ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا
تىزىملىتىش باشلاندى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ھەمدە تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى باشلاندى ، توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى 12 - ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ ، تىزىملىتىشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىدارىسى ۋە ج خ ئىدارىسىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇن بىرلىكتە ‹‹ 2012 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا تىزىملىتىش بەلگىلىمىسى ›› نى تۈزۈپ چىقتى ، ‹‹ بەلگىلىمە ›› بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئالغاندا ، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەندە چوقۇم 2 - ئەۋلاد كىملىكىنى ئاساس قىلىشى كېرەككەن. تىزىملاتقۇچىلارنىڭ توردا تىزىملىتىش ئۇچۇر گىرافىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىردىنبىر ئۇچۇرى سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىشتا ئاساس قىلىنىدىكەن ، شۇڭا ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار تىزىملىتىش ئۈچۇر گىرافىكىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ، ئاندىن قول قويۇپ نەقلەشتۈرۈشى كېرەككەن ، ئۇچۇر گىرافىكى قول قويۇپ نەقلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشىگە بولمايدىكەن . بۇ يىل ج خ تارماقلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نوپۇس يۆتكەش ، مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىغا ماسلىشىپ ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بارىدىكەن ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا نوپۇس يۆتكىگەن ، مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتكەنلەر بايقالسا ، بەلگىلىمە بويىچە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىنى ، نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىنى ، قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن .
|