جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى ( 34 - نومۇرلۇق ) دۆلەتنى پار
|
|
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
( 34 - نومۇرلۇق )
دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى 2005 - يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى . ھازىر ئېلان قىلدىم ، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2005 - يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى
1 - ماددا . بۇ قانۇن << تەيۋەن مۇستەقىللىقى >> بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنى پارچىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلدى .
2 - ماددا . دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار . چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن جۇڭگۇغا تەۋە . جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى .
تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى . دۆلەت << تەيۋەن مۇستەقىللىقى >> بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ تەيۋەننى ھەر قانداق نام ، ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن جۇڭگودىن بۆلۈۋېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ .
3 - ماددا . تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگودىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېپقالغان مەسىلە .
تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ، ھەر قانداق چەت ئەل كۈچلىرى ئارىلىشالمايدۇ .
4 - ماددا . ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇنداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى .
5 - ماددا . بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش دۆلەتنى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى .
دۆلەتنى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قېرىنداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن . دۆلەت ۋەتەننى ئەڭ زور سەمىمىيەت ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تىنچ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ .
دۆلەت تىنچ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تۈزۈمنى يولغا قويسا ، يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ .
6 - ماددا . دۆلەت تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ :
(1) ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ باردى - كەلدى قىلىپ چۈشىنىشنى كۈچەيتىشىگە ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ ؛
(2) ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاقە قىلىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ، بىۋاسىتە پوچتا ئالاقىسى ، سودا ئالاقىسىنى يولغا قويۇشىغا ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشىغا ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ ؛
(3) ئىككى قىرغاقنىڭ مائارىپ ، پەن - تېخنىكا ، مەدەنىيەت ، سەھىيە ، تەنتەربىيە ئىشلىرىدا ئالاقە قىلىپ ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ ؛
(4) ئىككى قىرغاقنىڭ جىنايى ئىشلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ ؛
(5) تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق باشقا پائالىيەتلەرگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ .
دۆلەت تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ .
7 - ماددا . دۆلەت تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ باراۋەر كېڭىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ ، تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ . كېڭەش ۋە سۆھبەت قەدەم - باسقۇچلۇق ، خىلمۇ خىل ، جانلىق بولسا بولىدۇ .
تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى تۆۋەندىكى ئىشلاردا كېڭەشسە ۋە سۆھبەتلەشسە بولىدۇ :
(1) ئىككى قىرغاقنىڭ دۈشمەنلىشىپ تۇرۇشىغا رەسمىي خاتىمە بېرىش ؛
(2) ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى ؛
(3) تىنچ بىرلىككە كېلىش قەدەم - باسقۇچى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ؛
(4) تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئورنى ؛
(5) تەيۋەن رايونىنىڭ خەلقئارادىكى ئۆز ئورنىغا لايىق ھەرىكەت ماكانى ؛
(6) تىنچ بىرلىككە كېلىشكە ئالاقىدار باشقا ھەر قانداق مەسىلە .
8 - ماددا . << تەيۋەن مۇستەقىللىقى >> بۆلگۈنچى كۈچلىرى تەيۋەننى ھەر قانداق نام ، ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن جۇڭگودىن بۆلۈۋېتىدىغان ئىشنى قىلسا ياكى تەيۋەننىڭ جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان زور ۋەقە يۈز بەرسە ۋە ياكى تىنچ بىرلىككە كېلىشكە زادى ئىمكانىيەت قالمىسا ، دۆلەت نائىلاج تىنچلىقتىن باشقا ئۇسۇل ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ .
ئالدىنقى تارمىقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تىنچلىقتىن باشقا ئۇسۇل ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشنى گوۋۇيۈەن ، مەركىزىي كومىتېت قارار قىلىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ .
9 - ماددا . مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىنچلىقتىن باشقا ئۇسۇل ۋە باشقا زۆرۈر تەدبىر قوللانغان ھەم ئۇنى يولغا قويغاندا ، دۆلەت تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ ۋە تەيۋەندىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ ھاياتى ، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقا يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوغداپ ، زىياننى ئازايتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەت تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ .
10 - ماددا . بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش