قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟

ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلدە سودا قىلىش، ئىشلەش، ئولتۇراقلىشىش، ساياھەت، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن پاسپورت بېجىرىدىغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. بۇ سەۋەبلىك «قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى قانۇن ساۋاتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىشنى توغرا تاپتىم.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى جۇڭگو پۇقرالىرى دۆلەت چېگراسىدىن كىرىپ چىققاندا ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيىتى جەريانىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، پاسپورتنىڭ بېجىرىلىش تەرتىپى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، ساياھەت پاسپورتى ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا - كونسۇلخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپارات بېرىدۇ؛ دىپلوماتىيە پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بېرىدۇ؛ ھۆكۈمەت پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا - كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتى شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى بېرىدۇ.
پۇقرالاردىن چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش قاتارلىق غەيرىي ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن سۈرىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ، ئادەتتىكى پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى»نىڭ 13-ماددىسىغا ئاساسەن، ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىغا پاسپورت بېرىلمەيدۇ:
1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولمىغانلار؛
2. سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛
3. ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛
4. جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلار؛
5. ئاخىرلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرادىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلار؛
6. جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار؛
7. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چېگرادىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلار. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى قىلىپ، جىنايى جازاغا تارتىلغانلار ياكى چېگرادىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلەرگە پاسپورت بەرگۈچى ئورگان ئۇلارنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە ياكى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە پاسپورت بەرمەيدۇ.
()
«قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار ق
- . قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇ
- . يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى م
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى قانۇن ب
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «شەھە
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي–ز
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇ
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . قانداق كىشىلەرنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئا
- . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامن
- . رېجىمنى قانداق چۈشىنىمىز؟
- . قورساقتىكى بالىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ
- . قانداق جىنايەتچىلەرگە ئېغىر جازا بېرىل
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتو
- . جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىس
- . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار ق
- . قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيىتىپ قۇ
- . يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى م
- . يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىس
- . قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىل
- . دىن ئىشلىرى نىزامى
- . مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
- . جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- . «ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارا
- . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قا
- . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ