پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

پىراۋا ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنە ئۆستى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-28 19:44 مەنبەسى: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش، پىراۋا ئېلىش، يولغا چى
تەلەي +1

پىراۋا ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنە ئۆستى

 

ئىمتىھانغا كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ كېچىلىك چىراقلىرىنى ئىشلىتىش تۈرى قوشۇلدى

 

خەلق گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ چىڭچاڭ، لەن يىڭلارنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مۇبادا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈم ۋەقەسى كىلىپ چىقسا، ماشىنا ھەيدىگۈچىنىڭ ئىمتىھان بېرىش، پىراۋا ئېلىش، تەكشۈرتۈپ ئەنگە ئالدۇرۇش، يول باشقۇرۇش ھالقىلىرىدىن باشلاپ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ» 22-چېسلا ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش، پىراۋا ئېلىش، يولغا چىقىش، تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندىن بۇيان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ماشىنىسىنىڭ پىراۋا ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، ئىمتىھانىغا مۇرەككەپ يولدا، ناچار ھاۋادا ھەيدەش تۈرلىرىنى قوشتى. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ماشىنىسى شوپۇرلۇقىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارقىمۇ-ئارقا جىددىي بۇراش ، كەلكۈنگە، داۋانغا ۋە قار-يامغۇرلۇق ھاۋاغا يۇلۇققاندا قانداق ھەيدەش قاتارلىق تەقلىدىي ئىمتىھان تۈرى، يەنە تاغلىق يول، تونېل، يانتۇ يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق مۇرەككەپ شارائىتتا ھەيدەش قاتارلىق رەسمىي يول تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان بولدى. ئىمتىھانغا يەنە ماشىنىنى بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرىغا دائىر 50 سوئال يېڭىدىن كىرگۈزۈلدى.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى [ 2012-03-28 19:55:13 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] دۇنيادىكى تۇنجى ئۇچار ئاپتوموبىل 800 مىڭ فوند سىتېر [ 2012-03-28 19:48:35 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پىراۋا ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنە ئۆستى [ 2012-03-28 19:44:12 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ ساھەسىدىكى قالايمىقان ئىشلار [ 2012-03-28 19:42:24 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئ [ 2012-03-28 19:39:21 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلىسا، دېۋەڭلىك كېسىلىن [ 2012-03-28 19:36:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كىتاب-مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى [ 2012-03-28 16:42:02 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئىنتېرنتقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلگەندە، ئەقلىي ئىق [ 2012-03-28 16:35:13 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئانا تىلىم مەن سېنى سۆيىمەن [ 2012-03-28 16:09:31 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت [ 2012-02-28 16:26:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(2)
100%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر