گۇما ناھىيە چودا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ 2011-2012-ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى گۇما ناھىيە چودا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە ئىشخانىسى 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى چودا يىزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ 2011-2012-يىلى1-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىدە گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە مەكتىپىمىزنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بىر قاتار خىزمەت نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇندىن كىيىن مەكتىپىمىزنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىمىزنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ،مەركەز شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى روھىنى يېتەكچى قىلىپ مەكتىپىمىزنىڭ سىياسىي ھاۋاسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە شۇنداقلا، ساغلام بولغان تەلىم – تەربىيە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ،يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە مائارىپ ئىدارە پارتكومى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلاش ئۇچۇن بۇ مەۋسۇمدا تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ. بىرىنچى،يېتەكچى ئىدىيە جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە« ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،ناھىيىلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىن روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنى ئاساش قىلىپ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئېڭى ۋە ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتىپىمىزنىڭ سىياسىي ھاۋاسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، ساغلام بولغان تەلىم – تەربىيە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. ئىككىنچى،ئاساسلىق تەپەككۇر يولى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا ،ئەخلاقى تەربىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ،رەھبەرلىك بەنزىدىكىلەر ئىناق ئىتتىپاق بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىدىكى تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ،سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش،مەركەزنىڭ 8-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-سىياسىي تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ،پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەخلاق تەربىيىدە مۇنەۋۋەر مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمەت كەيپىياتى ھاسىل قىلىش. ئۈچىنچى،ئاساسلىق خىزمەتلەر 1) ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى ۋە ئىشخانا خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشخانا خادىملىرىنى مەكتەپلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ، مەسئۇلىيەت كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۇرلىدۇ. ئەخلاق تەربىيە سىستېما قوشۇنى كۈچەيتىلىدۇ. 2)ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ«ئۈچ ئايرىلالماسلىق تەربىيىسى»،«تۆتنى تونۇش»تەربىيىسى،ماركىسىزملىق «بەش قاراش»تەربىيىسى،« ئائىتىزىم» تەربىيسى،«ئالتە ياخشى»تەربىيىسىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ،ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 3)مەكتەپلەردە ھەر كۈنى ئەتىگەن بايراق چىقىرىش ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا«دۆلەت بايرىقى قانۇنى»بويىچە دۆلەتنى سۆيۈش ،دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش،«ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ ،گۇزەل يۇرىت-ماكان قۇرۇپ چىقىش »،«ئىلغارلىقتا بەسلىشىپ ئەلا نەتىجە يارتىش » ھەققىدىكى ئىدىيىۋى تەربىيەلەر كۈچەيتىلىدۇ. 4) سىنىپ مۇدىرلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ كۈچەيتىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن سىنىپ خىزمىتىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ۋە مەدەنيەتلىك سىنىپنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، مەسئۇلىيەت كۆز قارىشى ئۆستۈرلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرلىدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم سىنىپ مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىلىپ، مەسىلىلەر ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىپ، كېيىنكى ھەپتىلىك نىشان بېكىتىپ بېرىلىدۇ. ئايلىق خىزمىتىنى ئايدا تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلنىدۇ. 5) « ئالتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش»،قانۇن تۇزۇم تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ، بۇ جەھەتتە رادىئو تەشۋىقاتنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ، بايراق چىقىرىش، چۈشۈرۈش تەلەپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قارا دوسكا تەشۋىقاتىدا سىنىپلارنىڭ قارا دوسكىدىن پايدىلىنىش سالمىقى ئاشۇرلىدۇ. ئىنقىلابى ناخشىلارنى تولۇق بىلىش تەلەپ قىلنىدۇ. «ئۈچ پىشقەدەم»لەرنى ئىككى قېتىم مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. داھىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە «بەش بايراق، بىر گرىب» بىلىملىرىنى ئۆگىنىش جەھەتتە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ دەرىجىگە تىزىپ ماددىي بويۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. 6) مىللەتلەر ئتتىپاقلىقىغا ئائىت بولغان لوزۇنكا، شۇئار، قارا دوسكىلار چىقىرىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى ياخشى ئشلىنىدۇ. 7) ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار ئارىسىدىكى دىننى باشقۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، بىخەتەرلىك خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ. دىننىڭ سېڭىپ كىرىشىنى توسۇش، دىنني كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوقوتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئاتا- ئانىلار بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، بۇ جەھەتتە مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلنىدۇ. ئون ئوقۇغۇچىنى بىرلىك قىلغان ئۆز- ئارا ئۆگىنىش ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق ئائىلە پەرزەنىتلىرىگە بولغان باشقۇرۇشنى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئارخپ تۇرغۇزۇپ، پائالىيەتلىرىگە ياخشى يىتەكچىلىك قىلنىدۇ. 8) باشلانغۇچ مەكتەپ «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»، «ھەرىكەت ئۆلچىمى» ۋە مەكتەپ قائىدە- تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن «ئوقوغوچىلار قائىدىسى»، «كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى»گە ئائىت بولغان مەزمۇنلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ ۋە زىھنى سىناش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى قائىدىسىزلىك، ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدى ئېلنىدۇ. 9) ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىتتىپاق ياچېيكىسى، پىئونېرلار ئەترىتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، قىز-ئاياللار خىزمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرلىدۇ. ئىتتىپاق ياچېيكىسى، پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىگىدە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، سەنئەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان مايىللىقى ئاشۇرۇلىدۇ. 10) مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ مەكتەپلەردە دىجۈرنىلىك تۈزۈمى ئورنىتىپ 24سائەت ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مەكتەپلەردىكى ئامانلىق خىزمىتى ياخشى ئشلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىىخەتەرلىك تەربىيسىنى ياخشى ئشلەپ ئايدا بىر سان بىخەتەرلىك جەھەتتن قارا دوسكا ئشلەپ ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ تەربىيە ئشلىنىدۇ. 11) مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسى تازىلىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ. ھەر دۈشەنبە كۈندە چوڭ تازىلىقنى ياخشى تەشكىللەپ، قاتتىق تەلەپ بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ. قەرەللىك ھالدا شەخسىي تازىلىق تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلنىدۇ. 12) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىزچىلللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك تەشۋىقات ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان تەشۋىقاتلارنى چىقىرىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارغا بولغان تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ، ۋە ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلاردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئائىت بولغان بىلىملەردىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە تەشكىللىندۇ. 13) قانۇن بىلىملىرىدىن ئىككى قېتىم لېكسىيە سۆزلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 14) ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال- بۇرۇت قويۇشىغا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تاماكا چېكىشىگە، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېنىق گىرىم قىلىشىغا، ھەدىدىن ئارتۇق زىبۇ-زىننەت تاقىۋېلىشىغا، چاكىنا كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋېلىشىغا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا بەد قېلىق ھەرىكەتلەر بىلەن نامۇۋاپىق چاقچاقلارنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. دەرسخانىدا خۇش پېئىل، خۇش چىراي بولماسلىق، قوپال مۇئامىلە بىلەن ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزۈشتەك كەسپىي ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ. ھەر قانداق شەكىلدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى مەنئىي قىلنىدۇ. 15) ئۆگىنىشتە ناچار، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان، قائىدە- تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەردىكى ئىپادىسى پاسسىپ ئوقۇغۇچىلارنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باشقا ئەلا ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋېلىشىغا ئۇل سېلىنىدۇ. 16) سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ سىنىپ باشقۇرۇش سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تېمىدا سىنىپ يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبە ساۋاقلار يەكۈنلىنىدۇ ھەم سىنىپ يىغىنىنى باھالاش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. 17) ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. مەۋسۇمدا ئىككى قېتىم ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش تۈزۈملەشتۈرلۈپ يىغىن ئېچىشتىكى مەقسەت، يۇقىرىنىڭ تەلىپى، مەكتىپىمىزدىن شىمالىي شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئېمتىھان بەرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى يەتكۈزۈلىدۇ ھەمدە مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن كۈتىدىغان تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش بويىچە بارلىق ئوقوتقۇچى، خىزمەتچىلەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ. 18) ئەخلاق باھالاش خىزمىتىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلنىدۇ، باھالاش جەدۋەللىرى ۋاقتىدا لايھىيىلىنىپ، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي باھالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،«ئۈچتە ياخشى ئوقوغۇچىلار» تاللاپ چىقىلىدۇ ھەمدە «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» لارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ . گۇما ناھىيە چودا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە ئىشخانىسى 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|