بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالاقىدار قانۇنلىرى ئەنگىلىيىدە:قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھاراق ئىچىشى چەكلىنىدۇ.ئەنگىلىيە ساقچىلىرىنىڭ يىشى 18گە توشمىغانلارنىڭ ھاراقلىرىنىى مۇسادىرە قىلىش ھەم ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئادرىسىنى خاتىرلىۋىلىش ھوقوقى بار.ساقچىلارنىڭ يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھاراق ئىچكەن بولسا ئۇلارغا ھاراق سىتىپ بەرگەن قانۇنسىز تىجارەتچىلەرنى تىپىپ بېرىشكە مەجبۇرلاش ھوقوقىمۇ بار. شۋېتسارىيىدە:دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن جەرىمانە ئىلىنىدۇ.بۇ دۆلەتتە ئوقۇغۇچىلار سەۋەپسىز دەرس قالدۇرسا ،مەكتەپ ئەرز قىلسا،سوت جازا خارەكتىرلىك جەرىمانە ئالىدۇ. فىلىپپىندا : فىلىپپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا يىشى 18گە توشمىغانلارنىڭ كېچىدە كوچىغا چىقىپ يۇرۇشى چەكلىنىدۇ،دەپ بەلگىلەنگەن.شۇڭا ئۇلار ھەر كۇنى كەچ سائەت توققۇزدىن كىيىن كوچىغا ھامىيسىز چىقسا ساقچىلار تۇتىۋالىدۇ. ئامرىكىدا:ۋاشىنگىتون شەھرىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىچىدە سىرتتا يۇرۇشى چەكلەنگەن . بۇ شەھەرنىڭ پارلامىنتى ھامىيسى بىللە بولمىغان ، يىشى 17 گە توشمىغان باللارنىڭ يەكشەنبە كۇنىدىن پەيشەنبە كۇنىگىچە كەچ سائەت 11:00دىن ئىككىنچى كۇنى سەھەر 6:00گىچە كوچىدا ئايلىنىپ يۇرىشى چەكلەنگەن.
|