پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپلىرىنى ساقلاش توغرىس

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-13 18:36 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىلگىرىكى نوپۇس ئىسپاتى يوق بولۇپ ئىشلىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر نوپۇس ئىسپاتىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىس

ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپلىرىنى ساقلاش توغرىسىدىكى مەسىلىلەر

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپلىرىنى ئالىي مەكتەپلەر ياكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان بولدى، بەزىلىرىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، ئىگىسىگە قۇلايسىزلىق تۇغدۇردى شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ئورگانلارغىمۇ باشقۇرۇشتا باش ئاغرىقى تېپىپ بەردى. بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟

«خەلق گېزىتى»نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپلىرىنى ئالىي مەكتەپلەر ياكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرغان، بەزىلىرىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، ئىگىسىگە قۇلايسىزلىق تۇغدۇرغان شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ئورگانلارغىمۇ باشقۇرۇشتا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەن. ۋۇخەن رايونىدا ئۇزۇن يىل ئالىي مەكتەپ خىزمىتى ئىشلىگەن بىر ئەرباب مۇنداق دېدى: پەرىزىمچە، ۋۇخەن رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ياكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرىدا نوپۇس، ئارخىپىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يۈز مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ۋۇخەندىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانغان.

ئىلگىرىكى نوپۇس ئىسپاتى يوق بولۇپ ئىشلىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر نوپۇس ئىسپاتىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتتى، كىشىلەر ياقا يۇرتلاردا ياشىغاندا، نوپۇسى بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ، خەۋەردىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئون نەچچە يىل نوپۇسىدىن ئايرىلىپ ياشىغانلىقى بۇنى نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە ئالدىرىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئۆزى تۇرغان يەرنىڭ نوپۇسىغا كىرەلمەيدۇ. بىراق، ئېھتىياجلىق بولغان ھامان، نوپۇس بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، توي قىلىش، بالىلىق بولۇش، ئۆي سېتىۋېلىش، ھەتتا ئىجتىمائىي كاپالەت، بالىلىرىنى مەكتەپ ئوقۇتۇش قاتارلىقلار نوپۇستىن ئايرىلالمايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن نوپۇس ياكى ئارخىپى ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدى، بۇ – نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، نوپۇس چەكلىمىسىنى بوشىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

كىشىلەر نوپۇس تۈزۈمى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلاردىن ئاغرىنسا بولىدۇ، لېكىن باشقۇرۇش تارماقلىرى نوپۇس باشقۇرۇشتا پەيدا بولغان ئاۋارىچىلىقلاردىن ئاغرىنسا بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەم بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، دۆلەت جەمئىيەت باشقۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمگە نوپۇس، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ھازىرقى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئاستىدا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەيلى رەسمىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى بولسۇن، مەيلى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورگانلىرى بولسۇن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نوپۇس، ئارخىپلىرىنى ياخشى ساقلىشى، باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق بولسىمۇ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى لازىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلىقتىن، داۋاملىق خىزمەت ئىزدەشكە قۇلاي بولسۇن دەپ، دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپىنى ۋاكالىتەن ساقلىشىغا رۇخسەت قىلغان، كېيىن، بىر قىسىم ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرىمۇ مۇشۇنداق مۇلازىمەتنى قىلىشقا باشلىغان ھەم بەلگىلىك مۇلازىمەت ھەققى ئالغان. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ياكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرى ئاممىۋىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەۋە بولۇپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسى بار، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ نوپۇس، ئارخىپىنى ياخشى باشقۇرۇش – ئۇلارنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلاردىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك، مۇلازىمەت قىلىش مەركەزلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار مەركەزلىرى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئورگانلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەق ئالىدىغان بولۇپ، توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن، شۇڭا ياخشى ساقلىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

ھازىر بىر قىسىم ئورگانلار نوپۇس، ئارخىپ بەك كۆپ بولغانلىقتىن قويىدىغان يەر يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن نوپۇسنى قانداق قىلىشنى بىلمەيمىز دەپ ئاغرىنماقتا. نوپۇس، ئارخىپىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار بىر مەزگىل مۇقىم خىزمىتى ياكى مۇقىم ئۆيى بولمىغانلىقتىن، نوپۇس، ئارخىپىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەيدۇ، لېكىن ھەر قاچان بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشى مۇمكىن، ئەگەر نوپۇس ۋە ئارخىپ يوقاپ كەتسە، ئۇلارغا زور ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر