئايدا ۋە 2004-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكا سىنتىنار ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان.                      

ئەنۋەر ھامۇت 1971-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توقسۇن ناھىيەسى ئاۋانگارت يېزىسىنىڭ تەرجىمانى، شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالدىن مەلۇم قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شۇجىسى، ئاخبارات-تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شۇجىسى، شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2000-يىلى يىل ئاخىرىدا شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16-، 17-قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىمەكتە. 

ئەنۋەر ھامۇت رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش جەريانىدا، بىر تەرەپتىن ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىزچىل ئاسپىرانت ۋە دوكتورلارغا دەرس ئۆتۈپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، دۆلەت، ئۆلكە، مىنىستىرلىق بويىچە پەن-تېخنىكىدا 2-دەرىجىلىك ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا، يەنە بىر تۈردە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «نېفىت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى»، «رەھبەرلىك ئىلمىدىن قىسقىچە بايان» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنداقلا، ھەر قايسى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا «نېفىت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھاكىمە» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.                               

ئەنۋەر ھامۇت ھازىر جۇڭگو باشقۇرۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاكادېمىكى، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دۆلەتلىك سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي دوكتورى، قازاقىستان شەرق سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى، جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى [ 2012-03-28 19:55:13 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] دۇنيادىكى تۇنجى ئۇچار ئاپتوموبىل 800 مىڭ فوند سىتېر [ 2012-03-28 19:48:35 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پىراۋا ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنە ئۆستى [ 2012-03-28 19:44:12 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ ساھەسىدىكى قالايمىقان ئىشلار [ 2012-03-28 19:42:24 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئ [ 2012-03-28 19:39:21 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلىسا، دېۋەڭلىك كېسىلىن [ 2012-03-28 19:36:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كىتاب-مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى [ 2012-03-28 16:42:02 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئىنتېرنتقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلگەندە، ئەقلىي ئىق [ 2012-03-28 16:35:13 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئانا تىلىم مەن سېنى سۆيىمەن [ 2012-03-28 16:09:31 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت [ 2012-02-28 16:26:14 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر