پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-01 22:53 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى 2000 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى

2000 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 37 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
 


1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەمدە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - ماددابۇ قانۇندا دېيىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددادۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويىدۇ.
4 - مادداپۇقرالار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.
دۆلەت پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

5 - ماددادۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.
6 - ماددادۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، بېيىتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
7 - ماددادۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئىشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
8 - مادداھەممە مىللەت ئۆز تىل يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

2 – باب دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش
9 - ماددادۆلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت ئىشى تىل - يېزىقى قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
10 - ماددامەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشتا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي تىل - يېزىق قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى خەنزۇ تىل - يېزىق دەرسى ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. خەنزۇ تىل - يېزىق دەرسلىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
11 - مادداخەنزۇچە نەشر بۇيۇملىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
خەنزۇچە نەشر بۇيۇملىرىدا چەت ئەل تىل - يېزىقىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن زۆرۈر ئىزاھات بېرىش كېرەك.
12 - ماددارادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پۇتۇڭخۇانى ئاساسىي ئاڭلىتىش تىلى قىلىدۇ.
چەت ئەل تىلىنى ئاڭلىتىش تىلى قىلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن رادىئو - تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت.
13 - ماددائاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي مۇلازىمەت يېزىقى قىلىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىدىن ۋىۋىسكا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بەلگە تاختىسى قاتارلىقلاردا چەت ئەل يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى بىللە قوللىنىش توغرا كەلسە، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش كېرەك.
ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە پۇتۇڭخۇانى مۇلازىمەت تىلى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
14 - مادداتۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئاساسىي تىل - يېزىق قىلىش كېرەك:
)1( رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە تىل - يېزىقى؛
)2( جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە يېزىقى؛
)3( ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقى؛
)4( كارخانا، كەسپىي تەشكىلات نامى؛
)5( چېگرا ئىچىدە سېتىلىدىغان تاۋارنىڭ ئورۇسى ۋە چۈشەندۈرمىسى.
15 - ماددائۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا قوللىنىلغان دۆلەت ئورتاق - تىل - يېزىقى دۆلەتنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

16 - ماددابۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، دىئالېكتنى قوللىنىشقا بولىدۇ:
)1( دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛
)2( گوۋۇيۈەننىڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاڭلىتىش تىلى قىلىش توغرا كەلسە؛
)3( تىياتىر، كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىدە قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛
)4( نەشر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا.
17 - ماددابۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان خەت، ۋاريانت خەتنى ساقلاپ قېلىشقا ياكى قوللىنىشقا بولىدۇ:
)1( مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار - ئەتىقىلەر؛
)2( فامىلىدىكى ۋاريانت خەت؛
)3( ھۆسىن خەت، ئويما نەقىش قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى؛
)4( بېغىشلىما ۋە ۋىۋىسكا قول يازمىلىرى؛
)5( نەشر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛
)6( گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەستىقلىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار.
18 - ماددادۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا «خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» يېزىش ۋە ترانسكرىپسىيىلەش قورالى قىلىنىدۇ.
«خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» جۇڭگو كىشى ئىسىملىرىنى، يەر ناملىرىنى ۋە خەنزۇچە ھۆججەت - ماتېرىياللاردىكى رىم ھەرپىنى يېزىشنىڭ بىر تۇتاش قېلىپى. ئۇ خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىش قولايسىز بولغان ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى قوللىنىشقا بولمايدىغان ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ.
باشلانغۇچ مائارىپتا خەنزۇ تىلى فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئوقۇتۇش كېرەك.
19 - مادداپۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلىدىغان ئىش ئورنىدىكى خادىملار پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلغان دېكتورلار، پروگرامما رىياسەتچىلىرى ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسى دۆلەت بەلگىلىگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك؛ دۆلەت بەلگىلىگەن پۇتۇڭخۇا دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تەربىيىلەش كېرەك.
20 - مادداسىرتقا قارىتىلغان خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش كېرەك.

3 – باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش

21 - ماددادۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى تارمىقى پىلانلايدۇ، يېتەكلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز سىستېمىسىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ.
22 - ماددايەرلىك تىل - يېزىق خىزمىتى تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
23 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا نامى، تاۋار نامى ھەمدە ئېلاندا قوللىنىلغان تىل - يېزىقنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
24 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى تارمىقى پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ.
25 - مادداچەت ئەل كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى قاتارلىق مەخسۇس ئىسىم ۋە پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدىكى تەرجىمىسىنى بېكىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
26 - ماددابۇ قانۇننىڭ 2 - بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تىل - يېزىقنى قوللىنىشتا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارغا پۇقرالار تەنقىد ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
بۇ قانۇننىڭ 19 - ماددا 2 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن خادىملار تىل ئىشلىتىشتە بۇ قانۇننىڭ 2 - بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار ئورۇنلار بىۋاسىتە جاۋابكارغا تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئالاقىدار ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ.
شەھەر ئاممىۋى سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە، ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقىدا بۇ قانۇننىڭ 2 - بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
27 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ دۆلەت ئورتاقتىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا كاشىلا قىلغانلارنى ئالاقدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

28 - ماددابۇ قانۇن 2001 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

 

مەزكۇر ماقالىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى DOC بولغان WORD ھۆججىتىنى ساقلىۋىلىڭ.

 

 

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر