پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئازغان ھەر بىر ئۆسمۈرگە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-13 18:34 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
چىكاگو شەھىرى كۇك ۋىلايىتى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئۆسمۈرلەر سوت مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ بارل

ئازغان ھەر بىر ئۆسمۈرگە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك

 

بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يولدىن چىقىپ ئېزىپ قېلىپ، جىنايەت يولىغا كىرىپ قالغان بىر تۈركۈم ياش-ئۆسمۈرلەر بار، ئۇلارنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ، ئۇلارغا جەمئىيەتتىكى ئۆز ئورنىنى تېپىپ، دۇرۇس ياشاش، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىغا يول ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ــ ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئازغان ئاشۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جەمئىيەت «مەسىلە بار ئۆسمۈرلەر» دەپ كەمسىتمەي، ئۇلارغا تەربىيىلەشتىكى سەۋەنلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت سۈپىتىدە قارىشى كېرەك. بىر ياخشى جەمئىيەتنىڭ ئازغان ئۆسمۈرلەرگە يېتەرلىك كەڭ قورساقلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ــ مىللەت ۋە جەمئىيەت كېلەچىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

ئوغرىلىق قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرغا ئەدلىيە ئورگانلىرى نېمە ئۈچۈن ئەيىبلەشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي ۋاسىتە قوللانمايدۇ؟ ھەتتا ئەيىبلىمەي بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بۇ ــ «پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر» دېگەن ئاساسىي قانۇندىكى پىرىنسىپقا خىلاپمۇ-قانداق؟ بۇ ــ خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى جيەنشى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تەدبىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەردە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان گۇمان. بۇ گۇمانغا چۈشەنچە بېرىشتە، گەپنى ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن باشلاش كېرەك. 1899-يىلى ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى «ئۆسمۈرلەر سوت مەھكىمىسى قانۇنى»نى ئېلان قىلدى، شۇ يىلى چىكاگو شەھىرى كۇك ۋىلايىتى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئۆسمۈرلەر سوت مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ مەزگىل ــ ئامېرىكا تارىخىدىكى داڭقى چىققان «يۈكسىلىش دەۋرى» بولۇپ، ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىمۇ روشەن پاراۋانلىق تۈسىگە ئىگە بولدى، «جازالىماسلىق، پەقەتلا قوغداش» قارىشى مانا شۇنىڭ ئىپادىسىدۇر. 

ئېلىمىزنىڭ ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە 1984-يىلىدىن باشلاندى. شۇ يىلى شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن مەمىلىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۆسمۈرلەر سوت مەھكىمىسى قۇرۇدى. تەپتىش ئورگانلىرى ــ ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ مۇھىم يولغا قويۇش تارمىقى بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرىش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، بۇ تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش قاتارلىق كونكرېت ئەدلىيە خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ ھەم بۇ جەرياندا، تەربىيەلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇش فاڭجېنى ۋە تەربىيەلەشنى ئاساس، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. جيەنشى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇسۇلى بۇنىڭ بىر ياخشى ئۈلگىسىدۇر. مەيلى ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ياكى ئېلىمىز ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ فاڭجېنى، پىرىنسىپىدىن قارىغاندا، ئۆسمۈرلەر ئەدلىيەسى بىلەن ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنىڭ روشەن پەرقى بار. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆسمۈرلەر ئەدلىيەسى ـــ جازالاشنى ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزۇۋېلىش، ئوڭشاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مەقسەت ــ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە، روھىي ھەم جىسمانىي شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، سىرتنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئېلىمىزدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن دېلولاردا يېشى كىچىكلىشىش يۈزلىنىشى پەيدا بولغان، ئائىلىنىڭ مۇكەممەلسىزلىكى ۋە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ تاشقى سەۋەبى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمى ــ دۆلەت مەسئۇل بولۇپ بېكىتكەن، جەمئىيەت بىلەن ئائىلە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەنگلىيە ، ئامېرىكا، فىرانسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەردىمۇ، ئەدلىيەنىڭ پاسسىپلىقىمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەدلىيەسىگە پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ، بۇنداق دېلولاردا، ئەدلىيە ئەزەلدىن ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، بىتەرەپسىز بولىدۇ. ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە ئورگانلىرى بىر تۈركۈم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ، زور بىر تۈركۈم ئازغان ياشلارنى قۇتقۇزۇۋېلىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈنۈملۈك خىزمەت تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھەم ئۇنى يەكۈنلەپ، ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشچانلىق كۆرسەتتى.

جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەت قوغداشنى كېڭەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت خاتىرىسىنى يوقىتىش، مەھەللىلەر ئوڭشاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئازغان ئاشۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جەمئىيەت «مەسىلە بار ئۆسمۈرلەر» دەپ كەمسىتمەي، ئۇلارغا تەربىيىلەشتىكى سەۋەنلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت سۈپىتىدە قارىشى كېرەك. بىر ياخشى جەمئىيەتنىڭ ئازغان ئۆسمۈرلەرگە يېتەرلىك كەڭ قورساقلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ــ مىللەت ۋە جەمئىيەت كېلەچىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى مونتىسكيۇ: قانۇننىڭ باراۋەر كۆزىدە، ھەر بىر ئادەم پۈتكۈل بىر دۆلەتكە ئوخشايدۇ دېگەن. بىزمۇ ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ نەزىرىدە، ئازغان ھەر بىر ئۆسمۈر غەمخورلۇققا ئېرىشىشى كېرەك دېيەلەيمىز.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر