XXX يىزا XXX مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى XXXXنىڭ يىللىق
باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم: سىياسىي ئىدىيۋى خىزمەت جەھەتتە: ①جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى 17-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىننىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان سوتسىيالىستىك سەككىز شەرەپ،سەككىز نۇمۇس قارىشى ئىلمى تەرەققىيات قارشنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىش،سىياسىي يىغىنلارغا تولۇق قاتنىشىپ،ئۆگىنىش خاتىرلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق يېزىپ،سىياسىي نەزىرىيە سەۋىيەمىنى ۋە سىياسىي ئاڭ سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ،كوممۇنىستىك ئىتىقادتا چىڭ تۇرۇپ،سىياسىي سەزگۈرلىكىمنى يەنىمۇ ئۆستۈردۈم. ②مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرگە بايرىقىم روشەن ،مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ،قەتئىي قارشى تۇرۇپ،مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى ئولۇغۋار كۆرىشىنىڭ ئالدىنقى سىپىدە چىڭ تۇرۇپ ،دىننىڭ مائارىپ بازىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي چەكلىدىم.ھەر قانداق شەكىلدىكى دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇلىلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىم ۋە چەكلدىم. ③ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىپ بىرىلدىغان سىياسىي ئىدىيۋى تەربىينى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، ئىدىيۋى تەربىيە بىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردۇم.ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم سىياسىي قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۆگىنىش پائالىيتىنى تەشكىللەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپىلىق چۈشەندۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي پەرق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئاڭ سەۋىيسىنى ئۆستۈردۈم. ④نوقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنىتلىرى ۋە ئىككى ئەمگەكتىن قايىتقانلارنىڭ پەرزەنىتلىرى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ دىننىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى ئەھۋالىنى ۋە كەيپىياتىنى كۈزىتىشكە ياخشى ئەھمىيەت بىرىپ،ۋاقتى قەرەلىدە تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئىدىيۋى ھالىتىنى ساقلىدىم. ⑤ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسنى كۈچەيتىپ،ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەننى سۆيىدىغان،ئىلم-پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، مىلەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئىدىيۋى ھالەتنى شەكىللەندۈردۈم. ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە: ①مائارىپ خىزمەتلىرىنى مائارىپ فاڭجىنىڭ روھى بويىچە ئىلىپ بىرىش،خىزمەتلەردە ئۈنۈمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئۆزۈمنىڭ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىمدىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل ۋەزىپەمنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتماي بارلىقىمنى خەلق مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلىدىم. ②ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىم-تەربىينى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش،ئىلم-پەننىڭ تەرەققىياتقا قوشقان تۆھپىسىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشقا،دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردىم. ③ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرشكە ئىزچىل تىرشچانلىق كۆرسىتىپ،ئەتراپلىق دەرس تەييارلاپ،ھەرقايسى پەنلەرنى تولۇق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلدىم. 5-يىللىق2-سىنپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە 5-يىللىق 1-2-سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى3-يىللىق ④ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىينى كۈچەيتىپ،بىخەتەرلىك تەربىيە پىلانى تۈزۈپ چىقىپ،پىلانلىق،سىستىمىلىق ھالدا بىخەتەرلىك تەربىيسى ئىلىپ بىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتىن،توكتىن،سۇدىن،قاتناش ھادىسلىرىدىن ۋە تۈرلۈك ھادىسلەردىن زەخمىلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىم. ⑤خىزمەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇپ،ئوزومنىڭ ئۇلگىلىك رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،خىزمەتلەردە يىڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەندىم.كەمچىلىك ،خاتالىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ تۈزەتتىم.ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي سادىر قىلمىدىم. ⑥ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تازىلىق تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈردۈم. ساغلاملىق تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملۇق كىسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم. ⑦تۈرلۈك 2-دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا جانلىق ئىلىپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىتقى تۇرمۇشىنى جانلاندۇردۇم. ⑧قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسما-يازما ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ ،كەمچىلىك بولسا ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسما-يازما ماتىرياللرىنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇم. ⑩ ئوقۇغۇچىلارغا دېموكىراتىك باراۋەر ئاساستا مۇئامىلە قىلىپ،باھالاشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ،زىدىدىيەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدىم. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كوللىكتىۋىزىملىق تەربىينى كۈچەيتىپ،ئۆزئارا كەمسىتىدىغان،لەقەم قويىدىغان،جىدەل- ماجرا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم ۋە قەتئىي چەكلىدىم. 3.پئونېرلار خىزمىتى جەھەتتە: ①پىئونېرلارغا ئىلىپ بىرىلدىغان تەربىينى كۈچەيتىپ،ئۇلارغا قىزىل گالىستۇكنىڭ ئەھمىيتى،رولى ،كېلىش مەنبەسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پىئونېرلار ئەترىتى توغىرسىدىكى بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم. ② ئوتتۇرا ئەترەت ۋە كىچىك ئەترەت ھەيئەتلىرىنى دېمۇكىراتىك ئاساستا،ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن سايلاپ چېقىپ، پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمتىنىڭ نەتىجىلك بولۇشى ئۈچۈن ئاساس ياراتتىم. ③ پىئونېرلار ئەترەت نىزامنامىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق چۈشەندۈرۈپ، پىئونېرلار ئەترەت نىزامنامىسىدىن زېھىن سىناش پائالىيتى ئىلىپ بىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىئونېرلار ئەترەت نىزامنامىسى توغىرسىدىكى بىلملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم. ④ پىئونېرلارنىڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھام بىرىپ، ھەپتىدە بىر قىتىم كىچىك ئەترەت پائالىيتى،ماۋسۇمدا 2 قېتىم ئوتتۇرائەترەت پائالىيتى ئىلىپ بىرىشقا يىتەكچىلىك قىلدىم. 4.ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە: ①ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ھەركىتىم ئارقىلىق ئۆلگە بولۇپ تەربىيلىدىم. ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئەخلاقىي تەربىيە پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، سىستىمىلىق، پىلانلىق ھالدا ئەخلاقىي تەربىيە ئىلىپ باردىم. ②ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئاتئىزىم تەربىيسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى، ئەمگەكنى سۆيۈش تەربىيسى،پەننى سۆيۈش تەربىيسى،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش تەربىيسىنى كۈچەيتتىم. ③كوللىكتىۋىزىملىق تەربىينى ياخشى ئىلىپ بىرىپ،مىللەتلەر ئىتىىپاقلىقىغا ۋەئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بىرىش توغىرسىدىكى تەربىينى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قۇغداش ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ئىڭنى ئۆستۈردۈم. 5.تۈرلۈك قوشۇمچە خىزمەتلەردە: ①مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغا تۈرلۈك ئەمگەك ۋە ئىشلارنى سان ۋە سۈپەتكە ، بىخەتەرلىككە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇندىدىم. ②تەشكىلىي تۈزۈمگە ئاكىتىپلىق بىلەن رىئايە قىلدىم، كىچىكىدىغان، سەۋەبسىز خىزمەت تاشلايدىغان،مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ئىشلارنى قەتئىي سادىر قىلمىدىم. ③ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلدىم.ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم. ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەر 1.سىياسىي ئىدىيۋى خىزمەت جەھەتتە: مەن بۇ بىر ماۋسۇم جەريانىدا،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيىسىنى مەركەز قىلغان تۈرلۈك سىياسى- نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىياسى- نەزەرىيۋى ساپايىمنى دەۋرنىڭ تەلىۋىگە لايىقلاشتۇرۇش يولىدا ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ،لىكىن ئۆگەنگەنلىرىمنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىز پارتىيىلىك كادىرلارغا قويغان تەلىپىگە سىلىشتۇرغاندا تەلىپتىن خېلىلا يىراق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. روھى ماھىيىتىنى ئىگىلەش،چوڭقۇر چۈشىنىش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش، ئىددىيەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش جەھەتتە بىر قىسىم كەم ھالقىلار ساقلاندى.ئۆگەنگەنلىرىمنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش بويىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم گەۋدىلىك بولمىدى. ماركىسىزىم- لېنىنىزىم ماۋزىدوڭ ئىددىيىسى، دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى، ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيىسى، پارتىيىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت ۋە كەسپى بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەھەتتە دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن بولساممۇ،لىكىن”چوڭقۇر بولۇش، ئۈنۈم يۇقۇرى بولۇش“ تەلىپىگە تىخى يېتەلمىدىم. مەن بىر پارتىيىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن كوممۇنىزىمغا بولغان يۈكسەك ئىتىقاتقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشقا بولغان مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۆزۈمنىڭ ئىددىيە ۋە ھەركەت ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق باشقىلارنى يۈكسەك بولغان كوممۇنىستىك غايە تىكلەشكە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشقا بولغان مۇستەھكەم ئىتىقاتقا ئىگە بولۇشقا يىتەكلىشىم كىرەك ئىدى؛لىكىن مېنىڭ بۇنىڭغا كۈچ سەرپ قىلىشىم، ئەھمىيەت بېرىشىم يىتەرلىك بولمىغاچقا رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدىم. مەندە يەنە ئۆگىنىشكە يۈزەكى جەھەتتىن ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتنى ئىگىلەشكە سەل قاراپ، ئۆگەنگەن نەزىرىيەۋى بىلىملىرىمنى مائارىپ سىتېمىسىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، غايە ئىتىقادىمنى ئۆزلۈكسىز چىڭىتىشقا سەل قاراش خاھىشى كۆرۈلدى. ئىددىيە ھالىتىمنى باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ”پارتىيىنىڭ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پارتىيىنىڭ ئىتىپاقلىقىنىڭ بىردەكلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش “ ”ئىككى بولسۇن “ دا چىڭ تۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىيااسى ماھىيىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش دېگەن تەلىۋى بىلەن سېلىشتۇرغىنىمدا بەزى يىتەرسىز تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ تەلەپكە يىتىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. 2.ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە: ئۆزىنى مائارىپ خىزمەتچىسى ھىساپلايدىغان ھەر بىر كىشى چوقۇم يۇقۇرى سىياسى، نەزەرىيىۋى ساپا ۋە ئەمەلى خىزمەت ئىقتىدارىغا ، ئادەم تەربىيلەش جەھەتتە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇشى كىرەك. مەن گەرچە ماركىسىزىم- لىنىزىم ماۋزىدوڭ ئىددىيىسى، دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى، ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيىسى، پارتىيىنىڭ ئاساسى نەزەرىيە،ئاساسىي بىلىملىرى، مائارىپقا دائىر تۈرلۈك قانۇن- نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ سىياسى نەزەرىيە ساپايىمنى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىمنى يۇقۇرى كۆتىرىش، ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتىكى رولىمنى جارى قىلدۇرۇش ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولساممۇ، لىكىن دەۋرنىڭ بىز مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە قويغان تەلىۋى بىلەن سىلىشتۇرغاندا بەلگۈلۈك پەرق بار. بولۇپمۇ ماركىسىزىملىق ئىلمى نەزەرىيىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆز بىلىمىمگە ئايلاندۇرۇشقا ياخشى ئەھمىيەت بىرەلمىدىم. مەسىللەرگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن قاراش جەھەتتە بەزى يىتەرسىزلىكلەر مەندە يەنىلا ماۋجۇت. بۇ مېنىڭ دىئالىكتىكىلىق ماتىرىيالىزىملىق ئىلمى نەزەرىيىدە بىلىمىمنىڭ تىخى يىتەرلىك ئەمەسلىكلىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىپىنى ئادا قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيەت ئېڭىم كۈچلۈك بولماسلىق ، خىزمەتلەردە پىرىنسىپنى قاتتىق ئىگىلىمەسلىك، لىبىرالىزىملىق قىلىش خاھىشلىرى مەندە كۆرۈلدى. ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئزچىل تىرىشىپ كەلگەن بولساممۇ لېكىن مەندە يەنىلا،«كىچىك ئىشلارغۇ» دەيدىغان ئىدىيە ساقىلىنىپ ،خىزمەتلەردە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالماي ،چېكىنىش مەندە كۆرۈلدى. يۇقارقى مەسىللەرنىڭ ساقلىنىشىنىڭ سەۋەبى: 1.سىياسى- نەزەرىيە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقدىن يۇقارقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر يۈز بەردى. مەن سىياسى نەزەرىيە ئۆگىنىشتە يۈزەكى ئۆگىنىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قىلىپ، ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىش ۋە ماھىيەتتىن ئۆگىنىشكە سەل قارىغانلىقىمدىن ،ھەم ئۆگەنگەن نەزەرىيۋى بىلىملەرنى ئۆزۈمنىڭ ئىددىيە ئەمەلىيىتىمگە تەدبىقلىشىم يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن خىزمەتلەردە ئۆزۈمگە ماركىسىزىملىق ئىلمىي نەزەرىيىنى يىتەكچى قىلىش كەمچىل بولۇپ قالغانلىقتىن بەزى مەسىلىلەر يۈز بەردى. 2.قانائەتلىنىش، مەغرۇرلىنىش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىدىن خىزمەتلىرىمدە يۇقارقىدەك مەسىللىر كۆرۈلدى. مەن ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىملەر بىلەن قانائەتلىنىپ قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش، ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىشكە كۈچ سەرپ قىلمىغانلىقىمدىن نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلدۇرۇشتا ئۈنۈم گەۋدىلىك بولماي، يۇقارقىدەك مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. 3. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقدىن بەزى مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. 4. مەندە بەزى خىزمەتلەرگە قارتا سەل قاراش خاھىشى بولغانلىقتىن يۇقارقى مەسىلىلەر يۈز بەردى. 5. جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىددىيەمنىڭ مۇستەھكەم بولمىغانلىقىدىن مەندە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. تۈزۈتۈش تەدبىرلىرىم ۋە بۇندىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىم: 1.سىياسى مەيدانىمنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمەن.ماركىسىزىم، لىنىنىزىم، ماۋ زېدوڭ ئىددىيىسى، دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيىسىنى،پارتىيىنىڭ لۇشىئەن ، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى، ئاساسى قارار، ئاساسى بىلىملىرىنى ئەستايىدىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىياسى- نەزەرىيە ساپايىمنى يۇقۇرى كۆتىرىمەن. ئىددىيەمنى پارتىيە 17- قۇرۇلتاي يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيىسى بىلەن يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەردە ماركىسىزىم- لېنىنىزىم ، ماۋزېدوڭ ئىددىيىسى ، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيىسى ۋە باش شۇجى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان سوتسىيالىستىك 8شەرەپ 8نۇمۇس قارىشىنى يىتەكچى قىلىپ،باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزى كومتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايمەن.مائارىپقا دائىر تۈرلۈك قانۇن نىزام، سىياسەت- بەلگۈلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش يولىدا ئېغىشماي كۆرەش قىلىمەن. غايە ئىتىقادىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىم رۇشەن ،مەيدانىم مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.بولۇپمۇ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشى چەكلەش، توسۇش جەھەتتە سەزگۈرلىكىمنى يەنىمۇ ئاسۇرۇپ،مەسىلە بايقىغان ھامان دادىل توسىمەن ۋە پاش قىلىمەن.مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق سۆز- ھەركەتلەرنى قىلمايمەن. مۇنداق گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۆزۈمنىڭ پارتىيىۋىلىك مەيدانىمنى ئىپادىلەپ، دادىل چەكلەيمەن ۋە پاش قىلىمەن. مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا ئىتىپاقلىقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن.سوتسىيالىستىك مائارىپ بازىسىنىڭ سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت تۈپ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىمەن. ئوموم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھا تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|