| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا

ۋاقىت : 2010-03-14 17:14 | مەنبەسى : بەشتاش مۇنبىرى | ەمىنلىگۇچى : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت

مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى    

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(48- نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى» 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36- يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.
  2008 -يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى
(2008- يىلى 1-ئاينىڭ 5- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

 


1-ماددا بۇ نىزام غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا بۇ نىزام ئېيتىلغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە مەدەنىيەت ماكانىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
⑴ ئاغزاكى ئەنئەنە، جۈملىدىن، مەدەنىيەت ۋاستىسى بولغان تىل؛
⑵ ئەنئەنىۋى ئورۇنداش سەنئىتى ۋە ئەلئارا گۈزەل سەنئەت؛
⑶ ئەنئەنىۋى مۇراسىم ، ھېيىت- بايرام ، تەبرىكلەش مۇراسىمى، شۇنداقلا ماھارەت، ئويۇن قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيىتى؛
⑷ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتى؛
⑸ تەنتەربىيە دۇنياسىغا ۋە ئالەمگە ئالاقىدار ئەلئارا ئەنئەنىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىيەت؛
⑹ ئالدىنقى 5 تۈرگە ئالاقىدار ماتېرىيال، نەرسە ۋە سورۇن؛
⑺ قوغدىلىدىغان باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى؛
4-ماددا  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1- ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈش، قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش، چىن ۋە مۇكەممەل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، بۇرمىلاش ۋە كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇۈمەتلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، رەھبەرلىك قىلىش- ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا كېتەرلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كېرگۈزۈشى كېرەك.
6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ تەرەققىيات- ئىسلاھات، مالىيە،  مىللەت- دىن، ئىقتىساد- سودا، قۇرۇلۇش مائارىپ، رادىئو- تېلېۋىزىيە، ئاخبارات- نەشرىيات، ساياھەت، تەنتەربىيە ۋە تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تاماقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
7- ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تاشكىلاتلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
8- ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.
 

2- باب قوغداش

9- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي  تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.
ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر،رايون) لەرنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) گە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
10- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنىڭ تۈرى، سانى، جايلىشىش، قوغدىلىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، يېزىق، ئۈن- سىن، رەقەملىك ۋاسىتە قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەقىقىي سىستېمىلىق ۋە ئەتراپلىق خاتىرىلىشى ھەمدە  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ۋە ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك.
11-ماددا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق بايقالغان خەۋپ ئاستىدا قالغان مۇھىم قىممەتكە ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغاندا ياكى باشقا يوللار بىلەن بايقالغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن قوغداش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەخسۇس قوغداش پىلانىنى سۇنۇشى كېرەك.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
ئالدىنقى ئەسەر:يوق
كىيىنكى ئەسەر:مائارىپ ئەسلىھەلىرىدە زور بىخەتەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>