| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن

ۋاقىت : 2010-03-14 17:20 | مەنبەسى : 未知 | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق -

 مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى



(1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 73 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2 - باب ئائىلىدە بېقىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش
3 - باب ئىجتىمائىي كاپالەت
4 - باب ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش
5 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
6 - قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ


1 - ماددابۇ قانۇن ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە بېقىش گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 - ماددابۇ قانۇندا ئېيتىلغان ياشانغانلار 60 ياشتىن ئاشقان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش، سالامەتلىك شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلايدۇ، ياشانغاندا بېقىلىش، داۋالىنىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆگىنىش، كۆڭۈللۈك ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
4 - ماددادۆلەت ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
ياشانغانلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.
ياشانغانلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خورلاش ياكى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
5 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلار ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ياشانغانلار ئىشلىرى سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماس ھالدا راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتۇرىدۇ، كونكرېت ئاپپاراتنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.
6 - مادداياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتلىرى ياشانغانلارنىڭ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
7 - مادداپۈتكۈل جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى بېقىش تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان ئىجتىمائىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى ياشلار - ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، بېقىش توغرىسىدا ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.
ياشانغانلار ئۈچۈن خالىس  خىزمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
8 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلارنىڭ  قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، بېقىش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات، ئائىلە ياكى شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.
مادداياشانغانلار قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.


2 – باب ئائىلىدە بېقىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش


10 - مادداياشانغانلار بېقىلىشتا ئاساسلىقى ئائىلىگە تايىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.
11 - مادداباققۇچى ياشانغانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىنلەش، تۇرمۇش جەھەتتە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتە تەسەللى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ياشانغان كىشىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
باققۇچى ياشانغان كىشىنىڭ پەرزەنتى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە بېقىش مەجبۇرىيىتى بار باشقا كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
باققۇچىنىڭ جورىسى باققۇچىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
12 - مادداباققۇچى ياشانغان كىشى كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىنىش خىراجىتى بېرىشى ۋە قارىشى كېرەك.
13 - مادداباققۇچى ياشانغان كىشىنى مۇۋاپىق ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم، ياشانغان كىشىنى شارائىتى ناچار ئۆيدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ.
ياشانغان كىشىنىڭ ئۆز ئۆيى ياكى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىنى پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، مۈلۈك ھوقۇقى مۇناسىۋىتى ياكى ئىجارە مۇناسىۋىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
باققۇچىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىنى رېمونت قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
14 - مادداباققۇچىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ھۆددىگە ئالغان يېرىنى تېرىپ بېرىش، دەل - دەرەخلىرى ۋە چارۋا - ماللىرىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار، تاپاۋىتى ياشانغان كىشىگە تەئەللۇق بولىدۇ.
15 - مادداباققۇچىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ۋە باشقا سەۋەب كۆرسىتىپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.
باققۇچى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ياشانغان كىشى ئۇنىڭدىن بېقىش خىراجىتى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
باققۇچىنىڭ ياشانغان كىشىدىن مادارى يەتمەيدىغان ئەمگەكنى قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16 - مادداياشانغان كىشى بىلەن جورىسىنىڭ ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار.
ئاكا - ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۇكا - سىڭىللاردىن قۇربى يېتىدىغانلىرىنىڭ ياشانغان، باققۇچىسى يوق ئاكا - ئاچىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.
17 - ماددا  باققۇچىلار بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلسا ھەمدە ياشانغان كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالسا بولىدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى باققۇچى تۇرۇشلۇق تەشكىلات كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
18 - ماددا  ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن  قوغدىلىدۇ، پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى، قايتا نىكاھلىنىشى ۋە نىكاھلانغاندىن كېيىن تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
باققۇچىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتى ياشانغان كىشىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن تۈگەپ كەتمەيدۇ.
19 - ماددا  ياشانغانلار ئۆز مال - مۈلكىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پەرزەنتلىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا، ياشانغان كىشىنىڭ پۇل - ماللىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ياشانغانلار قانۇن بويىچە ئاتا - ئانىسى، جورىسى، پەرزەنتى ياكى باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشقا، ھەدىيىنى قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.


3 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت


20 - ماددا  دۆلەت ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
21 - ماددا  ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ۋە باشقا تەمىناتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەشكىلاتلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى تولۇق بېرىشى شەرت، سەۋەبسىز ئارقىغا سوزۇشقا، ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ.
22 - ماددا  يېزىلار ئەھۋالغا قاراپ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن باشقا، شارائىتى بارلىرى يەنە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ھۆددىگە بېرىلمىگەن بىر قىسىم يەر، تاغ ئورمىنى، سۇ يۈزى، سايلىق قاتارلىقلارنى ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم بىلەن ياشانغانلارنى باقسا بولىدۇ.
23 - ماددا  شەھەرلەردىكى ياشانغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان، باققۇچىسى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىسى  بولمىغانلارغا ياكى ئۇلارنىڭ باققۇچىسى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىسىنىڭ  ھەقىقەتەن بېقىش ئىقتىدارى ياكى يار - يۆلەك بولۇش ئىقتىدارى بولمىغانلىرىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.
يېزىلاردىكى ياشانغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان، باققۇچىسى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىسى بولمىغانلارغا ياكى باققۇچى ۋە يار - يۆلەك بولغۇچىلاردىن ھەقىقەتەن بېقىش ئىقتىدارى ياكى يار - يۆلەك بولۇش ئىقتىدارى بولمىغانلىرىغا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، يېتىپ - قوپۇش، داۋالىنىش، دەپنە قىلىشتەك بەشتە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>