پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىپىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-14 12:59 مەنبەسى: ئاپتورى: abliz كۆرۈلۈشى: قېتىم
كېلەچەك بىزدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-ئىرپاندا كامەلەتكە يېتىشنى، ئۆزىمىزنى ئىلم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مىل

 

 
ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنەيلى
 
 
(2010-2011-ئوقۇش يىلى2-مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز)
 
 
 
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار،ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلار، 2010-2011-ئوقۇش يىلى1-مەۋسۈملۈك ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىمىز غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، 2-مەۋسۈملۈك خىزمەتلىرىمىز باشلاندى. ئالدىنقى ئوقۇش ماۋسۈملىرىدە مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا خاس ئېسىل ئەخلاق پەزىلىتى، دۆلەت ۋە خەلق ئالدىدىكى يۈكسەك بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پەرزەنتلەرنى ياراملىق تەربىيلەش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، كۆپ ئەجىر ئەمگەك قلىدى. بارلىق ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلارمۇ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ، ئاتا-ئانالارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، ئۇلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئۆگەندى ئجتاھات قىلدى. ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ، ئاتا-ئانالارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىگىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ، ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئىستىتىكا جەھەتلەردە تەڭ تەرەققى قىلغان، دۆلەتنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرى، كەلگۈسىنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرى، جەسۇر خۇجايىنلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. مەكتىپىمىزنىڭ ئالدىنقى بىر ئوقۇش يىلىدا يىللاردىكىگە ئوخشاشلا سىياسى جەھەتتىن مۇقىم، كەسپى جەھەتتە ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياخشى مەكتەپ كەيپىياتى بەرپا قىلىشتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانالار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلدى. مەن بۈگۈنكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە ۋاكالەتەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا، قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلەر ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ تەشۈككۈر ۋە رەھمەت ئېيتىمەن ھەم ھەرقايسىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىڭلاغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار، بىزنىڭ يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمىمىز باشلاندى. يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمىمىز بىزدىن يىللاردىكىگە ئوخشاشلا يىڭىچە ئىزدىنىش، ئەجىر قىلىش روھى، يىڭىچە ئۆگىنىش، ئىلىم تەھسىل قىلىش روھى، يېڭىچە نەتىنجە تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى بىزدىن دۆلەت، خەلققە، جۈملىدىن ئاتا-ئانالىرىمىزغا ئوخشاشلا يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان دۇنيا، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياش ئۆسمۈرلەرگە يېڭى تەلەپلەرنى قويماقتا. كېلەچەك بىزدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-ئىرپاندا كامەلەتكە يېتىشنى، ئۆزىمىزنى ئىلم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشنى تەلەپ قىلماقتا. رىقابەتكە تولغان بۇگۈنكى جەمئىيەتتە پەقەت ئىلىم-پەن ئارقىلىقلا ئۇتۇپ چىققىلى، پەقەت ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئىگىلىگىلگەندىلا تىگىشلىك ئورۇنغا ئىرىشىپ، دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
1900-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە دۆلىتىمىزنىڭ، ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز، ئىقتىساسلىق خادىملىرى كەمچىل بولغاچقا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىيات يوق دىيەرلىك ئىدى. شۇڭا تاكى 1949-يىلى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغانقا قەدەر تەرەققى قىلغان جاھانگىر دۆلەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ مۇنبەت زىمىنى، مول بايلىقىنى كۆزلەپ، تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، خەلىققە كۆپ جەبىر-زۇلۇم سالغان ۋە دۆلىتىمىزنى مۇنقەرىز قىلغان، يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، تىرىشچان ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگەللىشى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ قەيسەرلىك بىلەن ئقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى ئارقىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردە زور ئۆزگىرىش، تەرەققىياتلار بولۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپقاندىن كىيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئار نومۇسنى ئاقلاپ، ئەينى يىللىرى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر بوزەك قىلىپ، بۆلىۋالغان شاڭگاڭنى 1997-يىلى، ئاۋمىننى 2000-يىلى ئۇلارنىڭ قارا قولىدىن تارتىۋېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچ قۇدرىتى ۋە ھەيۋىسىنى دۇنياغا نامايەن قىلدۇق. ھازىر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىشقا، دۆلىتىمىزنى بوزەك قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. مانا بۇ 1949-يىلىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زور دەرىجىدە يۈكسەلگەنلىگىنىڭ، دۆلىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىساسلىق خادىملار، نۇرغۇنلىغان ياراملىق قۇرغۇچىلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىگىنىڭ نەتنجىسى. بۇنىڭدىن كىيىنكى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە يەنىلا قۇدرەتلىك دۆلەت قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش تۇرالماسلىقى بىز ياش ئۆسمۈرلەرگە باغلىق، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش تۇرالماسلىقى، بىزنىڭ ئىقتىساسلىق خادىم بولۇش، بولالماسلىقىمىزدا، دۆلەتنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش، بولالماسلىقىمىزدا. دۆلىتىمىز، بىزنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىمىز، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز، ياراملىق قۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، دۆلەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن بىزگە ھەرقايسى جەھەتلەردىن كۆپ كۆڭۈل بولمەكتە، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بەرمەكتە، مەسىلەن: ئازادە، يورۇق سىنىپلارى سېلىپ، يوپيېڭى ئورۇندۇق-پارتىلارنى ياسىتىپ بەردى. كۆيۈمچان ئۇستازلارنى بىزنى تەربىيلەشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئوقۇش پۇللىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلدى، كىتاپ پۈتۈن ھەقسىز قلىدى، نۇرغۇنلىغان نامرات ئوقۇغۇچىلار ھەر تۈرلۈك ياردەملەرگە ئىرىشتى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان دېھقان پەرزەنتىلىرى نۇرغۇن ئىتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولدى. دېمەك، بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ ياراملىق بولۇشى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن شارائىت. ئەمدى بىز مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز، ئىلم-پەن بىلەن قوراللىنىپ، كەشىپ ۋە ئىجات قىلالايدىغان، يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇرتىمىزنى گۈللەندۇرۇپ، خەلققە يەنىمۇ گۈزەل تۇرمۇش، يەنىمۇ بەخت-سائادەت ئاتا قىلالايدىغان، ھەقىقى ئىقتىساس ئىگىسى، ھەقىقى ياراملىق خادىم بولۇش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تىرىشىشىمىز، ئىزدىنىپ ئۆگىنىشىمىز لازىم.
ساۋاقداشلار، ھازىر ھەممىڭلاردىن «كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىسىز» دەپ سورىساق، «ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىمەن، دۆلەت، خەلققە تۆھپە يارىتىپ، ياخشى نەتىنجەم بىلەن دۆلەتكە، خەلققە، ئاتا-ئانامغا جاۋاپ قايتۇرىمەن» دەپ جاۋاپ بېرىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما ياراملىق ئادەم بولۇش ئېغىزدا ئېيتىلغاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. پەقەت مەكتەپكە تولۇق كەلگەنلەر، دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئىشلىگەنلەر، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا زېرىكمەي ئۆگىنىپ، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەپ، ئۆگىنىشنى قەتئى داۋاملاشتۇرالىغانلار، چوڭلارنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، شۇ بوينچە ئىش قىلغانلار كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالايدۇ. ياراملىق ئادەم بولغاندىلا، دۆلەت ۋە خەلىققە كۆپلەپ تۆھپە قوشۇپ، ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. بىزدە «ياشلىقىدا ئۆگەنگىنىڭ تاشقا موھىر باسقاندەك، قېرىغاندا كۆگەنگىنىڭ قۇمغا موھىر باسقاندەك » دېگەن ھېكمەت بار. بۇ سىلەرگە نىسبەتەن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتىڭلار ئۇرغۇپ تۇرغان، قېتىرقىنىپ ئۆگىنپ، بىلىم-تېخنىكا ئىگىلەشنىڭ، ياراملىق ئادەم بولۇشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرىسىتى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. دۆلەت ۋە خەلق، ئاتا-ئاناڭلار، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ئەقلى قۇۋۋىتىڭلارنى ئويۇن تاماششا ۋە ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئەمەس بەلكى بىلىم ئىگىلەشكە سەرپ قلىشىڭلارنى، جۇشقۇن روھىڭلارنى بىلىم ئىگىلەشكە بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ساۋاقداشلار، كەلگۈسى سىلەرگە مەنسۇپ، كەلگۈسىنى تېخىمۇ گۈزەل، باياشات قىلىش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ، ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزىمىز. بىز تىرىشىپ ئۆگىنىش، پەقەت تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىقلا بۇ قەرزىنى قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلىيالايمىز.
بىز يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ۋە ھەردەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يېقىندىن ياردەم بېرىشى نەتىنىجىسىدە بىر يۇرۇش سۈنئى ھەمرا قوبۇللاش پوتكىتى ،بىر كوپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇپ چىقتۇق ۋە دەرھال ئىشقا كىرىشتۇرۇپ مەمىلىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئۆتۇگەن دەرسلەرنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا خوشاللىق ئىچىدە ئۆگىنش، مەجبۇرى ئەمەس، ئۆزى خالاپ ئۆگىنش مۇھىتى يارىتىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى كۆتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇق. بۇندىن كېيىن مەكتەپ بويىچە دەرسخانىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ، ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن زامانىۋى مۇھىت يارتىتىمىز.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ablizنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشلانغۇچ 1-ماۋسۇم] 加、减法的简便算法 [ 2011-09-14 18:28:19 ]
[باشلانغۇچ 1-ماۋسۇم] سادىر پالۋان 15 ياشتا [ 2011-09-14 18:26:51 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز [ 2011-09-14 12:59:00 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش [ 2011-03-14 16:13:29 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش ئۆلچىمى [ 2011-03-14 15:10:25 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانى [ 2010-08-31 17:05:35 ]



ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
abliz تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-03-29 15:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-09-15 09:09
تەۋسىيەلەر