پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بەشتاش دەرس تەييارلىق كاتولوگى1.0

يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-18 12:52 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بەشتاش دەرس تەييارلىق كاتولوگى1.0 تارقىتىلدى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 25- كۇنى قۇرۇلغان بولۇپ،2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇ

بەشتاش دەرس تەييارلىق  كاتولوگى1.0 تارقىتىلدى

 
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 25- كۇنى قۇرۇلغان بولۇپ،2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى رەسمى ئىلان قىلىنغان كەسپى مائارىپ تور بىتى.

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى قۇرۇلغاندىن تاھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش ۋە مائارىپ ئۇچۇن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋە باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بارلىقىمىز بالىلار ئۇچۇن،ئۆز بالىلىرىمىز ئۇچۇن،مىللى مائارىپ ئۇچۇن دىگەن تۇغ ئاستىدا تور بەت تۇزەش،تور بەت قۇرۇلمىسىنى بىكىتىش،مەزمۇن تاللاش،تور بەت مەزمۇن دائىرىسىنى تاللاش ۋە بىكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىش كۆرۇپ مائارىپ تور بەتلىرى مائارىپ تور بەتلىرىگە خاس بولۇش، بالىلار تەربىيسىنى ئاساس قىلغان تور بەت چوقۇم بالىلارغا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىنى ھەقىقى تۇردە ئەمىلىيلەشتۇرۇپ كەلدى.

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا چوڭ تۇرلەردىن ئىزچىل ھالدا دەرس تەييارلىقى،دەرسلىك دىتالى،پەرزەنىت تەربىيسى.ئوقۇتۇش بايلىقى قاتارلىق تۇرلەر تەسسىس قىلىنىپ ۋە ياخشى باشقۇرۇلۇپ كەلدى. گەرچە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى بىر قانچە نەپەر ئاددى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرىشدا بولسىمۇ لىكىن،مەيلى مەزمۇن، ئۇسلۇپ ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۇردە مائارىپچىللىقنى ئاساس قىلىپ،باشقا مائارىپ تور بەتلىرىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ساقلاپ ۋە نامايەن قىلىپ كەلدى.

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى ۋاستە قىلىپ،ھەرقايسى يىللىق ۋە پەنلەرنىڭ دەرس تەييارلىقىنى توپلاش ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى قۇرۇشتىكى مۇھىم مەخسەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،تور بەت قۇرۇلغاندىن بۇيان كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ ،خىزمەتداش – سەبداشلارنىڭ ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۇرىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قوللىشى ئاستىدا نۆۋەتتە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى دەرس تەييارلىقلىرى سان ، سۇپەت، مەزمۇن، دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردە پىشىپ يىتىلىپ، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولۇپ،ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى مائارىپ تور بەتلىرى ئىچىدە دەرس تەييارلىقى ئەڭ كۆپ ۋە بىر قەدەر تولۇق تور بىكەتكە ئايلاندى.

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىكى بىر قىسىم دەرس تەييارلىقلىرى ۋاقىت ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كەڭ ئۇستازلارنىڭ دەردىگە دەل ۋاقتىدا دەرمان بولالمىغان،مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كەمتۇك بولغان بولسىمۇ ، لىكىن كۆپ قىسىم دەرس تەييارلىقلىرى نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان دەرس تەييارلىقلىرىدىن خىلىلا ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ. بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تارقىتىلىۋاتقان بارلىق خەنزۇچە يىزىقتىكى دەرس تەييارلىقلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دەرس تەييارلىقلىرى بولۇپ،بۇ دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇچە نوپۇزلۇق مائارىپ تور بەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق يىغىلغان ،شۇ سەۋەپلىك خەنزۇچە دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ بەزىلىرى ھەتتا نۆۋەتتە نەشىر قىلىنغان ، مەخسۇس تۇزۇلگەن دەرس تەييارلىقلىرىدىنمۇ ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز شۇنداق دىيەلەيمىزكى بەشتاش بالىلار مائارىپ تور بەتلىرىدە تارقىتىلىۋاتقان خەنزۇچە دەرس تەييارلىقلىرى نۆۋەتتە مەيلى خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە مائارىپ تور بەتلىرى ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان ،ئىشلىتىلىۋاتقان خەنزۇچە دەرس تەييارلىقلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى ۋە ئەڭ ياخشىسى. ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى دەرس تەييارلىقلىرىمىز نۆۋەتتە ھەرقايسى پەن،يىللىق،ماۋسۇم بويىچە تولۇقلىنىش ۋە مۇستەھكەملىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. لىكىن شۇنداق دىيەلەيمىزكى سىزنىڭ قوللىشىڭىز ۋە ياردەم بىرىشىڭىز ئاستىدا ئۇيغۇرچە دەرس تەييارلىقلىرىمىزمۇ مەيلى سۇپەت ياكى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ئەڭ ياخشى،ئەڭ سەرخىل دەرس تەييارلىقلىرىغا ئايلانغۇسى.

بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تارقىتىلغان دەرس تەييارلىقلىرى ھازىر گەرچە ھەممە دوسلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك كۆپ بولمىسىمۇ ،لىكىن كەڭ دوسلارنىڭ دەرس تەييارلىقلىرىمىزدىن ئۇنۇملۇك ۋە تىز پايدىلىنىشىغا ياردەم بىرىش مەخسىتىدە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى دەرس تەييارلىق قانىلىدا 2010-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۇنىگىچە ئىلان قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان دەرس تەييارلىقلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەزكۇر كاتولوگ تۇزۇلدى.

كاتولوگىنى چۇشۇرۇش

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(44)
89.8%
ناچاركەن
(5)
10.2%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر