پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئەتراپىڭىزدىكى يوشۇرۇن«قاتىل»لار

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-22 14:55 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
نۇرغۇن ۋىرۇس، پارازىت قۇرتلار سۇدا ئۆلمەيدىكەن، ئاپتاپقا قاقلىسىمۇ ئۆلمەيدىكەن. سوپۇن پاراشوكى، ئاقارتىش پاراشوكىمۇ ئۇلارغا زىيان

ئەتراپىڭىزدىكى يوشۇرۇن«قاتىل»لار

 

مۇھەممەد توختى

 

    ئامېرىكا، ئەنگلىيە، يېڭى زېللاندىيەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئۆي، ئىشخانىلاردا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا سالامەتلىككە زىيان سالىدىغان ‹‹قاتىل›› لار يوشۇرۇنغان بولىدىكەن، ئېھتىيات قىلمىغىنىمىزدا، بۇلار ھەرۋاقىت ھاياتىمىزغا تەھدىت سالىدىكەن. ئۇلار:

    چىش چوتكىسى مەيلى ساغلام كىشى ياكى كېسەل كىشىلەر بولسۇن، چىش چوتكىسىنى بىر ئاي ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدا زور مىقداردىكى ۋىرۇس ئۆسۈپ كۆپىيىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەل پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇن باكتېرىيە بولىدىكەن. مەسىلەن: ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيە، قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار. بۇ باكتېرىيەلەر ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھەزىم قىلىش يولى ۋە نەپەسلىنىش يولىغا كىرىپ، ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، چىش چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن، چىش چوتكىسىنى ئىمكانقەدەر ئىستاكانغا سېلىپ كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇش ھەم چىش چوتكىسىنى ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن.

    دۆشە تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆشە ئۈستىدىكى ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر يەردە 2 مىليون دانىدىن ئارتۇق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى، 4 مىليوندىن ئارتۇق ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە ئۇلاردىن باشقا ۋىرۇسلار بولىدىكەن. شۇڭا دۆشىنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن.

    دەسمال دەسمالدا ۋىرۇس تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن، ئۇنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە ۋىرۇس سانى شۇنچە كۆپىيىپ بارىدىكەن. كۆپىنچە سالمۇن ۋىرۇسى، پيۇتسىيانىت ۋىرۇسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى، ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، كۆكەرتكۈچ زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار كۆپ بولىدىكەن. دەسمالنىڭ ۋىرۇس تارقىتىپ، كېسەل پەيدا قىلىش نىسبىتى %30 بولىدىكەن، شۇڭا دەسمالنى داۋاملىق يېڭىلاش، قايناقسۇغا بېسىپ ئىشلىتىش لازىم ئىكەن.

    گىلەم گىلەم سالغان ئۆيدە بىر مەزگىلدىن كېيىن بىرخىل سالجا زور مىقداردا كۆپىيىدىكەن. ئۇ داۋاملىق گىلەمنىڭ ئۈستى ياكى يەر يۈزىگە يېقىن بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىدىكەن ھەم مەخسۇس ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك قاسراقچىلارنى يەپ ھايات كەچۈرىدىكەن، ئۇ ئادەم تېنىگە يېپىشىۋالغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئۆپكە ياكى كانىيىغا كىرىپ، بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، بالىلار ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئاسان ئۇچرايدىكەن. شۇڭا كىچىك بالا بار ئۆيدە گىلەمنى ۋاقتى ۋاقتىدا تازىلاپ ھەم يۇيۇپ تۇرۇش زۆرۈر ئىكەن.

    كىرئالغۇ مىكروبىئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، نۇرغۇن ۋىرۇس، پارازىت قۇرتلار سۇدا ئۆلمەيدىكەن، ئاپتاپقا قاقلىسىمۇ ئۆلمەيدىكەن. سوپۇن پاراشوكى، ئاقارتىش پاراشوكىمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىكەن. داۋاملىق كۆرۈلىدىغان زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسەللىرىدىن گۈللۈك تەمرەتكە، بەدەن تەمرەتكىسىدىن باشقا ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، كېزىك، تامچە قۇرت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىيىم ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭلاشقا، كىرئالغۇنى ئىشلەتكەندە تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىيىمنى بىرگە يۇيماسلىق، ساغلام كىشى بىلەن كېسەل كىشىنىڭ، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسىلى بارلارنىڭ كىيىمىنى ئايرىم يۇيۇش كېرەك ئىكەن.

    توڭلاتقۇ بىر قىسىم ۋىرۇسلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا كۆپىيەلمەي، ھاياتىنىلا ساقلاپ قالالايدىكەن. بىراق يىلسىن ۋىرۇسى بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن، ئۇ نۆل گىرادۇس ئەتراپىدىكى شارائىتتا زور مىقداردا كۆپىيىدىكەن. توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەر بۇنداق ۋىرۇسلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن. شۇڭا توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتىپ ئىستېمال قىلىش لازىم ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، قىزىتمىسى ئۆرلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، ھەتتا يىلسىن بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    ھاۋا تەڭشىگۈچ ھاۋا تەڭشىگۈچ تومۇز كۈنلىرىدە كىشىگە ئارام بەخش ئەتسىمۇ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇرۇن ئىچى پەردىسىنى نېپىز بىر قەۋەت شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ باكتېرىيەدىن يوقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ھاۋا تەڭشىگۈچ بورۇن ئىچىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋەتكەچكە، كىشىلەر ئوڭايلا زۇكام بولۇپ قالىدىكەن. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشخانا ھاۋاسىنى قۇرغاقلاشتۇرۋەتكەچكە، ئىشچى خىزمەتچىلەردە ئاستا خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىپ، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ئېغىر بولغاندا ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

    كۇنۇپكا تاختىسى ئىش ئۈستىلىدە نەرسە يېيىش، چاي قەھۋە ئىچىش، گىرىم قىلىش كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن خالىي بولالمايدىغان ئىش. بۇنداق قىلغاندا يېمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەر كۇنۇپكا تاختىسىدا ساقلىنىپ قالسا، نۇرغۇن مىكروب پەيدا قىلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ھەربىر كىۋادرات سانتىمېتىر يېرىدە 3295 خىل مىكروب بولىدىكەن.

    كومپيۇتېر ئېكرانى ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەندە، باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، كۆز تېلىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئېكران بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقى 13 33 سانتىمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئېكران مەركىزى بىلەن كۆزنىڭ گورزىنتال يۆنىلىشى تۆت سانتىمېتىردىن ئالتە سانتىمېتىر، خەتنىڭ چوڭلۇقى 12 نومۇرلۇق ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇشى، ئېكران پاكىز بولۇشى كېرەك ئىكەن.

    نۇسخا ئالغۇ ۋە فاكىس نۇسخا ئالغۇ ۋە فاكىستىن چىقىدىغان غەيرىي پۇراق، ئالايلۇق، مېتانول ۋە مېتاكرىلات باش ئاغرىش، تېرە تاشمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ كېسەللەرنىڭ بەزىلىرى نەپەس ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

    باسما مېيى ۋە ئۇن سىياھنىڭ پارغا ئايلىنىشى ھاۋادىكى ئوروننىڭ مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنى قاتناش ۋاسىتىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىشنىڭ زىيىنى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىكەن. ئۇنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بۇ ئۈسكۈنىلەر بىلەن خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئارىلىقىنى بەك يېقىن قىلىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر