پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بېيجىڭدىكى ساياھەتتىن تەسىراتىم

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-13 14:11 مەنبەسى: ئاپتورى: 635241 كۆرۈلۈشى: قېتىم
بېيجىڭدىكى ساياھەتتىن تەسىراتىم
تەلەي +1

بېيجىڭدىكى ساياھەتتىن تەسىراتىم

ئۆتكەن يىلى 9-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ،ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ،پايتەختىمىز بېيجڭغا ساياھەتكە يولغا چىقتۇق. ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ تەخمىنەن تۆت سائەت ئەتراپىدا بېيجىڭ ئايرۇدىرومىغا چۈشتۇق .ئورۇنلاشتۇرۇش ناھايىتى پىلانلىق ،ياخشى بولغان بولۇپ ،بىز يېتىپ بېرىشىمىزغا بىزنى كۈتۈۋالغىلى كەلگەن ،يول باشلىغۇچىمىز ،بىزنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،ئاپتۇبۇس بىلەن ياتاققا باشلىدى .يولدا كېلىۋىتىپ ،بىر ھەپتىلىك ساياھەت جەريانىدا ،دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ،ساياھەت قىلىدىغان ئورۇنلار ،تۇرمۇشتا كېرەكلىك نەرسىلەر تۇغۇرلۇق سۆزلەپ ئۆتتى .ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇنداق مۇلايىم ،ياڭراق ،چۈشىنىشلىك بولۇپ ،ئاڭلاپلا بىلگىلى بولاتتى .شۇنداق بولسىمۇ ،ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ،بىزنىڭ يېتەكچىمىز: پاتىگۈل نىياز كۆپچىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ،ھەر بىر سۆزنى ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ،دانىمۇ –دانە سۆزلەپ بەردى .ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپ ،ياتاققا كىلىپ قالغانلىقىمىزنى تويمايلا قاپتىمىز . ياتاقلارغا ياخشى ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كىيىن تاماققا چىقتۇق .تاماقخانىلار شۇنداق پاكىز ،سەرەمجانلاشتۇرۇشى ،تاماق ئۈستەللەرىنىڭ قويۇلۇشى بەكمۇ رەتلىك بولۇپ ،كىرسىلا ئادەمگە بىر خىل ئاراملىق بېرىدىكەن .

ئەتىسىدىن باشلاپ ساياھىتىمىزنى باشلاپ كەتتۇق .ئالدى بىلەن ،ماۋزىدۇڭنىڭ خاتىرە سارىيى ،تىيەنمىن راۋىقى ،تىيەنتەن باغچىسى ،گۇگۇڭ خان سارىيى ،سەددىچىن سېپىلى ،ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيى ،خەلقارالىق تىياتىرخانە ،سۇ ئۈزۈش سارىيى ،چاڭگا مەيدانى ،يېخېيۈەن باخچىسى ،13 خان قەبىرىسى ،مايمۇنسىمان ئادىمى خارابىسى ......قاتارلىق 20 نەچچە ئورۇننى ساياھەت قىلدۇق .

ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزىدۇڭنىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئورنىتىلغان ،ھەر مىللەت قىز –ئوغۇل قەھرىمانلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى كۆرگىنىڭىزدە سىزنى ئاجايىپ ئۇلۇغۋار تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈدۇ .ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشىدىن ھازىرلا يۈگۈرۈپ چۈشىدىغاندەك قەيسەر روھى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن .

سەددىچىن سېپىلى ،شەرقتە لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى يالۇجىياڭ دەرياسىدىن باشلىنىپ ،غەرپتە گەنسۇ ئۆلكىسىكى جىيايۈگۈەنگىچە سوزۇلغان بولۇپ ،ئۇزۇنلۇقى 6000 كىلومىتىردىن ئارتۇقكەن ،جەمئىي تۆت چوڭ سېپىلگە بۈلۈنگەن بولۇپ ،دۇنيا بويىچە ياسىلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق ،قۇرۇلۇشى مىقتارى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە قۇرۇلۇشىكەن .ئۇنىڭغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قان –تەرى ،ئەقىل –پاراسىتى سىڭگەن بولۇپ ،بۇ قۇرۇلۇشنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئوبرازى ۋە پەخرىي دىيىشكە بولىدىكەن .بۇ چوڭ قۇرۇلۇش تاغ تىزمىلىرى ،دەريا ئېقىنلارنى بويلاپ سېلىنغان ،خەتەرلىك جايلارغا يەنە جۈيۈگۈەن ،شەنخەيگۈەن قاتارلىق قوۋۇقلارمۇ سېلىنغان ،سېپىلدىكى ھەر بىر بۆلەك ئارىلىققا سۇپا ياسالغان بولۇپ ،چارلاش ،قاراۋۇل قويۇش ،ئەسكەر توپلاش ،قورال –ياراق ساقلاشقا ئىشلىتىلگەنكەن .تاغنىڭ چوققىسىغا تۇر ياسىلىپ قاراۋۇللارنىڭ سېگنال بېرىش ئورنى قىلىنغانكەن .

گۇگۇڭ (خان ) سارىيى ،بۇ قۇرۇلۇش ئوردا شەكىلدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ ،بۇ سارايدىكى مىڭ ،چىڭ ،جۇ سۇلالىلىرى دەۋردىكى مىس تۇچ بۇيۇملار ،خانىشلارنىڭ ئىشلەتكەن ئالتۇن ،كۆمۈش مەرۋايىتلاردىن ياسالغان ھەر خىل پوسۇندىكى چاچ قىسقۇچ ،تەلەڭگە ،چەينەك قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرى ،قاش تاشلار ،فار –فۇر ساپال بويۇملار ،ئاسارە –ئەتىقە ماتىرياللىرى ،داڭلىق رەسىملەر ،بۇرۇن ئىشلەتكەن ئويما خەت ئۈلگىلىرى ساقلانغانكەن .

بېيجىڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تۇرپان گىزىتىنىڭ ياش شائىرى ئۆمەرجان سېدىق،<<تۇرپان گىزىتى>>دە ناھايىتى تەپسىلى يازغانلىقىنى كۆرۈپ ، شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇغان ئىدىم ،ئۆزەمنىڭ بۇنداق تىزلا پايتەختىمىز بېيجىڭغا كىلىشنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن .شۇڭا مەن خوشاللىقىمدا ئۆزەمگە ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى يازغىم كەلدى .]

بىر ھەپتىلىك ساياھەت جەريانىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ،ساياھەتچىلىكىدىكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىلا ئەمەس بەلكى ،يەرلىك مىللى ئالاھىدىلىكنىڭ بىرقەدەر قويۇقلىغى بولدى .ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىنىڭ ھەر خىل تۈرى ،شەكلىنىڭ نەپىسلىكى ،مۇلازىمىتىنىڭ ئىللىقلىغى ،مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقى ،بولۇپمۇ ھەرقانداق ئورۇندا ،ھاجەتخانىلارنىڭ ھەقسىزلىقى ،تازىلىقنىڭ ياخشىلىقى ،سۈيىنىڭ راۋانلىقى ،ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكى ،بولۇپمۇ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكى مېنى بەكرەك جەلىپ قىلدى .ئۇلارنىڭ تاماق يېيىشى ئۆزگىچە بولۇپ ،تاماقنى يەكەتكۈدەك بۇيرۇتۇپ ،ئازراقمۇ ئىسراپ قىلمايدىكەن .

ساياھەت نۇقتىلىرىدا ،شۇ جاينىڭ يەرلىك مەھسۇلارلىرى ،ئەتىۋارلىق ھايۋانات قۇشلىرى ،داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرى ،مەشھۇر ئاسارە –ئەتىقىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ،كىچىك نەپىس ،چىرايلىق ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ،سەددىچىن سېپىلىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەر ،يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىيىنىشىدىن تارتىپ ئىلگىرى سېلىنغان ئىمارەتلەر ،ۋە ھازىر سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىگە يەرلىك ئالاھىدىلىك ،مىللىي ئۇسلۇپقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ،ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىكتە بۇنچىلىك روناق تاپقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدۇم .

بۇ ئورۇنلاردىكى پاكىزە ،قايناق ،ئاۋات كوچىلارنى ئايلىنىۋىتىپ ،يۇرتىمىز تۇرپاننىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ،ئۆز يۇرتۇم بىلەن سېلىشتۇرغۇم كەلدى .بۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ساياھەت نۇقتىلىرىغا سالىدىغان مەبلەغ كۆلىمىنى ،يۇرتىمىز تۇرپان بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ ،ئەمما ساياھەتچىلىكتىكى مۇلازىمەت تۈرلىرى ،مۇلازىمەت سەۋىيەسى ،خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ،نەپىسلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .

يۇرتىمىزنىڭ مىۋە –چېۋىلىرى ناھايىتى كۆپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈمى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق .مۇشۇ ئالاھىدىلىكمىزدىن پايدىلىنىپ ،ئوراپ قاچىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ،ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرىدىغان دوپپا ،ئەتلەس –شايىدىن تىكىلگەن كىيىم –كېچەكلىرىمىزنى كىيىپ ،تۇرپان ئۈزۈمى ،پىچاننىڭ قوغۇنى ،پاختا قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ،تۇرپان مۇنارى ،ئىدىقۇت تېغى ،يارغول قەدىمىي شەھىرى ،قۇم تاغ باغچىسى ،كارىز قاتارلىق يۇرتىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ ،ئۆزى كىچىك ،ئېلىپ كىتىشكە ئەپلىك ،نەپىس ،چىرايلىق ھەم ئويۇنچۇق قاتارىدا ئوينىغىلى بولىدىغان ھەم تۇرمۇشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان خاتىرە بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ،شارائىتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە، مەخسۇس مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ ،مۇلازىملار قىزغىن ،ئەتراپلىق بولۇپ ،ساياھەت نۇقتىلىمىزنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ پاكىزە ،ئازادە قىلىشقا تىرىشساق ،يۇرتىمىزنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىمۇ چوقۇم ئاۋاتلىشىپ كەتكۈدەك دەپ قارىدىم .شۇنداق بولىشىغا ئىشەنچىم كامىل .

ئاخىرىدا شۇنداق دىگۈم كەلدى ،ساياھەتكە بارغانلار ھەممىمىز ئاياللار ھەم بالا تەربىيەلىگۈچىلەر .شۇڭا بىز ھازىرقى جەمىيئەتنىڭ مۇرەككەپ سىناق داۋانلىرىدىن ئۆتۈپ ،ئىسلاھات دەۋرنىڭ ئەۋزەل شارائىتىغا ماسلىشىپ ،ئۆرۈپ –ئادەتلىرىمىزدىكى ناچار ،غەيرى ئەھۋاللارنى چۆرۈپ تاشلاپ ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،ئىنسانىي ،ئاياللىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ ،ئائىلىدە مېھىربان ئانا ،خىزمەتلەردە ئىلغار ئايال ،سودىدا روناق تاپقان ،جەمىيئەتتە ئىگىلىك تىكلەپ ،باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ،ئۆمۈرۋايەت تىرىشىپ ئۆگىنىش روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ ،خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ،ياخشى تەجىربىلەرنى كېڭەيتىپ ،يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشقا ئورتاق تىرىشايلى!

تەھىرلىگۇچى:admin

635241نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەنلەر ئوقۇتۇشى] دەرسخانە ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى ي [ 2012-03-13 14:20:41 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئېلىم پەن دەرىسلىكىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈت [ 2012-03-13 14:16:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپان خەلىق ناخشىسى ‹‹ئاچىل››نىڭ تارىخى ئارقا [ 2012-03-13 14:12:44 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشنىڭ رولى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگ [ 2012-03-13 14:11:51 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بېيجىڭدىكى ساياھەتتىن تەسىراتىم [ 2012-03-13 14:11:05 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنىڭ ر [ 2012-03-13 08:40:45 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] كەسپىي مائارىپ ۋە ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى [ 2012-03-13 08:38:57 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] تولۇقىسز تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپدىكى >>مە [ 2012-03-13 08:38:02 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] چەتئەلگە چىقىپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىق سىنىپ [ 2012-03-13 08:36:58 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلار تور [ 2012-03-13 08:36:23 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-03-07 22:03
تەۋسىيەلەر