دىن ئىشلىرى نىزامى
دىن ئىشلىرى نىزامى
1- باپ ئومۇمىي پىرىنسىپ
1- ماددا: بۇ نىزام پۇقرالارلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ساقلاش، دىن ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسەن قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا بىنائەت چىقىرىلىدۇ.
2- ماددا: پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار پۇقرالار، باشقا- باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆز- ئارا ھۆرمەتلىشىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.
3- ماددا: دۆلەت قانۇن بويىچە نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ. دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇن ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئاساسىي قانۇن، قانۇن- نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمئاىي تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا، شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
4- ماددا: دىنلار مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى- ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ
دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي خادىملار دوستلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تاشقى ئالاقىنى يولغا قويىدۇ. باشقا تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ تاشقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىدار قوشۇمچە دىنىي شەرتلەرنى قۇبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
5- ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
2- باپ دىنىي تەشكىلات
6- ماددا: دىني تەشكىلاتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە رويىخەتتىن ئۆچۈرۈشتە «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
دىنىي تەشكىلات نىزامنامىسى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. دىنى تەشكىلاتنىڭ ئۆز نىزامنامىسى بويىچە قانات يايدۇرغان پائالىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
7- مادد: دىنىي تەشكىلاتلار دىنغا ئائىت تەشىر بۇيۇمىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ. ئاشكارە تارقىتىلدىغان دىنىي نەشىر بۇيۇمىنى نەشىر قىلىشتا دۆلەتنىڭ نەشىرياتچىلىقىنى باشقۇرۇشتىكى دائىر بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
دىنىي مەزمۇن بار نەشىر بۇيۇملىرى «نەشىرياتلىقنى باشقۇرۇش نىزمى» دىكى بەلگىلىمىگە
(1) دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان.
(2) باشقا- باشقا دىنلار ئارىسىدا ۋە دىننىڭ ئىچىكى قىسىمىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان،
(3) دىنغا ئېتىقدا قىلىدىغان پۇقرلار ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان.
(4) دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان.
(5) دىننىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدىغان.
8- مادد: دىنىي مەكتەپ قۇرۇشتا مەمىلكەتلىك دىنىي تەشكىلات گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات دىنىي مەكتەپ قۇرۇلدىغان ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشى، قوشۇلدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى مەمىلكەتلىك دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىنى ياكى ئۆلكىلىك، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دىنىي مەكتەپ قۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
9- مادد: قۇرۇلدىغان دىنىي مەكتەپلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
(1) تەربىيلەش نىشانى، مەكتەپ نىزامنامىسى ۋە تەسىس قىلىندىغان دەرسلىك پىلانى ئېنىق بولۇش.
(2) تەربىيلەش شەرتىگە تۇتۇشىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولۇش.
(4) ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ۋە مەكتەپ كۆلىمىگە مۇناسىپ ئوقۇتۇش سورۇن، ئەسلىھە ئۈسكىنىسى بولۇش،
(5) مەكتەپنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى، لاياقەتلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچى ۋە ئىچكى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى بولۇش،
(6) جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش.
10- ماددا: مەمىلكەتلىك دىنىي تەشكىلات شۇ دىننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ دىن ئوقۇيدىغانلارنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن دىن ئوقۇيدىغانلارنى مۇۋاپىق قۇبۇل قىلسا بولىدۇ.
11- مادد: ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەج قىلىشىنى مەمىلكەتلىك ئىسلام دىنىي تەشكىلاتى تەشكىللەيدۇ.
3- باپ دىنىي سورۇن
12- مادد: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار كوللىكتىپ دىنىي پائالىيەتنى ئومۇمەن تىزىمغا ئېلىنغان دىنىي سورۇن (ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ ۋە باشقا مۇقۇم دىنىي سورۇن) دا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. پائالىيەتنى دىنىي سورۇن ياكى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ دىنىي خادىم شۇ دىننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشىنىڭ راياسەتچىلىگىدە دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزىدۇ.
13- مادد: دىنىي سورۇن قۇرۇشتا دىنىي تەشكىلات ، دىنىي سورۇن قۇرۇلدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىد. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە قوشۇلدىغانلىرىنى رايۇن بار شە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىشى، باشقا مۇقىم دىنىي سورۇن قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى رايۇن بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ساڭرام، تويۇن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
دىنىي تەشكىلاتلاردىن دىنىي سورۇن قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىرى شۇن سورۇننى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلسا بولىدۇ.
14- ماددا: قۇرۇلدىغان دىنىي سورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
(1) مۇشۇ نىزامنىڭ 3-، 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولماسلىق.
(2) شۇ جايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دائىم كوللىكتىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى بولۇش.
(3) دىنىي پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دىنىي خادىملار ياىكى شۇ دىنننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشى بولۇش.
(4) زۆرۈر مەبلىغى بولۇش.
(5) جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش، ئەتىراپتىكى ئورۇن ۋە ئاھالىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا دەخلى قىلمايدىغان بولۇش.
15- ماددا: دىنىي سورۇن قۇرۇش تەستىقتىلىپ تەييارلىقى باشلانغان ھەمدە قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملاشنى ئىلتىماش قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىى ئىلتىماس تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە شۇ دىنىي سورۇننىڭ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتى، قائىدە- تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تىزىملاپ، «دىنىي سورۇن تىزىملاتقانلىق گۇۋاھنامىسى» بېرىشى كېرەك.
16- ماددا: دىنىي سورۇننى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭ تىزىملاتقان مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە ئەسلىدىكى تىزىلاپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېمۇكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە شۇ سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
17- ماددا: دىنىي سورۇندا باشقۇرغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ، دېمۇكراتىڭ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. دىنىي سورۇننى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېمۇكراتىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
18- ماددا: دىنىي سورۇن ئىچىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن- نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم، مالىيە، بۇغالتىرلىق، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەت يادىكارلىق مۇھاپىزىتى، سەھىيە، يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ يىتەكچىلىگى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
19- ماددا: دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي سورۇننىڭ قانۇن- تۈزۈم ۋە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى، سورۇن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تىزىملاتقان تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، دىنىي پائالىيىتى ۋە چەتكە چېتىشلىق پائالىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. دىنىي سوۇرن دىنى ئىشلىرى تارمىقىنى نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
20- ماددا: دىنىي سورۇن دىنىي ئادەت بويىچە، پۇقرالارنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلسا بۇلىدۇ. لېكىن زورلاشقا ياكى سېلىق سېلىشقا بولمايدۇ.
غەيرى دىنىي تەشكىلات، غەيرى دىنىي سورۇننىڭ دىنىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشىغا، ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. دىنىي ئىئانە قۇبۇل قىلىشقا يول قويولمايدۇ.
21-ماددا: دىنىي سوۇرندا دىنىي لازىمەتلىك دىنىي سەنئەت بۇيۇمى، دىنىي نەشىر بۇيۇمى تىجارىتى قىلىشقا بولىدۇ.
22- ماددا: ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ، دىنىي سورۇنغا سىغمايدىغان چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە ياكى دىنىي سورۇن سىرتىدا چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە ، ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە چېركاۋلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، چوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇم، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
چوڭ دىنىي پائالىيەتلەر تەستىق ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپكە بىنائەت، دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك. بۇ نىزامنىڭ 3-، 4- ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە چېركاۋلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. چڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوبدان باشقۇرۇپ، چوڭ دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
23 ماددا: دىنىي سورۇن شۇ سورۇندا سورۇندا زور ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ياكى دىنىي پەرھىزگە خىلاپلىق قىلىشتەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ھىسياتىغا ئازار بېرىدىغان،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھادىسە ياكى ۋەقە يۈز بەرگەندە دىنىي سورۇن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.
24- ماددا: دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە چېركاۋلار دىنىي سورۇن سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىماقچى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇم، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات، ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشى، قوشۇلدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي سورۇن سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسش توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
25- ماددا: ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەردىن دىنىي سورۇندا ئۆي- ئىمارەتنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى يېڭىدىن سالىدىغان، سودا- مۇلازىمەت نوقتىسى قۇرىدىغان، كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدىغان، كىنو- تېلۋېزىيە فىلىمىنى سۈرەتكە ئالىدىغانلىرى ئالدى بىلەن شۇ دىنىي سورۇننىڭ شۇ سورۇن بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك.
26- ماددا: دىنىي سورۇن ئاساسلىق سەيلى- ساياھەت مەزمۇن قىلىنىغان داڭلىق مەزىرە رايۇنىدا ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىنىي سورۇن بىلەن باغۋەنچىلىك، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دىنىي سورۇننىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
دىنىي سورۇن ئاساسلىق سەيلى- ساياھەت مەزمۇن قىلىنغان داڭلىق مەنزىرە رايۇننىڭ يىرىن پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى، دىنىي سورۇننىڭ ئوسلۇبى ۋە مۇھىتىغا ماس كېلىشى كېرەك.
4- باپ دىنىي خادىملار
27- ماددا: دىنىي خادىملار دىنىي تەشكىلات بېكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئانگە ئالغاندىن كېيىن دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
تىببەت بۇددا دىنىي گېگەننىڭ ۋارىسلىق قىلىشى بۇددا دىنىي تەشكىلاتنىڭ يىتەكچىلىگىدە، دىنىي قائىدە ۋە تارىخى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. رايۇن بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ياكى رايۇن بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. كاتولولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپىنى مەمىلكەتلىك كاتولولىك دىنىي تەشكىلاتى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تامىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
28- ماددا: دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي سورۇندا ئاساسلىق دىنىي ۋەزىپە ئۆتىشى ياكى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى شۇ دىننىڭ دىنىي تەشكىلاتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تامىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
29- ماددا: دىنىي خادىملارنى دىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشى، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، دىنىي كىتاپلارنى رەتلەش، دىنىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانۇن قوغدايدۇ.
5- باپ دىنىي مال- مۈلۈك
30- ماددا: دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن قانۇنلۇق ئىشلەۋاتقان يەر، قانۇنلۇق ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىۋاتقان ئكي، قۇرۇلما، ئەسلىھەلەر، باشقا قانۇنلۇق مال- مۈلۈك ۋە تاپاۋات قانۇنىغا قوغدايدۇ.
ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننىڭ ۋە قانۇنلۇق مال- مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىشى، تاللاپ كېتىشى، بۇلىۋېلىشى، نابۇت قىلىشىغا ياكى قانۇنسىز پىچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى، مۇسادىرە قىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويولمايدۇ. دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي دوۇرن ئىلكىدە بولغان، ئىشلىتىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى نابۇت قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
31- ماددا: دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن ئىلىدە بولغان ئۆي ۋە ئىشلىتىۋاتقان يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- جاي، يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇھاۋنامىسى ئېلىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقىتدا ئۆتەش كېرەك.
يەت باشقۇرۇش تارمىقى دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆزگەرتىشتە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى كېرەك.
32- ماددا: دىنىي سورۇن دىنىي پائلىيەتكە ئىشلىتىۋاتقان ئۆي، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭدىكى دىنىي خادىملارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى ئۇنى دەسمايە قىلىشقا بولمايدۇ.
33- ماددا: شەھەر پىلانلاش ياكى نوقتىلىق قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ ئۆي ۋە قۇرۇلمىلىرىنى چېقىش، كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە چاققۇچىلار شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇن بىلەن كېڭىشىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى كېرەك. تەرەپلەر كېڭىشىپ چېقىش، كۆچۈرۈشكە قوشۇلسا چاققۇچىلار چېقىلدىغان ئۆي ۋە قۇرۇلمىنى يېڭىدىن سېلىپ بېرىشى ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېقىلغان، كۆچۈرۈلگەن ئۆي ۋە قۇرۇلمىغا بازار باھالانما باھاسى بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.
34- ماددا: دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلار جامئاەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە يولغا قويسا بولىدۇ. تاپاۋىتى ۋە باشقا قانۇنلۇق كىرىمىنى مالىيە ۋە بۇغالتىرلىق باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەت ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك.
35- ماددا: دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلىپ، شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىەە ئۇيغۇن پائالىيەتلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ.
36- ماددا: دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار دۆلەتنىڭ مالىيە- بۇغالتىرلىق، باج باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرمەن بولۇشى كېرەك.
37- ماددا: دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلارنىڭ رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلىدىغانلىرى ياكى بىكار قىلىنغانلىرى مال- مۈلۈكنى ئېنىقلىشى، ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئاشقان مال- مۈلۈكنى شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئىشلىتىشى كېرەك.
38- ماددا: دۆلەت خادىملىرىدىن دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتكە بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا كۆرۈلىدۇ.
39- ماددا: پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىغان ۋە ياكى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىگە كاشلا قىلغانلاردىن دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق- تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
40- ماددا: دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋسىزلىكى، جامائەت خەۋسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، پۇرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە دېمۇكراتىيە ھوقۇقىغا چېقىلىش، ئىجتىمئاىي باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىش، جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ مال- مۈلكىگە چېقىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، جىنايەت شەككىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايە شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن جازالايدۇ. پۇقرالر، قانۇنى ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق- تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
چوڭ دىنىي پائالىيەتلەردە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە شۇ جايدا بىر تەرەپ قىلىندۇ ۋە چېراۋنىڭ جاۋاپكارلىغى بولسا تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان رويىخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.
ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلەرنى دىن ئىشلىرى تارمىقى پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دىنىي پائالىيەت، دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننى بىۋاستە جاۋاپكار خادىمىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرىسىمۇ بولىدۇ.
41- ماددا: دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرسىنى سادىر قىلسا، دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە ۋە دىنىي قىلمىشى ئېغىرراق بولسا تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننى رويىخەتتىن ئۆچۈرىدۇ. قانۇنسىز پۇل- مېلىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننى رويىخەتتىن ئۆچۈرىدۇ. قانۇنسىز پۇل- مېلىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
(1) تۈزۈم ئۆزگەرتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا.
(2) دىنىي سورۇن مۇشۇ نىزامنىڭ 18- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغان ياكى ئۇنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا.
(3) دىنىي سورۇندا يۈز بەرگەن چوڭ ھادىسە، چوڭ ۋەقەنى ۋاقتىدا دوكلات قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.
(4) مۇشۇ نىزامنىڭ 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا.
(5) چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا.
(6) تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قۇبۇل قىلمىغان بولسا.
42- ماددا: دىنىي مەزمۇن بۇ نەشىر بۇيۇمىدا بۇ نىزامنىڭ 7- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىغا مەنئىي قىلىنغان مەزمۇنلار بولسا ئالاقىدار جاۋاپكار ئورۇن ۋە خادىمىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
43- ماددا: ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي سورۇن قۇرغانلار رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن دىنى سورۇندا دىنىي پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي مەكتەپ قۇرغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئامەلدىن قالدۇرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ ھالدا سالغان ئۆي- قۇرۇلمىلىرىنى قۇرۇلۇش مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
غەيرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلاردىن دىنىي پائالىيەت تەشكىللىگەن، ئۆتكۈزگەن، دىنىي ئىئانە قۇبۇل قىلغانلىرىنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ھەجىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەشكىللىگەنلەرنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
44- ماددا: تالادا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. سۈرۈك ئىچىدە چاقتۇرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
45- ماددا: دىنىي خادىملاردىن دىن ئىشلىرىدا قانۇن- نىزام ياكى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار دىنىي تەشكىلاتلارغا ئۇلارنىڭ خادىملىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.
دىنىي خادىم بۇلىۋېلىپ دىنىي پائالىيەت قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى پائالىيىتىنى توختىشىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغلا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
46- ماددا: دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ كونكىرىت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
7- باپ قوشۇمچە پىرىنسىپ
47- ماددا: ئىچكى جايلارنىڭ شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇنى، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇنى ۋە رايۇنى بىلەن بولغان دىنىي ئالاقىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
48- ماددا: بۇ نىزام 2005- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1994- يىل 1- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېلان قىلىنغان «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
()
«دىن ئىشلىرى نىزامى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار ق
- . قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇ
- . يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى م
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى قانۇن ب
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «شەھە
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي–ز
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇ
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار ق
- . قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇ
- . يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى م
- . يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىس
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . دىن ئىشلىرى نىزامى
- . مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
- . جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- . «ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارا
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ