ئىئانە بېرىش ئىختىيارى بولۇشى كېرەك ئىئانە بېرىش ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئالىيجاناب ھەرىكەت، ئۇ ئادەتتە ئىختىيارى بولىدۇ، ئەمما يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا ناھىيەسىدىكى جاڭ فامىلىلىك بىر ئوقۇتقۇچى ئاخبارات قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ: ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ پۇل ئىئانە قىلىشنىڭ مائاشىدىن مۇقىم تۇتۇلىدىغان بىر تۈرگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، بۇنداق ئىئانە بېرىش شەكلىنى زادىلا قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. جاڭ مۇئەللىم ئېيتقان مەجبۇرى ئىئانە بېرىش زادى قانداق گەپ، بۇ مەكتەپلەردە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان بىر كۈندە بىر يۈەن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ يېقىندا مۇخبىر بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يېزا ئوقۇتقۇچىسى جاڭ مۇئەللىم مۇنداق دېدى: بىر ئايلىق مائاشىم پەقەت نەچچە يۈز يۈەن، لېكىن ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، ھەر ئايدا ئېنىقسىزلا نەچچە ئون يۈەن كەملەپ كەتتى، سوراپ باقسام، مەكتەپ بىر تۇتاش ئىئانىگە تۇتۇۋالغان ئىكەن. بىر كۈندە بىر يۈەن ئىئانە بەرسەك بىر يىلدا 365 يۈەن بولىدۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلى بۇ پۇل 400 يۈەنگە چىقتى، ھازىر چاڭشا ناھىيەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مۇشۇنداق يىغىلىۋاتىدۇ. چاڭشا ناھىيەسىدە بىر كۈندە بىر يۈەن پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى، يېقىندا بۇ پۇل ئۆستى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەجبۇرىي يىغىلىدىغان بولدى، ئوغلۇم ناھىيەدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ، ئاڭلىسام ئۇلارمۇ مۇشۇنداق مەجبۇرىي پۇل ئىئانە قىلىدىكەن. پۇل ئىئانە بېرىش ئىختىيارى بولىدىغان ئىش، ئۇنىڭ سانى بېكىتىلىپ بېرىلمەسلىكى كېرەك، مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغان بىر ناھىيەدە ئوقۇتقۇچىلاردىن پۇل تەلەپ قىلسا، ھەتتا مەجبۇرىي تۇتۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ مۇخبىر جاڭ مۇئەللىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ خادىم: بۇ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى، بىز ھۆججەت بويىچە ئىش قىلىۋاتىمىز دېدى، ئەمەلىيەتتە جاڭ مۇئەللىممۇ مەكتىپىدە مۇشۇنداق جاۋابقا ئېرىشكەن ئىدى. جاڭ مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتنى ئەسلى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى مائارىپ ئىدارىسىگە چۈشۈرگەن، مائارىپ ئىدارىسى ئۇنى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە چۈشۈرگەن. چاڭشا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بىر كۈندە بىر يۈەن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم، چاڭشا ناھىيەسىدە، بارلىق ئىئانە، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى چاڭشا ناھىيەلىك خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتى مەسئۇل بولىدۇ. بۇ پائالىيەت 2004-يىلىلا باشلانغان، ھۆكۈمەت بۇنى تېخى ئۆتكەن يىلى باشلىدى، ھەمدە بىر كۈندە بىر يۈەن ئىئانە قىلسا 365 يۈەن بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇنى بىراقلا 400 يۈەن قىلىۋېتىش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلدى. قارىغاندا مەجبۇرىي ئىئانە بېرىۋاتقانلار پەقەت ئوقۇتقۇچى، مەمۇرلارلا ئەمەسكەن، بۇنىڭدىن ئىشچىلارمۇ مۇستەسنا قالماپتۇ، بۇ خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: پۇل ئىئانە بېرىشنىڭ مەقسىتى نامراتلارنى يۆلەش، خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتى مالىيە ئىدارىسىدە مەخسۇس ھېسابات ئاچتى، بۇ ئاساسلىقى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. خىزمەتچى خادىم ئېيتقان بۇ ھۆججەت خۇنەن ئۆلكىسى، چاڭشا ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان« بىر كۈندە بىر يۈەن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا: ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار بىر كۈندە بىر يۈەن پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ياخشى قىلىشى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ياخشى تەشكىللىشى كېرەك دەپ يېزىلغان ئىدى. چاڭشا ناھىيەلىك خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پېڭ سەنمىڭ بۇ ئىئانىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، ئۆلكىنىڭ، جۈملىدىن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى ئەڭ ئىلغار، ئۇلار نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى، ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. چاڭشا ناھىيەلىك خەيرى ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل 24-يانۋاردىكى ئىئانە ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئايان بولىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا، چاڭشا ناھىيەسىدە بىر كۈندە بىر يۈەن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدە3 مىليون 120 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلانغان، بۇنىڭ 2مىليون 10 مىڭ يۈەنى يېزا بازارلاردىن كەلگەن. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ خوڭشەن بۇنىڭغا باھا بېرىپ، بۇنداق خەيرى ساخاۋەتنى ساخاۋەت دېيىشكە بولمايدۇ دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق مەجبۇرىي ئۇسۇلدا يىغىلغان ئىئانە، مەمۇرىي ۋاستە ئارقىلىق كۆرسەتكۈچكە يەتكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ كىشى بېشىغا مەجبۇرىي پۇل يىغىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ خەيرى ساخاۋەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ، خەيرى ساخاۋەت ئەسلى ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك تەقسىمات مېخانىزمى، ھۆكۈمەتنىڭ تەقسىملىشى بازاردىن تاشقىرى ئىككىنچى تەقسىمات بولىدۇ، بىز خەيرى ساخاۋەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچىنچى تەقسىماتنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى تەقسىماتىغا كىرگۈزسەك بولمايدۇ، بۇ ئىختىيارى بولۇشى كېرەك. مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|