گەزلىك باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى نۇمۇر قويۇپ باھالا ش ئۆلچىمى گەزلىك باشلانغۇچ مەكتەپ 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى گەزلىك باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى نۇمۇر قويۇپ باھالا ش ئۆلچىمى 1.سىياسى پۇزىتسىيە(4) پارتىينىڭ مائارىپ ئىشلرىىغا سادىق بۇلۇش، مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىغان بۇلۇش، پۇتۈن كۈچى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ توغرا بۇلغان دۇنيا قاراش، كىشلىك قاراش، قىممەتلىك قارشىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسى ئۈگىنىشكە ئاكتىپ قاتناشقان، خاتىرنى تۇلۇق قالدۇرۇپ، تەسىرات يېزىپ ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇغان بۇلۇش. ئەگەر سىياسى ئۈگىنىش يۇقلىمىسىغا ئۈلگۈرەلمىسە 0.5 نۇمۇر، سەۋەپسىز قاتناشمىسا 1نۇمۇر تارتىلىدۇ، 1 قېتىملىق سىياسى ئۈگىنىش خاتىرسى كام بولسا 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ. تەسىرات ماقالىسىنى ئۆز ۋاتىدا يېزىپ تاپشۇرمىسا 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 2. ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىش:(4) گەپ سۈزدە مەدەنيەتلىك، تەقى- تۇرقى، سالاپەتلىك، كىينىشى رەتلىك بۇلۇش، ئەخلاقى تازلىقى ياخشى بۈلۇش، يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقى ياخشى، ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەت قىلغان بۇلۇش، ئوقۇغۇچىلارى ھۆرمەت قىلغان، گەپ سۆزدە «10نى قىلماسلىق»تا چىڭ تۇرۇش. ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلۇش. بالىلار ئالدىدا مەدەنيەتسىز گەپ سۆزلەرنى قىلغانلار بايقالسا 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. قېنىق گىرىم قىلغان، كىيىنىشى رەتسىز، چاكىنا ئەھۋاللار كۈرۈلسە 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. ئۇقۇغۇچلارنى ئۇرغان، ھاقارەتلىگەن ئەھۋاللار كۈرۈلسە نۇمۇر بىرىلمەيدۇ. ئېغىر بولسا رەھبەرلىك ئويلۇشۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇرۇشۇپ جىدەل چىقارسا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ. 50~ 200 يۈەنگىچە جىرىمانە قۇيۇلىدۇ. 3. ئىش تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش:10 سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمگە قاتتىق رىئايە قىلىش، قالايمىقان سورىماسلىق، كىچىكمەسلىك، ھېيىت، بايرام ۋە باشقا كۈنلەردە دۈجۈرنىدە مۇقىم تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش توغرىىسدا كەلسە مەكتەپ رەھبەرلىكىگە مەلۇم قىلىش سوراش، ۋاقتىغا رىئايە قىلىش. ھەر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندابىر كۈن سوراش كىرەك،بىركۈن سورىغانلاردىن 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ. ئېشىپ كەتكەنلەردىن 1.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ.كېسەل سەۋەبى بىلەن سورىغانلاردىن بىر كۈنگە 0.5نۇمۇرتارتىلىدۇ،ئاشقان قىسمىغا ھەر كۈنىگە 0.2نۇمۇر قوشۇلۇپ تارتىلىدۇ.بالنىستا يېتىپ داۋالانغانلارنىڭ ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن 0.8نۇمۇر تارتىلىدۇ.دوختۇرخانا ئىسپاتىنى ئىشقا كەلگەن كۈنى مۇدىرغا تاپشۇرۇش شەرت،7كۈن ئىچىدە تاپشۇرسا سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ،ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە سەۋەپسىز خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىۋاستە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئىچىدە ئۆلۈم-يىتىم بولسا 7كۈن رۇخسەت بىرىلىپ، نۇمۇر تارتىلمايدۇ.ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ،ۋاستىلىك تۇققانلىرى تۇگەپ كەتسە 1كۈن رۇخسەت بىرىلىپ ئاشقان قىسمىدىن كۈنىگە 0.5نۇمۇر تارتىلىدۇ،توي تۆكۈن ئىشلىرىدا ئۆز ئائىلىسىدە بولساچوڭ تويغا 3 كۈن ،كىچىك تويغا 2كۈن رۇخسەت بىرىلىپ ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ،بىۋاستە تۇققانلىرىنىڭ توي تۆكۈن ئىشلىرى بولسا 1كۈنگە 0.5نۇمۇر تارتىلىپ ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ، يىلدا بىركۈن ئۆزىنى تەكشۈرتۈش رۇخسىتى بىرىلىدۇ، ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ،چۇقۇم دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنۇز ئىسپاتى بولۇش شەرت.ئاتا-ئانىسى ،پەرزەنتلىرى ،جۆرىسى بالنىستا يېتىپ ناھىيىلىك،ۋىلايەتلىك،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىلاردا داۋالانسا ئايرىم ئايرىم 3كۈن ،5كۈن، 7كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ، ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ،(پەۋقۇلاددە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا). ئامبۇلاتۇريىدە داۋالانسا 2كۈنگە 0.5نۇمۇردىن ، ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ، كىچىككەنلەرنىڭ ھەر مىنۇتى ئۈچۈن 0.05نۇمۇر تارتىلىدۇ،8سائەت ئىچىدە سورىغان ۋاقتى 30مىنۇتتىن ئاشسا ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ، بالا ئىمىتىۋاتقانلارغا ھەر كۈنى بىرسائەت رۇخسەت بىرىلىدۇ، ئاشقان قىسمىدىن سوراق ھىساۋىدا نۇمۇر تارتىلىدۇ،تۇغۇت ئىشلىرىدا پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىللىرى ئاساس قىلىنىدۇ،(چۇقۇم پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىدا قىلدۇرۇش شەرت). مەكتەپ ئىچىدە ياكى مەكتەپكە كېلىپ كېتىش جەريەنىدا ۋەقەگە يولۇقسا،دوختۇر ئىسپاتى ئاساس قىلىنىپ نۇمۇر تارتىلمايدۇ،ساختىلىق قىلغانلاردىن كۈنىگە 3نۇمۇر تارتىلىدۇ. مەۋسۈمدە خىزمەتكە قاتناشمىغان ۋاقتى 8 كۈندىن ئېشىپ كەتسە مۇنەۋەر قىلىپ باھالانمايدۇ.دۈجۈرنە تۇرماي جىرىمانە تۆلىسە بىر يۈئەن ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 4. ھەرخىل پىلاننى تۈزۈپ تەسدىقلىتىش: 4 دەرسنىڭ مەقسەت تەلىۋىنى، چارە تەدبىرلەرنى ئېنىق يېزىش، ئارقىدا قالغان، ئەلاچىلارنى يىتەكلەش، دەرس ئۈزلەشتۈرۈش، كۈچۈرلۈش پىلانىنى يېزىش، تەسدىقلىتىش، باشقا پىلاننى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرغان، تەسدىقلانغان بۇلۇش، سۈرئەت پىلانى مۇۋاپىق تۈزۈلگەن، تەسدىقلانغان بۇلۇش. بىر خىل پىلان كام بولسا 1 نۇمۇر، ئۆز ۋاقتىدا تەسدىقلاتمىسا 1 نۇمۇر، چارە- تەدبىرلەرنى ئېنىق بۇلمىسا، يەتمەكچى بولغان نىشان ئېنىق بولمىسا 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 5. دەرس تەييارلاش تەستىىقلىتىش: 7 دەرسنى بىر ھەپتە بۇرۇن تەييارلاش، تۇلدۇرۇشقا تىگىشلىك ئۇرۇنلارنى تۇلۇق تۇلدۇرۇش، پۇچۇركىسى ئۆلچەملك، چىرايلىق بۇلۇش، ئىملاسىدا خاتالىق كۈرۈلمىگەن، ئۆز ۋاقتىدا تەسدىقلانغا بۇلۇش، تەستىقسىز دەرسكە كىرمەسلىك لازىم. دەرسنى بىر ھەپتە بۇرۇن تەسدىقلاتمىسا بىر سائىتى ئۈچۈن 2 نۇمۇر، گىراپىلىرىنى تولۇق تولدۇرمىسا 0.5 نۇمۇر، خەت پۇچۇركىسى ئۆلچەمسىز، قالايمىقان ئۈچۈرگەن بولسا 1 سائەتلىگى ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. تەييارلىقسىز دەرسكە كىرسە1 سائەتلىگى ئۈچۈن 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 6. دەرس ئۈتۈشكە كىرىش:10 دەرسكە ۋاقتىدا كىرىش، ۋاقتىدا چىقىش، دەرس ئالماشتۇرماسلىق، ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە ئىلمى بۈلۈمگە مەلۇم قىلىش، دەرسخانا ئىچدە كەسىپ ئەخلاققا زىت ئىشلارنى قىلماسلىق، دەرسىنى ساپا مائارىپنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئۆتۈش، تىلى راۋان، دوسكا خېتى چىرايلىق بۇلۇش، دەرس خاتىرسى تۇلۇق يېزىلغان بۇلۇش. دەرسكە كىچىككەن، بالدۇر چىقىپ كەتكەن ۋاقتى ئۇقۇغۇچىلارغا كۆپەيتىلىپ يېزىلغان باشقا 1 مىنۇتىغا 0.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. رۇخسەتسىز دەرس ئالماشتۇرسا ئىككى نۇمۇر، دەرس كۆرسەتمىلىك قورالدىن پايدىلىنىپ ئۆتمىسە 1 سائەتلىگى ئۈچۈن 3 نۇمۇر تارتىلىدۇ. دەرس ۋاقتىدا تېلفۇن قۇبۇل قىلسا 0.5نۇمۇر ،مەكتەپتە تۇرۇپ سەۋەپ سىز دەرس قالدۇرسا ،بىر سائىتىگە 3نۇمۇر تارتىلىدۇ. 7. تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش8 تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش تاپشۇرۇق تەكشۈرۈلگەن ۋاقىت نۇمۇر، تۈزىتىش ئۈلچەملىك بۇلۇش، تاپشۇرۇق ھەپتىدە بىر قېتىم ئورنىتىلغان بولۇش تاپشۇرۇق پىلاندىن كام بولسا، 1 قېتىملىغى ئۈچۈن 1 نۇمۇر، چىسلا قۇيۇلمىسا 0.5 نۇمۇر، خاتا تەكشۈرۈلگەن جاينىڭ بىرى ئۈچۈن 2 نۇمۇر، 8. دەرس ئاڭلاش، خاتىرە قالدۇرۇش5 ھەر بىر ئادەم مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئۈلگىلىك ۋە ئۇچۇق دەرس ئۆتۈش، دەرس ئۇقۇتقۇچىلىرى 16 سائەت، سىنىپ مەسئۇللىرى 16 سائەت، مەكتەپ مۇدىرى، شۈجى، ئىلمى مۇدىر 32 سائەتتىن دەرس ئاڭلاش، خاتىرە يېزىش، دەرس ئۆتكۈچى ۋە ئىلمى بۆلۈمگە تەسدىق سالدۇرۇش لازىم. مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان ئۇچۇق دەرسلەرگە تۇلۇق قاتنىشىپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش لازىم . ئۇچۇق دەرس ئۈتۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ ئۆتسە 5 نۇمۇر تولۇق بىرىلىدۇ. ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان دەرسنى رەت قىلسا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ. 1 سائەتلىك دەرسنى كام تىڭشىسا 1 نۇمۇر، خۇلاسە چىقىرشقا قاتناشمىسا مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان دەرسكە قاتناشمىسا 1 قېتىملىقى ئۈچۈن 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ. دەرس لاياقەتسىز بولسا 10 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 9. قوللانما تۇلۇقلاش جەھەتتە:4 قوللانمىدا تۈزۈشكە تىگىشلىك پىلانىنى تۇلۇق يېزىش دەرس خاتىرسىنى رەتلىك يېزىش، يوقلامنى تۇلۇق قىلىش لازىم. قوللانمىنى تولدۇرۇشتا رەتلىك بولمىسا 1 نۇمۇر، دەرس خاتىرسى يېزىلمىسا سائەتلىگى ئۈچۈن 1 نۇمۇر، پىلانلارنى تەسدىقلاتمىسا 1 نۇمۇر، تۈزۈلمىسە 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 10. دەرسلەرنىڭ لاياقەتلىك بۇلۇش ئۆلچەمگە يىتىش:25 ئۆزى بىرۋاتقان دەرسلەرنىڭ لاياقەتلىك بۇلۇشنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، دەرسلەرنى ئاشۇرۇپ قۇيماسلىغى لازىم. ئۆزى بىرىۋاتقان دەرسلەردىن مەكتەپ، يېزا ، ناھىيە ، ۋىلايەت ئالغان ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بۇلۇشى ئۆلچەمگە يىتىشى كىرەك. لاياقەتىسىز بولسا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىسە 1 نۇمۇر ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. ئۆلچەمدىن ئاشۇرسا 1 نۇمۇر ئۈچۈن نۇمۇر قۇشۇپ بىرىلىدۇ. 11. كەسپى خىزمەتلەر:5 ھەر ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلغان كەسپى ئۈگىنشكە تۇلۇق قاتنىشىش ۋە خاتىرسىنى يېزىش لازىم. مەدەنىيەت ئۈگىنىشكە تۇلۇق قاتنىشىش خاتىرە يېزىش لازىم. كەسپى ئۈگىنىشكە قاتناشمىسا 1 نۇمۇر، 1 قېتىملىق خاتىرنى يازمىسا 1 نۇمۇر. 12. ساپا مائارىپنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتىنى يولغا قۇيۇش:5 ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش پىلانى يېزىلغان، ئەمىلى ئىشلىگەن خىزمەتلىرى خاتىرىىسى، خۇلاسىسى بۇلۇش، ھەر بىر تۈرنىڭ پىلانى خاتىرسىنى يېزىش لازىم. بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار ئىككى گىمناستىغا تولۇق قاتنىشىش، بەلگىلىگەن ئۇرندا تۇرۇش، ئۆز- ئارا پاراڭلاشماسلىق. بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت شىئېرى- پىئونېرلار مارشىنى توغرا ئاھاڭدا ئۇقۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش، بايراق چىقىرىش پائالىيتى تۇلۇق ئېلىپ بىرىلىشى لازىم. ئىككىنچى دەرسخانا پىلانى يېزىلمىسا 1نۇمۇر، تەسدىقلاتمىسا 0.5 نۇمۇر، خاتىرىسى يېزىلمىسا 1 نۇمۇر، پائالىيەتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشمىسا 5 نۇمۇر، ئوقۇتقۇچىلار ئىككى گىمناستىكا پائالىيتىگە قاتناشمىسا 1 نۇمۇر، ئىنتىزام بۇزسا 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ. بايراق چىقىرشى، چۈشۈرۈش پائالىيتىگە قاتناشمىسا 1 نۇمۇر، مەسئۇل كىشى ئۆلچەم بۇيىچە بايراق چىقارمىسا 5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 13. تازلىق خىزمىتى5 بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار ئۆز- ئۆزى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان تازلىق رايۇنىغا مەسئۇل بۇلۇش. ئايلىق خۇلاسىدا 95 تىن يۇقۇرى نەتىجىگە ئېرىشىش. تازلىقتا، ئايلىق خۇلاسىدا ئۆلچەمگە يەتمىسە 1 نۇمۇرغا 2 دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ. يۇقۇرى دەرىجلىك ئۇرۇنلار تازلىق تەكشۈرگەندە جىرىمانە تۆلىسە 1 يۈئەن ئۈچۈن 0.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە بولمىسا، تازلىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىسا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ 15. باشقا خىزمەتلەر4 1(كۈندىلىك نۆۋەنتىچى ئۆز خىزمىنتى باشقۇرش، مەكتەپ خاتىرسىنى توغرا، رەتلىك تۇلۇق ئىشلەش ،. كۈندىلىك نۆۋەتچى بىر كۈنلۈك ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا خۇلاسە قىلىپ تەسدىقلىتىش، خاتىرنى رەتلىك ئىشلىنىش لازىم. خىلاپلىق قىلسا 0.5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. (2ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈشتە ئەستايىدىل بۇلۇش، نەتىجە ئىشلەشتە ساختىلىق قىلمسلىق. ئىمتىھان ئالغاندا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىغان، قەغەزنى خاتا تەكشۈرگەن ئەھۋاللار كۈرۈلسە 1 قېىملىقى ئۈچۈن 2 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 3 ) يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاكتىپ ماسلىسىش. تەكشۈرشتە خاتالىق سادىر قىلغان مەكتەپنىڭ نۇمۇرىغا تەسىر يەتكۈزگەن ھەرىبر نۇمۇر ئۈچۈن 5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. ئالاھىدە ياخىشى بولسا 5 نۇمۇر قۇشۇلىدۇ. 4) مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىش، رەھبەرلىككە بويسۇنۇش. مەكتەپ ئۇرنلاشتۇرغان خىزمەتنى تۇلۇق ئۇرۇندىيالمىسا، ئۆزى تەلەپ قىلىپ رەھبەرلىككە بويسۇنمىسا 3 نۇمۇر تاتىلىدۇ. 15.بەلگىلەنگەن نۇرى يوق قۇشۇمچە ماتىرىياللار: 1) دەرس ئۈتۈش مىتودىنى ياخشىلاپ ھەرخىل مۇسابىقىلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان بۇلۇش. مەكتەپ دەرىجىلىك دەرس ئۆتسە 3 نۇمۇر، يېزا دەرىجىلىك دەرس ئۆتسە 5 نۇمۇر، ناھىيە دەرىجىلىك دەرس ئۆتسە 10 نۇمۇر، 1-، 2- دەرىجىگە ئىشسە 15 نۇمۇر قۇشۇلىدۇ.ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈشتە A دەرىجىلىك دەرس ئۆتكەنلەرگە 1نۇمۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ ، كونسىپىك تەكشۇرۇشتە A دەرىجىلىك بولسا 1 نۇمۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈشتە C دەرىجىلىك دەرس ئۆتكەنلەردىن 1نۇمۇر تارتىلىدۇ، كونسىپىك تەكشۇرۇشتە C دەرىجىلىك بولسا 1 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 2) ئىشلەشكە تېگىشلىك ئارىخىپلارنى ئىشلىگەندە توغرا، تولۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىش. ئارخىپ ئىشلەشتە توسقۇنلۇق قىلغان، تاپشۇرغان نەرسىلەرنى ئۆز ۋاقتدا تاپشۇرمىسا 3نۇمۇر تاتىلىدۇ. 3) مال مۈلۈكنى ئاسىراش. سىنىپتىكى مال- مۈلۈكنى ئاسىرىماي بۇزسا ئۆز باھاسى بۇيىچە تۆلەيدۇ. ھەمدە ئۇمۇمى نۇمۇدىن 5نۇمۇر تارىتلىدۇ. 4) ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشىغا سالغانلارنىڭ بىر قېتىملىقى ئۈچۈن 1نۇمۇر تارتىلىدۇ. 5) خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچكەنلەردىن 2نۇمۇر تارتىلىدۇ، ھاراق ئىچىپ دەرسكە كىرسە 3نۇمۇر تارتىلىدۇ. 6)ئوقۇغۇچىلارنى تۇراقلاشتۇرۇشتا 100%گە يەتكۈزەلمىگەنلەردىن ھەر %ئۈچۈن 0.5نۇمۇر تارتىلىدۇ. تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|