بەشتاش تورىدىن ئېلتىجا
بەشتاش بالىلار مائارىپ توردى قۇرۇلغاندىن بىرى مىنىڭچە ئۆز ئەمگەك نەتىجىمىزگە تايىنىپ، كەڭ دوسلار ،ئاتا-ئانىلار ۋە مائارىپچىلار ئۇچۇن خىزمەت قىلىپ كەلدۇق دەپ قارايمىز،لىكىن يىقىندىن بىرى بىر قىسىم مەسىلىلەر بولۇپمۇ باشقا تور بەتلەردىن تىما كۆچۇرۇش ۋە يۆتكەپ كىلىش ئەھۋالى بارغانسىرى ئاۋۇپ،قىرىنداش تور بەت باشلىقلىرىنى رەنجىتىپ قويۇشتەك ئەھۋاللار سادىر بولىۋاتىدۇ.شۇڭلاشقا بىزنىڭ تەسىيمز ۋە ئېلتىجايىمىز ئىمكان بار باشقا ھەرقانداق تور بەتتىن ماتىريال كۆچۇرۇپ كىرىشتىن ساقلانساق، ئەگەر بەكلا كۆچۇرۇپ كىرىش زۆرۇر بولسا ئەسلى تور بەت ۋە ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ، ئەسلى مەنبە ۋە ئەسلى يوللىغۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ يوللىغانلىق ئەسكەرتىلسە، يەنە دەيدىغىنىمىز ۋە تەشەببۇسىمىز ھەرقانداق بىر تەرەپتىن ئويلىغاندىمۇ يەنىلا كۆچۇرۇپ كىلىش، يۆتكەپ كىلىشتىن قەتئى ساقلىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويساق، بۇ ئارقىلىق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ پاكىزلىقىنى ھەممەيلەن بىرلىكتە ساقلاپ، ئۆز خاراكتىمىزگە ماس تور بەت قۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك. ئەگەر يۇقارقى تەلەپكە دىققەت قىلماي، خالىغانچە باشقىلارنىڭ ئەقلى مۇلۇك ھوقۇقى ۋە نەشىر ھوقۇقىغا زىيان يەتكۇزۇپ،تىمىلارنى خالىغانچە يۆتكەپ كەلسىڭىز، بارلىق ئاقىۋەتكە يوللىغۇچى ئۆزىڭىز مەسئۇل. ھەرقايسى تور بەت باشلىقلىرى ۋە دوسلارغا تەشەببۇس قىلىدىغىنىمىز شۇنداق تىمىلارنى بايقىغان ھامان بىزگە مەلۇم قىلىپ قويىشىنى سەمىمى ئۇمۇد قىلىمىز. ئەزالارنىڭ تىما يوللاش ۋە ئۆز ئەمگىكىنى توداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشتا قىينىلىش ئەھۋالىغا قارىتا مۇنتىزىم بولغان ئەزالار قوللانمىسى تارقىتىلدى. ئادرىسى: /helip تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|